2019 – سايلاملىرى: تۈركىيە دىكاتورلۇقمۇ

تۆۋەندە ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى مۇدىرى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۈلبۈلنىڭ «2019 – سايلاملىرى: تۈركىيە دىكاتورلۇقمۇ» سەرلەۋھىلىك ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1176366
2019 – سايلاملىرى: تۈركىيە دىكاتورلۇقمۇ

2019 – سايلاملىرى: تۈركىيە دىكاتورلۇقمۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەنىڭ 1840– يىلى باشلانغان ۋە جۇمھۇرىيەت دەۋرىنىڭ 19 – قېتىملىقى بولغان ئەڭ يېڭى مەھەللىي سايلىمى 2019 – يىلى 31 – مارتتا ئۆتكۈزۈلدى. سايلامدا جۇمھۇر ئىتتىپاقى %51.6، مىللەت ئىتتىپاقى %37.5 ئاۋازغا ئېرىشتى. پارتىيەلەرنىڭ ئېرىشكەن ئاۋاز نىسبەتلىرى 2014 – يىلىدىكى مەھەللىي سايلاملارغا سېلىشتۇرۇلغىنىدا، رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە: ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 2014 – يىلىدىكى %43.1 لىك ئاۋاز نىسبىتىنى بۇ سايلاملاردا %44.3 گە چىقارغان بولسىمۇ، باشلىقلىقىنى قولغا كەلتۈرگەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت سانى 48 دىن 39 غا چۈشۈپ قالدى. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئاۋاز نىسبىتىنى %26.6 دىن %30.1 گە، قولغا كەلتۈرگەن ۋىلايەت سانىنى 14 تىن 21 گە چىقاردى. مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئاۋاز نىسبىتى %17.8 دىن %7.3 چۈشۈپ قالدى، بىراق بۇ پارتىيە شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى سانىنى 8 دىن 11 گە چىقاردى. خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى ئالدىنقى قېتىملىق سايلامدا %6.2 ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى سايلامدا ئاۋاز نىسبىتى %4.2 گە چېكىندى؛  شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى سانىمۇ تۆۋەنلىدى.

بۇ نەتىجىلەر قانداق مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ؟ بۇ پىروگراممىمىزدا تۈركىيەدىكى مەھەللىي سايلام نەتىجىلىرىنىڭ تۈركىيە ئىچى – سىرتىدا ئىپادىلەيدىغان مەنىلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتىمەن.

 

سايلامنىڭ ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغۇچىلىرى «تۈركىيە دىكتاتورلۇقتۇر» دېگۈچىلەردۇر

 

بىر مەھەللىي سايلام بولۇشىغا قارىماي، خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ تۈركىيە سايلاملىرىغا ناھايىتى كۈچلۈك شەكىلدە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى كۆرۈلدى. بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، بۇ قۇرلار يېزىلىۋاتقان ئەسنادا ئەنقەرە، ئىستانبۇلغا ئوخشاش چوڭ شەھەرلەرنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا ئالمىشىش بولىدىغاندەك تۇرۇشىدۇر. خەلقئارادىكى بەزى تاراتقۇلار ۋە سىياسەتچىلەر، ھاكىممۇتلەقلىق، دىكتاتورىلىق بىلەن ئەيىبلەپ كەلگەن بىر تۈركىيە ئوبرازىغا شۇنداق كۈچلۈك ئىشىنىۋالغان بولۇشى كېرەككى، سايلامنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن ناھايىتى نورمال شەكىلدە بەزى شەھەرلەرنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنىڭ باشقا بىر پارتىيەگە ئۆتىدىغان بولۇشىغا ھەيران قالماقتا.  180 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان مەھەللىي سايلام ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدە، بۇ ئەھۋال ھەددىدىن زىيادە ھەيرانلىق ياراتمىغان بولسىمۇ، ئۆزلىرى شەكىللەندۈرۈۋالغان پانۇس ئىچىدىن تۈركىيەگە قارىغان بەزى غەرب تاراتقۇلىرى ۋە لىدىرلىرى نەتىجىلەرنى چۈشىنىشتە قىينىلىپ قالدى. بۇ قاتلاملارنىڭ تۈركىيەگە قاراتقان تەشۋىقات خاراكتېرلىك سۆزلىرى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاندى. بۇ جەھەتتىن قارىغاندا، بەلكى سايلامنىڭ ئەڭ ئېغىر مەغلۇپ بولغۇچىلىرى تاييىپ ئەردوغاننى دىكتاتورىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن قاتلاملاردۇر.

باشقا (كۆپ پارتىيەلىك) دۆلەتلەردە كوممۇنىست پارتىيە بارمۇ؟ بولسا، سايلامدا غەلىبە قىلالامدۇ؟ بىلمەيمەن. بۇ سايلاملاردا تۇنجەلىدە پ ك ك  تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىگە ۋە خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ بېسىمىغا قارىماي، تۈركىيە كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ نامزاتى غەلىبە قىلدى. بۇ ئەھۋالمۇ، غەلىتە تۇيغۇلارنى ئەمەس، ھەقىقەتنى كۆرمەكچى بولغانلارغا تۈركىيەنىڭ ياخشى يۈرۈشۈۋاتقان بىر دېموكراتىيەسىنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان باشقا بىر پاكىت ھېسابلىنىدۇ.

 

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى: غەلىبە ۋە ئاگاھلاندۇرۇش

 

ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى قولغا كەلتۈرگەن %44.3 لىك ئاۋاز بىلەن قۇرۇلغىنىدىن بۇيان كىرگەن 15 – قېتىملىق سايلامدىمۇ غەلىبە قىلغان بولدى. 2002 – يىلىدىن بۇيان ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كېلىۋاتقان بىر پارتىيەنىڭ، يېقىنقى ئىقتىسادىي كىرىزىسقا قارىماي، ئالدىنقى قېتىملىق سايلاملارغا سېلىشتۇرغاندا ئاۋاز نىسىبىتىنى %1 دىن ئارتۇق ئاشۇرغان بولۇشى زور ئۇتۇق ھېسابلىنىدۇ. 2018 – يىلى 24 – ئىيۇندىكى جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدا قولغا كەلتۈرگەن %52.3 لىك ئاۋاز نىسبىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، جۇمھۇر ئىتتىپاقىنىڭ ئاۋاز نىسبىتىدە پەقەت %0.7 لىك چېكىنىش كۆرۈلدى. دۆلەت مىقياسىدا ئاۋاز نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولۇشىغا قارىماي، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بەزى شەھەرلەردە ئۇتتۇرۇپ قويدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بالكون نۇتقىدا، بۇ ئەھۋالنىڭ سەۋەبلىرىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، تېگىشلىك ساۋاقلارنى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

چوڭ ئۆكتىچى پارتىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئالدىنقى قېتىملىق مەھەللىي سايلاملارغا سېلىشتۇرغاندا ئاۋاز نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. بىراق جۇمھۇر رەئىسلىك سايلىمىدىكى نامزاتى مۇھەررەم ئىنجە ئالغان %30.6 لىك ئاۋاز نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئاز ئاۋازغا ئېرىشتى. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى نۇقتىسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغىنى بەزى چوڭ شەھەرلەردە ئاۋاز نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، سايلاملاردا غەلىبە قىلغانلىقىدۇر.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئاۋاز نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن ئەنقەرە، ئىستانبۇل، ئانتالياغا ئوخشاش شەھەرلەردىكى نامزاتلىرىغا قارالغىنىدا، بۇ كىشىلەرنىڭ كىلاسسىك جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئەنئەنىسىگە مەنسۇپ كىشىلەر ئەمەسلىكى كۆزگە چېلىقىدۇ. جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ  1994 – يىلىدىكى سايلاملاردىن كېيىن فاتىھە ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا بىلدۈرگەن نارازىلىقى ھازىرمۇ كىشىلەرنىڭ خاتىرىسىدە تۇرماقتا. بۇ سايلاملاردا ئەڭ كۆپ ئەستە قالىدىغان كۆرۈنۈشلەرنىڭ بىرى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى ئىستانبۇل نامزاتى ئەكرەم ئىمامئوغلۇنىڭ ياسىن سۈرىسىنى ئوقۇشىدۇر. تۈركىيە خەلقى ۋە قىممەت – قاراشلىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىن بىر جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى، تۈركىيە ئۈچۈن ئۇتۇقتۇر. بۇ ئەھۋال پىرېزىدېنتلىق ۋە ئىتتىپاق سىستېمسىىنىڭ تەبىئىي نەتىجىسىدۇر. پىرېزىدېنتلىق ۋە ئىتتىپاق سىستېمىسى ئاشقۇنلۇقلارنىڭ، سۈركىلىشلەرنىڭ ئەمەس، تېخىمۇ سوغۇققان كىشىلەرنىڭ يولىنى ئاچماقتا.

 

خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسىگە قارىماي، «كۇردىستان» ئەمەس، تۈركىيە دېگەن كورد بېلەت تاشلىغۇچىلار

 

خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسى، ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا، سايلامدىن ئىلگىرى يەنە يەكلىگۈچى، قۇتۇپلاشتۇرغۇچى تىل ئىشلەتتى. شەرقتە ئۆز بېلەت تاشلىغۇچىلىرىنىڭ «كۇردىستان» ئۈچۈن بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى. سايلاملاردا، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ قەلئەسى دەپ قارىلىۋاتقان 4 شەھەردە سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويدى. شىرناق، ئاغرى، بىتلىس ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ، تۇنجەلى تۈركىيە كوممۇنىست پارتىيەسىنىڭ قولىغا ئۆتتى. شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبتىكى كورد بېلەت تاشلىغۇچىلار تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى، خەلقلەرنىڭ دېموكراتىيە پارتىيەسىنىڭ قانۇنلۇق مۈلكىدەك كۆرۈنۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نەتىجىلەرنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى – مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئىتتىپاقىدىن كورد سايلىغۇچىلارنىڭ نارازى ئەمەسلىكى ۋە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن رەھبەرلەرنىڭ خىزمەتلىرىدىن مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ ئىزاھلاشقا بولىدۇ.

 

سايلامغا ئىشتىراك قىلىش نىسبىتىدىكى تۆۋەنلەش ئاۋاز بېلەتلىرىدە پارتىيە كىملىكىنىڭ بولماسلىقىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلامدۇ؟

 

مەھەللىي سايلاملارغا ئىشتىراك قىلىش نىسبىتىمىز، باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن، خۇسۇسەن غەربتىكى دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە يۇقىرى. بۇ قېتىمقى سايلامغا ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى %84 بولدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، ئالدىنقى قېتىملىق مەھەللىي سايلاملاردىكى %89 لىك ئىشتىراك قىلىش نىسبىتى بىلەن سېلىشتۇرۇلغىنىدا، %5 لىك تۆۋەنلەش كۆرۈلدى؛ بۇ ئويلىنىشقا تېگىشلىك نىسبەت ھېسابلىنىدۇ. ئىشتىراك قىلىش نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىشىدە بۇ سايلاملاردا پارتىيەلەرنىڭ ئۆز كىملىكلىرى بىلەن ئەمەس، ئىتتىپاق بىلەن كىرىشلىرىنىڭمۇ تەسىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن. بېلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئون يىللاردىن بۇيان بېلەت تاشلاپ كەلگەن پارتىيەدىن باشقا بىر پارتىيەگە بېلەت تاشلىغۇسى كەلمىگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى سايلاملاردا ئىتتىپاق بولىدىغان بولسا، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ ئۆز كىملىك ۋە لوگولىرى بىلەن ئاۋاز بېلەتلىرىدىن ئورۇن ئېلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان ئىتتىپاق سىستېمىلىرى توغرىسىدا ئويلىنىش كېرەك.

سايلامنىڭ يەنە بىر نەتىجىسى، 2014 – يىلى %17.8 ئاۋازغا ئېرىشكەن مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى ئاۋازلىرىنىڭ بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇشىدۇر. مىللىيەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى بۇ سايلاملاردا %7.3 ئاۋازغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقلىقى ئالغان ۋىلايەت سانىنى 8 دىن 11 گە چىقاردى، يەنە بىر تەرەپتە،%7.4 ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىيى پارتىيە ھېچبىر ۋىلايەتتە سايلامدا غەلىبە قىلالمىدى. سائادەت پارتىيەسىنىڭ ھەر ئىككى سايلامدىكى ئاۋاز نىسبىتى %2.7 دۇر.

خۇلاسىلىگەندە، سايلاملاردا ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا غەلىبە قىلغان تەرەپ يەنە بىر قېتىم دېموكراتىيە بولدى، تۈركىيە بولدى. سايلام نەتىجىلىرىنىڭ ئات كۆزئەينىكى بىلەن تۈركىيەگە قاراۋاتقان قاتلاملارنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ۋاسىتە بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر