بۈگۈن چاناققەلئە دېڭىز زەپىرى كۈنى

چاناققەلئە دېڭىز زەپىرى كۈنىنى چەكسىز ھاياجان ۋە چوڭقۇر ئىپتىخارلىق ئىلكىدە تەبرىكلەيمىز.

1165450
بۈگۈن چاناققەلئە دېڭىز زەپىرى كۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنى ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق ئۇرۇشنىڭ سىرتىدا قالدۇرماقچى بولغان ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەلىرى چاناققەلئە بوغۇزىدىن دېڭىز يولى ئارقىلىق ھالقىپ ئۆتۈشكە ئۇرۇندى.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئارمىيەسى ۋە دېڭىز ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ مىسلىسىز زەپىرى بىلەن نەتىجىلەنگەن بۇ ھۇجۇم، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۇچراپ، ئارقىغا چېكىنىشى بىلەن ئاخىرلاشتى.  

بۇ كۈچلەر چاناققەلئە بوغۇزىدىن دېڭىز ئارقىلىق ھالقىپ ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، قۇرۇقلۇقتىن ئۇرۇش قوزغىدى. ئەمما، تۈركىيە خەلقىنىڭ شۇنچە ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىشى ۋە كۆپلىگەن ئەسكەرلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇشىغا قارىماي، مىسلىسىز جاسارىتى ۋە پىداكارلىقى بىلەن ۋەتەننى جان تىكىپ قوغدىشى نەتىجىسىدە، ئىشغالچى كۈچلەر چاناققەلئە بوغۇزىدىن ئۆتەلمىدى.

«چاناققەلئەدىن ئۆتۈلمەس» ناخشىسى تىللارغا داستان بولۇپ، دوست بىلەن دۈشمەن چۈشىنەلەيدىغان تىلدا قايتا – قايتا تەكرارلاندى.

چاناققەلئە دېڭىز زەپىرى كۈنىنى يەنە بىر قېتىم چەكسىز ھاياجان ۋە چوڭقۇر ئىپتىخارلىق ئىلكىدە تەنتەنىلىك ھالدا تەبرىكلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر