تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسىغا كىملەر ئىلتىماس قىلالايدۇ؟

تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسىغا كىملەرنىڭ ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقى، نامزاتلارنىڭ قايسى شەرتلەرنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا

1163876
تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسىغا كىملەر ئىلتىماس قىلالايدۇ؟

تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسىغا كىملەر ئىلتىماس قىلالايدۇ؟

ھەممىڭلارغا مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكەن ھەپتە چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم خىزمەتلىرىدىن بىرى بولغان «تۈركىيە ئوقۇش پىروگراممىسى»توغرىسىدا قىسقىچە توختىلىپ ئۆتكەنىدۇق.  تۈركىيەنىڭ كۆڭۈل كۆۋرۈكلىرى ناملىق بۇ پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە يەنە مەزكۇر ئوقۇش پىروگراممىسىغا كىملەرنىڭ ئىلتىماس قىلالايدىغانلىقى، قايسى شەرتلەرنىڭ بولۇشى ۋە بۇ پىروگراممىنىڭ نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىغا دائىر سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز.

تېگىشلىك ماتېرىياللار

ئىنتېرنېت ئارقىلىق قىلىنىدىغان ئىلتىماس ئۈچۈن بارلىق نامزاتلار تۆۋەندىكى ماتېرىياللارنى تەييارلاپ چىقىشى كېرەك:

  • ئىناۋەتلىك كىملىك
  • ئىناۋەتلىك پاسپورت
  • نامزاتنىڭ ئەڭ يېڭى رەسىمى
  • بۇرۇنقى ئىتىمان نەتىجىلىرى
  • دىپلوم ياكى ۋاقىتلىق ئوقۇش پۈتتۈرۈش كېنىشكىسى
  • ئىلمىي نەتىجە جەدىۋىلى
  • خەلقئارا ئىمتىھان نەتىجىلىرى ( GRE ۋە GMAT غا ئوخشاش )
  • چەت ئەل تىل نەتىجىسى
  • تەتقىقات تېمىسى لايىھەسى ۋە ھازىرغىچە روياپقا چىقارغان تەتقىقات لايىھەلەرگە مۇناسىۋەتلىك  ئىسپاتلار (دوكتورلۇق ئوقۇشى ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغۇچىلار)

كىملەر ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشەلەيدۇ؟

  • تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى پىروگراممىسى بارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا ئوچۇق
  • مەلۇم دەرىجىدە ئوقۇش ئاساسى بولۇش ياكى ئوقۇغان بولۇش، مەسىلەن تولۇق كۇرسقا ئىلتىماس قىلغۇچىلار70، مىدېتسىنا، ئېغىز بوشلۇقى ئىلمى ۋە دورىگەرلىك قاتارلىق سەھىيە بىلىملىرىگە ئىلتىماس قىلغۇچىل90، ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇققا ئىلتىماس قىلغۇچىلار 75 ئەتراپىدا ئىلمىي نەتىجىگە ئىگە بولۇشى لازىم.

 

تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ئادا قىلىش كېرەك:

  • تولۇق كۇرسقا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن 21 ياشتىن تۆۋەن بولۇش
  • ماگىستىرلىققا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن 30 ياشتىن تۆۋەن بولۇش
  • دوكتورلۇققا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن 35 ياشتىن تۆۋەن بولۇش
  • تەتقىقات پىروگراممىلىرىغا ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن 45 ياشتىن تۆۋەن بولۇش

 

تۈركىيە ئوقۇش پۇلى پىروگراممىسىنى نېمىلەر ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟

  1. ئايلىق تۇرمۇش چىقىمى ئۈچۈن بېرىلىدىغان پۇل مىقدارى:

تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىغا 700 تۈرك لىراسى، ماگىستىر ئوقۇغۇچىلارغا 950 تۈرك لىراسى، دوكتور ئوقۇغۇچىلارغا 1400 تۈرك لىراس، تەتقىقاتچىلارغا 3000 تۈرك لىراسى، تۈركچە ئوقۇۋاتقانلارغا 500 تۈرك لىراسى، دۆلەت مەمۇرلىرى ۋە ئاكادېمىكلارغا 2000 تۈرك لىراسى بېرىلىدۇ.

  1. ئوقۇش راسخوتى، كېلىپ-كېتىش يول راسخوتى، قونالغۇ،  بىر يىللىق تۈركچە كۇرۇسنىڭ چىقىمى كۆتۈرۈلىدۇ.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر