تۈركىيەنىڭ 180 يىللىق يەرلىك سايلاملىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز 2019 – 11

1162728
تۈركىيەنىڭ 180 يىللىق يەرلىك سايلاملىرى

تۈركىيەنىڭ 180 يىللىق يەرلىك سايلاملىرى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز 201911

تۈركىيەنىڭ 180 يىللىق يەرلىك سايلاملىرى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! تۆۋەندە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتىتى باشلىقى پىروافېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ 180 يىللىق يەرلىك سايلاملىرى» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىلارغا سۇنىمىز.

***** ** ** ** **** ***

تۈركىيە 2019 - يىلى 31مارت كۈنى يېڭى بىر سايلام ئۆتكۈزىدۇ. سىياسىي پارتىيەلەر ۋە مۇستەقىل نامزاتلار سايلامدا ئۇتۇققا ئېرىشىش ئۈچۈن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. شۇڭا بۇ ھەپتىلىك پىروگراممىدا مەنمۇ سايلامغا ئالاقىدار كۆزەتكەنلىرىمنى ۋە يەرلىك سايلامغا دائىر قاراشلرىمنى ھەمبەھىرلەشمەكچىمەن.

ئەسلىدە تۈركىيەدە تۇنجى يەرلىك سايلام تەنزىمات دەۋرىدىكى بۇيرۇقتىن بىر يىل كېيىن، يەنى 1840يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. پىروفېسسور مەھمەت ئالقاننىڭ قارىشىچە، يەرلىك كېڭەش ئەزالىرىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ سايلام تارىخىمىزدىكى تۇنجى يەرلىك كېڭەش سايلىمى ئىدى. بۇ سايلامنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى دېموكراتىيەنىڭ تۇنجى بىۋاستە نەمەنۇلىرىدىن بىرسى بولغانلىقىدۇر. بۇ ئارقىلىق ئوسمانلى خەلىپىلىكى مۇسۇلمانلار ۋە غەيرى مۇسۇلمانلارنى سايلام بىلەن تۇنۇشتۇرغان ئىدى. ئىستانبۇلدا 1855يىلىمۇ بەيئوغلۇ 6دائىرە شەھەرلىك ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. 1860يىلىدىن كېيىنكى ئوسمانلى خەلىپىلىكى دەۋرىدە ھەر قايسى شەھەرلەردە شەھەرلىك ھۆكۈمەت كېڭەشلىرى بارغانسىرى ئومۇملاشتى. يەرلىك سايلامغا ئالاقىدار تۇنجى بەلگىلىمە 1868 يىلىدىكى «دەرسائادەت، ئىدارى بەلىدىيە نىزامنامىسى» ئىدى. 

جۇمھۇرىيەت دەۋرىدە تۇنجى يەرلىك سايلام 1930يىلىدا ئۆتكۈزۈلدى. 1930يىلىدىن باشلانغانخە، 2019يىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يەرلىك سايلام جۇمھۇرىيەت دەۋرىنىڭ 19 - نۆۋەتلىك يەرلىك سايلىمى ھېسابلىنىدۇ. 1950يىلىدىكى كۆپ پارتىيەلىك دېموكراتىك تۈزۈمگە ئۆتكەندىن كېيىنكى 14نۆۋەتلىك سايلام بولىدۇ.

دەرۋەقە، تۈركىيەنىڭ 180 يىللىق يەرلىك سايلام تارىخى نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەرنىڭكىگە سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ قەدىمى ۋە سانى تېخىمۇ كۆپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھەر بىر سايلام ئۆزگىچە شارائىت، ئۆزىگە خاس ئوخشىماسلىقلار ۋە يېڭىلىقلارنى ئېلىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى يەرلىك سايلام 2017يىلىدا خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش بىلەن قوبۇل قىلىنغان پىرېزىدېنتلىق تۈزىمىدىن كېيىنكى تۇنجى سايلام ھېسابلىنىدۇ. بۇ نۇقتىتىدىنمۇ ئۆزگىچە بىر مەنىگە ئىگە.

بۇ يەرلىك سايلامنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، ئىلگىرى چەكلەنگەن سايلاملاردا بىرلىشىشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن مۇمكىن بولىدىغان ھالغا كەلگەنلىكىدۇر. بۇ دائىرىدە جۇمھۇر ئىتتىپاقى ۋە مىللەت ئىتتىپاقىغا قېتىلغان پارتىيەلەر بىرلىشىپ سايلامغا كىرىدۇ. ئىتتىپاقلاشقان پارتىيەلەر قائىدە بويىچە ئۆزئارا كېلىشكەن رايونلاردا بىر بىرىنىڭ نامزاتلىرىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدۇ ۋە نامزات كۆرسىتىدۇ. 

پارتىيەلەرنىڭ ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىشىنىڭ مۇمكىن ھالغا كەلگەنلىكى، دېموكراتىك بىر تاللاشنىڭ مەنئىي قىلىنىشىدىن قۇتۇلغانلىقى بولۇش نۇقتىسىدىنمۇ ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە پارتىيەلەر ئۆز كىملىكلىرى ۋە پارتيە بەلگىلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىقنى ئىشقا ئاشۇرماسلىقىلىرى شۇنداقلا ئاۋاز بېلىتىدە ئورۇن ئالماسلىقى بىر كەمچىللىكتۇر. بۇ ئەھۋال پارتىيەلەرنىڭ ئاكتىپ خىزمەتلىرىنى ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ قاتنىشىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن. ئومۇمىي سايلامدا ئىتتىىپاقلىق ئورنىتىشنى مۇمكىن ھالغا كەلتۈرىدىغان بەلگىلىمە ھازىرلىقىدىكى چاغدا مەن مۇنۇ قاراشلىرىمنى ھەمبەھىرلەشكەن ئىدىم.

«بەلگىلىمە يەرلىك سايلام ئۈچۈنمۇ ئىناۋەتكە ئىگە بولىدىغان شەكىلدە تەييارلانسۇن. خالىغان پارتىيەلەر ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ پارتىيە بەلگىلىرى ۋە ئۆز نامزاتلىرى بىلەن سايلامغا كىرسۇن. ئىتتىپاققا قېتىلغان پارتىيەلەرنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئاۋاز بېلەتلىرى، خۇددى ھەممىسى بىرلا پارتىيەدەك بىرلىكتە سانالسۇن. ئەگەر بىرەر رايوندا قايسى ئىتتىپاق يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشسە، ئۇ ئىتتىپاق ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن نامزات سايلامدا ئۇتقان بولسۇن. شۇنىڭدەك پارتىيەلەرنىڭ ئۆز بەلگىلىرى ۋە نامزاتلىرى بىلەن ئىتتىپاققا قاتنىشىش شەكلى، پارتىيەلەرنىڭ ۋە سايىلغۇچىلارنىڭ سايلامغا ئاكتىپ قاتنىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ»

 

يەرلىك سايلامنىڭ مەنىسى

سايلامغا تېخىمۇ يۇمشاق بىر مۇھىت ئىچىدە كىرىشنىڭ ئۆزىلا نورماللىشىشنىڭ داۋملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سايلامغا شۇنچە ئاز ۋاقىت قالغان بولۇشىغا قارىماي ئالدىنقى سايلاملارغا سېلىشتۇرغاندا سايلام ھاياجانلىرى بىراز تۆۋەندەك كۆرۈنمەكتە. پىرېزىدېنتلىق تۈزىمىنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرگۈچى تەسىرىنىڭ بۇ ئەھۋالغا بەلىگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باشلىغان ئېلېكتىرونلۇق سايلام سەپەرۋەرەلىكىمۇ سايلاملارنىڭ تېخىمۇ ئاز غۇلغۇلا بولىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرسىدۇر. ئىلگىرى ئاپتوموبىل ۋە كارۋانلارنىڭ كاناي ئاۋازلىرى، كوچىلارنى بىر باشتىن يەنە باشقىچە قاپلىغان لوزىنكىلار ئەڭ چەت ياقىدىكى جايلارنىمۇ سايلامدىن خەۋەردار قىلاتتى. ئەمدىلىكتە بولسا، كۈندىلىك تۈرمۇشتا سايلاملارنىڭ تەسىرى ئۇنچە غۇلغىلا قىلىنمايدىغان ھالغا كەلدى.

سايلاملارنىڭ تېخىمۇ يۇمشاق مۇھىتتا ئۆتكۈزۈلىشى، سايلام سەپەرۋەرلىكلىرىنىڭ مۇھىتقا كۆڭۈل بۆلگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلىشى، سايلام خىزمەتلىرىنىڭ كوچىلاردىن ئېلېكتىرونلۇق دۇنياغا يۈزلىنىشى قاتارلىقلار تۈركىيەدە نورماللىشىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ.

 

پىرېزىدېنتلىق تۈزىمىنىڭ ۋە مۇقىملىقنىڭ داۋاملىشىشى

تۈركىيە تېخى يېڭىلا پىرېزىدېنتلىق تۈزىمىگە ئۆتكەن بىر دۆلەت. ھەرقانداق چوڭ ئۆزگىرىش مۇئەييەن نىسبەتتە ئېنىقسىزلىق ۋە نارازىلىقلارنى يارىتىدۇ. تۈپكى ئۆزگىرىشلەر بۇ ئېنىقسىزلىق ۋە نارازىلىقلارنى يېڭىپ يولىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ، ھەرگىزمۇ ئارقىغا يېنىش بىلەن ئەمەس.

پىرېزىدېنتلىق تۈزىمىدىن كېيىنكى 2019يىللىق يەرلىك سايلام تۈنجى سايلام ئەمەس بەلكى تۈزۈم تولۇق ئورنىتىلىپ بولغاندىن كېيىنكى سايلام بولغان بولسا ئىدى، ئۇچاغدا سايلام نەتىجىلىرىنى پىرېزىدېنتلىق تۈزۈمىگە چېتىپ قاراشقا بولماسلىقى مۇمكىن ئىدى. بىراق ھازىرقى ئەھۋالدا ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنىڭ كۆپىيىشى، ئۆكتىچىلەرنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىنى قايتىدىن تالاش - تارتىش قىلىدىغان يەرگە ئەكىلىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇ سايلاملار پىرېزىدېنتلىق سايلىمى نۇقتىسىدىن تولىمۇ مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

28فېۋرال، 27ئاپرىل ۋە ئەرگەنەكون ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنىشى شۇنداقلا گەزى باغچىسى ۋەقەسى، 17ۋە 25دېكابىر كىرىزىسى ھەمدە 15ئىيۇل ھەربىي سىياسىي ئۆزگرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش خىيانىتى قاتارلىقلار، يېقىنقى 20 يىل ئىچىدە تۈركىيە دۇچ كەلگەن ھەربىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكىلەردۇر. بۇ ئۇرۇنۇشلارنىڭ ھېچ بىرىنى تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئەھۋالى بىلەنلا ئىزاھلاشقا بولمايدۇ. 2000يىللىرىدا باشلانغان دېموكراتىيەلىشىش ۋە ھاكىمى مۇتلەقلىقنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كۈرىشى ئاساسى جەھەتتىن نىشانغا يەتتى. ئىچكى ھاكىمى مۇتلەق كۈچلەر تارقىتىلىپ، مىللىي ئىرادىنىڭ ئالدىدىكى توساقلار ئېلىپ تاشلاندى. بىراق ئىچكى جەھەتتىكى بۇ بارلىق ئىلگىرىلەشلەرگە قارىماستىن، تۈركىيەنىڭ ئۈستىدىن ئۆز ھېسابلىرىنى ماڭدۇرىۋاتقان تاشقى كۈچلەرنى بۇ ھېسابلاردىن ۋاز كەچتى دېگىلىمۇ بولمايدۇ.

تاشقى ھاكىمى مۇتلەقلىق ئامىللىرىنىڭ ئاكتىيورلىرى ئۆز مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن دۆلەت ئىچىدە يېڭى ھاكىمى مۈتلەقلىق مەركەزلىرىنى قۇرالماسلىقى، تۈركىيەدە پىرېزىدېنتلىق تۈزىمىنىڭ تولۇق ئورۇنلىشىشى ۋە مۇقىملىقنىڭ داۋاملىشىشى ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئېنىقسىزلىق ۋە مالىمانچىلىق مۇھىتى ئىچكى ۋە تاشقى ھاكىمى مۇتلەقلىق مەركەزلىرىگە يېڭى ئۈمىت ئىشىكى ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن. 

سايلاملارنىڭ مەنىسى مەيلى نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەرقانداق سايلام يېڭى بىر سايلامدۇر. سىياسىي پارتىيەلەرمۇ بۇ جەھەتتە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. ئۆكتىچى پارتىيەلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھاكىمىيەتتىكى پارتىيە تېخىمۇ بەك ئاكتىپ سەپەرۋەلىك خىزمىتى ئېلىپ بارماقتا. شۇنچە ئۇزۇن مەزگىل ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ كەلگەنلىكى يۈزىسىدىن ئۇپراش نىسبىتىنىمۇ نەزەردە تۇتقاندا، ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە بارلىق سايلاملاردا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن نىشاننى تېخىمۇ يۇقىرى تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى شۇنداقلا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بارلىق سايلاملاردا بولغانغا ئوخشاش بۇ سايلاملاردىمۇ ئەڭ كۆپ شەھەرگە بارغان، ئەڭ كۆپ يىغىلىش ئۆتكۈزگەن، ئەڭ كۆپ لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويغان بىر رەھبەر بولۇش سالاھىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا. پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن بۇيان بارلىق سايلاملاردا ئۇتۇققا ئېرىشىپ كەلگەن بىر رەھبەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ھېچقانداق سايلامنى ئەمگەك سىڭدۈرمەي، ئۇتقىلى بولمايدىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ قەلبىنى ئۇتماي تۇرۇپ، ئاۋاز بېلەتلىرىنىڭ تەخسىدىكى تەييار كەكلىك شورپىسى بولمايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. 

  يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتىتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ 180 يىللىق يەرلىك سايلاملىرى» تېمىلىق ئانالىزىنى ئاڭلىدىڭلار. كېلەر ھەپتە قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر، خەير خوش!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر