تۈرك ئاياللىرىنىڭ سايلاش – سايلىنىش ھوقۇقى

تۆۋەندە دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈرك ئاياللىرىنىڭ سايلاش – سايلىنىش ھوقۇقى» غا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1161970
تۈرك ئاياللىرىنىڭ سايلاش – سايلىنىش ھوقۇقى

تۈرك ئاياللىرىغا سايلاش – سايلىنىش ھوقۇقىنىڭ دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىن بۇرۇنلا بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

ياش تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر ئىجتىمائىي باسقۇچىدا باشلامچى رول ئوينىغان ئاياللارغا تۇنجى سىياسىي ھوقۇق، 1930 – يىلى چىقىرىلغان شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەر قانۇنى بىلەن بىرلىكتە بېرىلدى. ئارقىدىن 1934 – يىلى مالاتيا پارلامېنت ئەزاسى ئىسمەت ئىنۆنۈ ۋە 191 سەپدېشى سۇنغان قانۇن لايىھەسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش تەكلىپىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى بىلەن، تۈرك ئاياللىرى پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلىنىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. ئۇ زامانلاردا ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدىكى بەزى دۆلەتلەردە ئاياللارنىڭ بۇنداق زامانىۋى ھوقۇقلىرى تېخى يوق ئىدى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) نىڭ 1935 – يىلى 1 – مارتتىكى يىغىلىشىغا 8 ئايال پارلامېنت ئەزاسى قاتناشتى.

ئاياللار فىرانسىيەدە 1944 – يىلى، ئىتالىيەدە 1945 –يىلى، ياپونىيەدە 1950 – يىلى، سەئۇدى ئەرەبىستاندا 2011 – يىلى سايلاش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. تۈركىيە پۇقرالار ھەق – تەلەپ قانۇنىنى قوبۇل قىلغان شىۋېيتسارىيەدە بولسا، ئاياللار 1971 – يىلىغىچە سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە ئەمەس ئىدى.

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر