تۈگىمەيۋاتقان ئازاب كەشمىر

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز 2019 – 10

1157486
تۈگىمەيۋاتقان ئازاب كەشمىر

تۈگىمەيۋاتقان ئازاب كەشمىر

 

تۈگىمەيۋاتقان ئازاب كەشمىر

 تۆۋەندە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈگىمەيۋاتقان ئازاب كەشمىر» تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىلارغا سۇنىمىز.

***** ** ** ** **** ***

بۇ ھەپتە ئارىدىن 20 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يادرو قوراللارغا ئىگە ئىككى دۆلەت يەنى، ھىندىستان بىلەن پاكىستان قايتىدىن تۇتۇشۇپ قالدى. ھىندىستاننىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى جاممۇ كەشمىردە 44 ھىندستان ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھىندىستان ئايروپىلانلىرى بۇ ھۇجۇمغا جاۋابكار دەپ قارىغان پاكىستاننىڭ قول ئاستىدىكى رايونلارغا قايتۇرما ھۇجۇم قىلدى. پاكىستاننىڭ جاۋاب قايتۇرۇشى بىلەن ھىندىستانغا تەۋە ئىككى ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. ئەسىر ئېلىنغان ھىندىستان ئۇچقۇچىسى بىر قانچە كۈندىن كېيىن ھىندىستانغا قايتۇرۇپ بېرىلدى.

 بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە چوڭ توقۇنۇش چىقىرىش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان كەشمىر مەسىلىسىدىن كېلىپ چىقماقتا. 

ئۇنداقتا كەشمىر مەسلىسى زادى قانداق مەسىلە؟

ئىندىئانلارنىڭ «ئەگەر بىر دەريادا ئىككى بېلىق ئۇرۇشىۋاتقان بولسا، بىلىڭلاركى، شۇ دەريادىن سەللا ئىلگىرى ئۇزۇن پاچاقلىق ئىنگلىزلار ئۆتكەن گەپ» دەيدىغان ماقال تەمسىلى بار. كەشمىردىمۇ ئاساسەن ئەنگلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى جايلاردىن چېكىنىدىغان چاغدا، كېرەكلىك بولغاندا يەنە مۇداخىلە قىلالايدىغان بولۇش ئۈچۈن چېكىنگەن ھەر قانداق يەرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولالايدىغان چېگىش مەسىلىلەرنى قالدۇرۇپ قويىدىغان ئادەتلىرىدىن بىرسىنى ئىشقا سالغان ئىدى. 

ھىندىستان قۇرۇقلۇقى 1000يىللاردا باشلىنىپ 1857يىلىغىچە بولغان 700 يىلغىچە تۈركلەرنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا بولۇپ كەلگەن ئىدى.  ئەڭ ئاخىرىدا باھادىر شاھنىڭ 1857يىلى ئىنگىلىزلارغا مەغلۇپ بولۇشى بىلەن تەڭ ھىندىستان قۇرۇقلۇقىدا سۇلتانلىق دەۋرى ئاخىرىلىشىپ، ئىنگىلىزلارنىڭ ھاكىمىيىتى باشلاندى. يۈزلىگەن يىللارغاچە ئۆز تىلى، دىنى ۋە خىلمۇ - خىللىقى بىلەن بىرلىكتە ياشىغان ھىندىستانلىقلار، ئىنگلىزلارنىڭ 90 يىللىق ھاكىمىيىتىدىن كېيىن ھىندىستاندىن ئايرىلىدىغان چاغدا ئالدى بىلەن ئىككىگە، ئاندىن ھىندىستان، پاكىستان ۋە باڭلادېش دەپ ئۆچكە ئايرىپ قويغانلىقىنى كۆردى. مانا بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھىندىستان، پاكىستان ۋە باڭلادېشتا ئىنگىلىز تىلى رەسمىي دۆلەت تىللىرىنىڭ بىرسى بولۇپ كەلمەكتە.

كەشمىرنى خەلقى پاكىستانغا تەۋە بولۇشنى خالىغىنىغا قارىماي، ۋالىيسى ھىندىستانغا تەۋە قىلىۋەتكەن ئىدى.

1947يىلى ھىندىستان بىلەن پاكىستان مۈستەقىللىقىغا ئېرىشكەن چاغدا مۇسۇلمانلار ئاساسلىق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان جايلار پاكىستانغا ۋە ھىندىلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان جايلار ھىندىستانغا تەۋە قىلىنغان ئىدى. كەشمىر بولسا، نوپۇسىنىڭ %90 گە يېقىنى مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن پاكىستانغا تەۋە قىلىنىدىغان چاغدا، كەشمىرنىڭ كېلەچىكىنى كەشمىر خەلقىنىڭ ئۆزى بەلگىلەيدىغان بولۇپ قالدى. ئەنگلىيەنىڭ بۇ قارارى شۇ كۈندىن بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان توقۇنۇش ۋە ئۆلۈملەرنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 1947يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئاۋاز بېرىشتە كەشمىر خەلقىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى پاكىستانغا قېتىلىپ كېتىشنى تاللىغان بولسىمۇ، ئەھۋاللار باشقىچە ئىلگىرىلىدى. كەشمىرنىڭ ھىندى شاھزادەسى (ۋالىيسى) مىھاراجا ھارى سىنگ ھىندىستانغا قېتىلىش قارارىنى ئېلان قىلدى. بۇ قارارغا كەشمىر خەلقى قارشى چىققاندا بولسا، ھىندىستاندىن ياردەم تەلەپ قىلدى. ھىندىستان ئەسكەرلىرىنىڭ كەشمىرگە كىرىشىگە ئەگىشىپ پاكىستان ئەسكەرلىرىمۇ كەشمىرگە كىردى. شۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 1947يىلى ئۇرۇش باشلانغان بولدى. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى ئۇرۇش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇرەسسە قىلىشى بىلەن 1949 - يىلى ئاخىرىلاشتى. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە بىنائەن ھەر ئىككى تەرەپ كەشمىردىن ئەسكەرلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىدىغان ۋە كەشمىرنىڭ كەلگۈسى ب د ت نىڭ نازارىتى ئاستىدا خەلقنىڭ ئاۋاز بېرىشى بىلەن بەلگىلىنىدىغان بولدى. بىراق، ھىندىستاننىڭ قارشى چىقىشى سەۋەبىدىن خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇلىدىغان ئىش قەتئىي ئىشقا ئاشمىدى. 

ھىندىستان ئۆز كونتروللۇقىدىكى رايوننى «جاممۇ كەشمىر» دېگەن نام بىلەن ئۆز تەۋەلىكىگە قوشتى. پاكىستانمۇ ئۆز كونتىروللۇقىدىكى رايونغا «ئازاد كەشمىر» دېگەن نام بىلەن ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەردى. پاكىستان بىلەن ھىندىستان 1965 - ۋە 1999 - يىللىرىدا كەشمىردىكى چۈشىنىشمەسلىكلەر سەۋەبىدىن قايتا ئورۇشقا كىردى.

 1962يىلى يۈز بەرگەن خىتاي ھىندىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن كەشمىرنىڭ بىر قىسمى خىتاينىىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كەتتى. ئەمدىلىكتە بولسا، كەشمىرنىڭ %45 ى ھىندىستاننىڭ كونتروللۇقىدا، %35 ى پاكىستاننىڭ ۋە %20 ى خىتاينىڭ كونترولۇقى ئاستىدا تۇرماقتا.   ئەنگلىيە تاشلاپ كەتكەن كەشمىر مەسىلىسى سەۋەبىدىن بۈگۈنگە قەدەر 100 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلۈپ، 1 يېرىم مىليوندىن كۆپرەك كىشى كەشمىرنى تاشلاپ چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى.

ھەل قىلىش مۇمكىنمۇ؟

بىرىنچى بولۇپ ھازىرقى جىددىيچىلىكنى تۆۋەنلىتىش لازىم. ھىندىستان پاكىستاننى تېررورلۇقنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. ھىندىستان كېرەكلىك بولغاندا بۇ ھەقتە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىغا ئەرز سۇنىشىمۇ مۇمكىن. بىراق، بۇ ھەقتە بىۋاستە ئۆزى قارار چىقىرىپ ھۇجۇم قىلىشى توغرا ئەمەس. پاكىستاننىڭ تېررورلۇق مەسىلىسىدە ھەمكارلىققا تەييار ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانلىقى ئىجابىي بىر قەدەم. پاكىستان كەشمىر مەسلىسىنىڭ 1948 يىلى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ماقۇللانغان خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش چارىسى بويىچە ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا. ھىندىستان بولسا، كەشمىر نوپۇسىنىڭ ئاساسلىق كۆپ قىسمى مۇسۇلمان بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئاۋازغا قويۇشنى ئانچە خالىمايۋاتماقتا. شۇڭا ،ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ كەشمىرنى ئالقىنىدا تۇتۇپ تۇرۇشقا تىرىشماقتا.

تۈركىيە بولسا، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ماقۇللانغان قارار دائىرىسىدە پوزىتسىيە بىلدۈرمەكتە. شۇنچە يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار خەلق خالىمايدىغان بىرەر ھەل قىلىش چارىسى بىلەن بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىپ بەرمەكتە. كەشمىر خەلقى ئۆزلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغان ھالدا ئىككى دۆلەتنىڭ ماقۇللىغان قارارلىرىغا شۇنداقلا تاشقى ئاكتىيورلارنىڭ كېلىشىملىرىگە نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

دەرۋەقە، بىرىنچى بولۇپ تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك ئىش، كەشمىر خەلقنىڭمۇ ھەل قىلىش چارىسى تېپىش ھەركىتىگە قاتناشتۇرۇلىشى، ئۇلارمۇ قوبۇل قىلالايدىغان بىرەر ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا مەركەزلىشىشى لازىم.

پەۋقۇلئاددە ھەل قىلىش چارىلىرىدىن بىرسى، خەلقنىڭ سايلامغا ئەركىن قاتنىشالىشىشدۇر. كەشمىر خەلقىنىڭ پاكىستانغا يېقىنلىقى مەلۇم. شۇڭا ھىندىستان ھەل قىلىش چارىسىگە قارشى چىقماقتا. ھەل قىلىشنىڭ يەنە بىر چارىسى بولسا، مۇستەقىل دۆلەت بولۇپ قۇرۇلۇشىدۇر. بىراق ھەر ئىككى دۆلەت بۇ ھەل قىلىش چارىسىغا يېقىن كەلگىلى ئۇنۇماي كەلمەكتە. 

تۈركىيە تېخىمۇ كۆپ قان ئاقماسلىقى، تېخىمۇ بەك كۆز يېشى تۆكۈلمەسلىكى، ئىككى دۆلەتنىڭ بىر بىرىگە تېخىمۇ ئېغىر زىيانلارنى سالماسلىقى ئۈچۈن ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپ تەلەپ قىلغان تەقدىردە، ھەر تۈرلۈك ھەسسە قوشالايدىغان بىر دۆلەتتۇر. تۈركىيەنىڭ كەشمىر مەسلىسىگە بولغان قارىشى مەسلىسىنىڭ بېسىم ۋە ئېمپىرېيالىست مەقسەتلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئادالەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ھەل قىلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىدۇر.

ھىندىستان بىلەن پاكىستان كەشمىر مەسلىسىنىڭ پەقەتلا ئۆزلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئىككى دۆلەت ئەگەر «بىز ئۆزئارا كېلىشەلىسەكلا مەسىلە ھەل بولۇپ كېتىدۇ» دەپ ئويلاۋاتقان بولسا، ئۇنداقتا ھەل قىلىش چارىسى تولىمۇ ئۇزاقتا دېگەنلىك بولىدۇ.  بىراق ھەر ئىككى تەرەپ كەشمىر مەسىلىسى ئارقىلىق، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۆزلىرى، يەنى ئىككى دۆلەت ئارقىلىق ئەسلىدە بىر دۇنياۋى ئۇرۇش پىلانى يولغا قويۇلىۋاتقانلىقىنى، بەزى كۈچلەرنىڭ دۇنيا ئۇرۇشىغا بۇ ئىككى دۆلەتنى ۋاستە قىلىشنى ئارزۇ قىلىشىۋاتقانلىقىنى بايقىغان چاغدا، بىرەر ھەل قىلىش چارىسىنىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىشى مۇمكىن. ئىسرائىلىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان ھىندىستانغا قورال سېتىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ خىتاينى تورمۇزلاش ئۈچۈن ھىندىستاننى قوللاپ قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭمۇ پاكىستانغا قىلىۋاتقان ياردىمى ئەسلىدە بىر خىل ۋاكالەتەن ئۇرۇش قىلىشقا كۈشكۈرتۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ياخشى تونۇش لازىم. چۈنكى ھەر ئىككى دۆلەت ئۆزلىرىنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق چىقىرىلماقچى بولۇۋاتقان تۇقۇنۇشنى داۋاملاستۇرىۋېرىدىغان بولسا، نۇرغۇن نەرسىلىرىنى يوقۇتۇشقا مەھكۇم بولىدۇ.  لېكىن چوڭ پىلاننى ئالدىن كۆرۈپ، كەشمىر مەسلىسىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالىسا، گەرچە تېپىپ چىققان ھەل قىلىش چارىسىدا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتى ئاز بولغان تەقدىردىمۇ، ئىككى تەرەپ يەنىلا نۇرغۇن نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولىدۇ. بىر - بىرىگە قارشى ھىندىستان بىلەن پاكىستان توقۇنۇش ۋەزىيىتىنى تۈگۈتۈپ، تىنچلىق مۇھىتى ياراتقان تەقدىردە، تېخىمۇ تېز سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلالايدۇ. ئۆز خەلقلىرىنى سىياسەت، جەمئىيەت، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ساھەلەردە ئىنتايىن كۆپ مەنپەئەتلەرگە ئېرىشتۈرەلەيدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر