ئارا گۈلەر - دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى يەتتە فوتو - سۈرەتچىسىنىڭ بىرى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «ئارا گۈلەر» گە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1157316
ئارا گۈلەر - دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى يەتتە فوتو - سۈرەتچىسىنىڭ بىرى

ئارا گۈلەر - دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى يەتتە فوتو - سۈرەتچىسىنىڭ بىرى

ئارا گۈلەرنىڭ دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى يەتتە فوتو - سۈرەتچىسىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانمىدىڭىز؟

2018 – يىلى 17 – ئۆكتەبىردە بۇ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقان فوتو – سۈرەت سەنئەتچىسى ئارا گۈلەر، تۈركىيەدە ھۆججەتلىك فوتو – سۈرەتچىلىكنىڭ خەلقئارا ساھەدە شۆھرەتكە ئېرىشكەن ئەڭ مۇھىم ۋەكىللىرىنىڭ بىرى ئىدى.

ئۇ، 1956 – يىلى Time – Life، 1958 – يىلى Paris – Match ۋە Der stern ژۇرناللىرىنىڭ يېقىن شەرق فوتو – سۈرەت مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىدى. 1961 – يىلى ئەنگلىيەدە ئېلان قىلىنغان «Phtography Annual» ئانتولوگىيەسى ئۇنى دۇنيانىڭ ئەڭ ياخشى 7 فوتو – سۈرەتچىسىنىڭ بىرى دەپ تەرىپلىدى. شۇ يىلى ئامېرىكا ژۇرنال فوتو – سۈرەتچىلىرى جەمئىيىتىگە بىردىنبىر تۈرك ئەزا سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان ئارا گۈلەر، 1962 – يىلى گېرمانىيەدە ناھايىتى ئاز فوتو – سۈرەت سەنئەتچىسىگە بېرىلگەن «Master of Leica» ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. ئارخىپىدىكى 2 مىليوندىن ئارتۇق فوتو – سۈرىتى بىلەن دۆلەت ئىچى – سىرتىدا ئېچىلغان يۈزلەرچە كۆرگەزمىگە ئىشتىراك قىلدى، سانسىزلارچە مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلدى. فىرانسىيەنىڭ ئەڭ ئىناۋەتلىك مۇكاپاتلىرىنىڭ بىرى بولغان «Legion D’Honour» نىمۇ ئالغان ئارا گۈلەر، جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى كۈلتۈر – سەنئەت چوڭ مۇكاپاتىنىڭمۇ ساھىبى ئىدى.

 

مەنبە: مۇناسىۋەتلىك تور بەتلەر

http://www.ideefixe.com/vitrin/biyografi.asp?id=786

http://ilef.ankara.edu.tr/fotograf/

http://www.hurriyet.com.tr/gundem/ara-guler-kimdir-40029846



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر