«تۈركىيە ئوقۇش ياردەم پۇلى» لايىھەسى

تۈركىيەنىڭ قەلب كۆۋرۈكى - 09

1153869
«تۈركىيە ئوقۇش ياردەم پۇلى» لايىھەسى

چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسىنىڭ لايىھەلىرى

«تۈركىيە ئوقۇش ياردەم پۇلى» لايىھەسى

«تۈركىيەنىڭ قەلب كۆۋرۈكى» ناملىق پىروگراممىمىزدا 3 ھەپتىدىن بېرى چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق، بۈ ھەپتىدىن ئېتىبارەن چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش تۈركىي خەلقلەر باشقارمىسى تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان لايىھەلەر ئارىسىدا 2012 – يىلى ئىجرا قىلىنىشقا باشلانغان «تۈركىيە ئوقۇش ياردەم پۇلى» لايىھەسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشكە تىرىشىمىز.

«تۈركىيە ئوقۇش ياردەم پۇلى» پىروگاراممىسى ئوقۇغۇچىلارغا پەقەتلا ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىدىغان ئەمەس، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئۇنىۋېرسىتېتلارغىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇش پىروگراممىسى بولۇپ، بۇ ئالاھىدىكى بىلەن دۇنيادىكى باشقا ئوقۇش ياردەم پۇلى پىروگراممىلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

2018يىلىدىكى ئىستاتېكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا 164 دۆلەتتىن 138 مىڭ ئوقۇغۇچىنىڭ دۆلىتىمىزدە ئالىي مائارىپتا ئوقۇش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇلار ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇشلىرىنى تاماملاپ دۆلەتلىرىگە قايتقاندا تۈركىيە ۋە تۈركىيەدىكى ئالىي مائارىپقا ئالاقىدار ئىجابىي قاراشلىرىنى ئۆز خەلقىگە ئاڭلىتىۋاتقان بولغاچقا بۇ ساننىڭ يىلسېرى ئېشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

2000يىللىرىنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىدىن كۈلتۈرىگە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىن ئىجتىمائىي سىياسەتلىرىگىچە بولغان بارلىق ساھەلەردە نامايان قىلىنىۋاتقان كاتتا ئىلىگىرىلەشلەر خەلقئارالىق مائارىپ سەھەسىدىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان ۋە بۇ ساھەدە مۇھىم قەدەملەر تاشلانغان ئىدى.

«تۈركىيە ئوقۇش ياردەم پۇلى» ئايلىق ياردەم پۇلىدىن باشقا يەنە، ئايروپىلان بېلىتى، ئۇنىۋېرسىتېتتىن قوشۇپ بېرىلىدىغان ھەسسە، سەھىيە سۇغۇرتىسى، ياتاق ۋە تۈركچە ئۆگىنىش جەريانىدىمۇ ئوقۇش ياردەم پۇلى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  بۇنىڭغا قوشۇمچە سۈپىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا تۈركىيەدە تۇرغان مۇددىتى جەريانىدا ئاكادېمىك، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىلمەكتە.

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر