سافرانبولۇدا زىيارەت

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/08

سافرانبولۇدا زىيارەت

سافرانبولۇدا زىيارەت

 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سىلەرگە سافرانبولۇنى تونۇشتۇرىمىز.

*****

سافرانبولۇ تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان تولىمۇ گۈزەل بىر ناھىيە. ئۇنىڭ تارىخىي شەھەر قۇرۇلۇشىنىڭ ھازىرغا قەدەر بۇزۇلماي ئۆز پېتى ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدنىڭ نۇقتىلىق تېمىسى بولىدۇ. 

سافرانبولۇ ئەنئەنىۋىي شەھەر قۇرۇلۇشى، ياغاچ ئۆيلىرى ۋە ئانتىك بىنالىرى بىلەن ھەممىلا يېرى قوغدىلىنىدىغان رايون قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن نادىر شەھەرلىرىمىزدىن بىرسى بولۇپ، شۇڭا ئۇ 1994يىلىدىن بۇيان ب د ت مائارىپ، ئىلىم پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «UNESCO» نىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىدە ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە.

**** ****

قارا دېڭىز قىرغاقلىرىنى غەربىي ۋە ئوتتۇرا ئانادولۇغا تۇتاشتۇرىدىغان چوڭ يول ئۈستىگە جايلاشقان تارىخىي شەھەر سافرانبولۇ، جوغراپىيەلىك ئورنى سەۋەبىدىن قەدىمقى دەۋرلەردىن تارتىپلا بىر ئولتۇراق رايون مەركىزى بولۇپ كەلگەن ئىدى. 14ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن بۇيان تۈركلەرنىڭ ھاكىمىيىتىدە بولۇپ كەلگەن بۇ شەھەر، 18ئەسىردە ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى سودا يولىنىڭ مۇھىم بېكەتلىرىدىن بىرسىگە ئايلانغان ئىدى. بۇ دەۋرلەردە ھەم كۈلتۈر، ھەم ئىقتىساد جەھەتتىن گۈللەپ ياشنىغان، سودىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ياسالغان كارۋان سارايلار، شەھەرنى گويا بىر ئايۋان ساراي مەركىزىگە ئايلاندۇرغان ئىدى.

سافرانبولۇ تۈرك كۈلتۈرى ۋە ئەئەنىلىرى ھەمدە بىناكارلىق سەنئىتىنى ياشناتقان، تارىخىي قۇرۇلمىسىنى ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋاتقان بىر شەھەر. ئۇنىڭ بۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلىرى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا «دۇنيا شەھىرى» دەپ ئۇنۋان بېرىلگەن ئىدى. سافرانبولۇنىڭ ھەر كوچا ۋە ھەر بىر بولۇڭلىدا تارىخنىڭ ئىزلىرى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. گويا پۈتۈن شەھەر بىر مۇزىيغا ئوخشايدۇ. شەھەردە تارىخىي 600 يىلدىن ھالقىغان ھامماملار ۋە مەدرىسىلەرمۇ بار.

*** *** ** ***

سافرانبولۇ ئەنئەنىۋىي ئۆيلىرى بىلەن نام چىقارغان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەممىلا ئەتراپىدىن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. سافرانبولۇ ئۆيلىرى خەلقنىڭ تۇرمۇش شەكلىنى، ياخشى كۈرۈشلىرى، كۈلتۈرى ۋە بىناكارلىق قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. ئۆيلەر تاش، پىششىق خىش، كاھىش ۋە ياغاچتىن ياسالغان بولۇپ، ئۆيلەرنىڭ ھەممىسى قوشنىلىرىنىڭ ئۆينىڭ ئىچىنى كۆرۈشىنى توسۇپ قالىدىغان شەكىلدە لايىھەلەنگەن.  رايوننىڭ ئالاھىدىلىكى، تەبىئەت دۇنياسى، ئىنسان، ئۆي، كوچا ۋە بازار ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق سىستېمىلىق ھالغا كەلتۈرۈلگەن.

ئىككى ياكى ئۈچ قەۋەتتىنلا تەركىپ تاپقان بۇ ئۆيلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ چوڭ ھويلىسى بولىدۇ. ياغاچ ئويمىچىلىق سەنئىتىنىڭ ئۈلگىرىلىرىنى ئۆينىڭ تورىسى ۋە بولۇڭ تەكچلىرىدىمۇ كۆرۈىۋالغىلى بولىدۇ. كوچىلار ۋە مەيدانلاردىكى «ئارناۋوت سوپىسى» دەپ ئاتىلىدىغان پىيادىلەر يولى كىچىك تاشلار بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ھەم يامغۇر سۇلىرىنىڭ ئاسان چىقىپ كېتىشىنى، ھەم دەرەخت ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سۇلىنىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگەن.

***** ****** ***

سافرانبولۇ كارابوك ۋىلايىتىگە تەۋە بولۇپ، ئەگەر يۈزلىگەن يىلدىن بۇيان بىنارلىق قۇرۇلمىسىنى ئۆز پىتى ساقلاپ كېلىۋاتقان بۇ شەھەرنى زىيارەت قىلسىڭىز، قەدىمىي بازار ۋە ھامماملىرىنى، شەھەر تارىخىي مۇزىيىنى، سودا مەركىرى بولغان چوڭ بازىرىنى، مۇزىي خاراكتېرلىق ئايۋان سارايلىرىنى چوقۇم سەيلە قىلىڭ.  سىزنى ئۆتمۈشكە سۇڭغۇتىدىغان تاش تىزما كوچا يوللىرىدا يۈرۈپ، ئىچىدە كۆلى بار بىرەر ئايۋان سارايدا كېچىلەپ، تۈرك قەھۋەسىنى ئېچىشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ. 

بۇنىڭدىن باشقا يەنە «مۇزىيى يېزا» دېيىشكە بولىدىغان «يۆرۈك يېزىسى»، ئىنجىكايا ئۆستىڭى، كرىستال ئۆگزە، توقاتلى ۋە دۈزجە جىلغىسىمۇ سافرانبولۇ ئەتراپىدىكى زىيارەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم جايلار ھېسابلىنىدۇ.  پۈتۈن دۇنياغا داڭلىق سافرانبولۇ تاتلىق تۈرۈملىرى، كۇيۇ كاۋىپى قاتارلىقلارمۇ چوقۇم تېتىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان يەرلىك يېمەكلىرىدۇر.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزدا سافرانبولۇنى تونۇشتۇرۈپ ئوتتۇق، تىڭشىغىنىڭقلار ئۈچۈن رەخمەت.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر