تارىختىكى بۈگۈن: 18 – فېۋرال

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1147770
تارىختىكى بۈگۈن: 18 – فېۋرال
  • يىل 1294، 18-فېۋرال...
  • موڭغول ئىمپېراتورى قۇبلەي خان ئۆلدى. 1271-يىلدا خىتايدا يۈەن خاندانلىقىنى قۇرۇپ 23 يىل ھۆكۈمدارلىق قىلغان قۇبلەي خان، سۇڭ خاندانلىقىنى يوقىتىپ، خىتاينى بىرلەشتۈرگەن ئىدى. خىتايدا تۇنجى قەغەز پۇل ئىشلىتىش قۇبلەي خان ۋاقتىدا باشلانغان ئىدى. قۇبلەي خان دەۋرىدە خىتاينى نۇرغۇن ياۋروپالىق زىيارەت قىلدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ داڭلىقى ماركو پولو ئىدى.
  • 1451-يىل 18-فېۋرال، فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئىككىنچى قېتىم تەختكە چىقتى. 1444-يىلدا 2-مۇرات تەختنى ئوغلى مەھمەتكە ئۆتكۈزۈپ بەردى. مەھمەت 12 يېشىدا تەختكە چىقتى. بۇ ئەھۋالغا چاندارلى خالىل پاشا ۋە بەزى دۆلەت ئەرباپلىرى ئېتىراز قىلدى. بىراق، 2-مۇرات قوبۇل قىلمىدى. ۋېنگىرلارنىڭ بۇرۇن تۈزگەن كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىشى بىلەن باشلانغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە، فاتىھ سۇلتان مەھمەت بەزى دۆلەت ئەرباپلىرىغا ۋە دادىسى 2-مۇراتقا ئىككى دانە مەكتۇپ ئەۋەتتى. ئىككىنچى مەكتۇپتا، دادىسىغا شۇ مەشھۇر سۆزلىرىنى قىلغان ئىدى:
  • «پادىشاھ بولسىڭىز كېلىپ، قوشۇنىڭىزغا قوماندانلىق قىلىڭ؛ ياق، ئەگەر پادىشاھ بىز بولساق، ئەمىرىمىزگە ئىتائەت قىلىپ، قوشۇنىمىزنىڭ بېشىغا ئۆتۈڭ!»
  • 2-مۇرات بۇ مەكتۇپ سەۋەبىدىن قايتىدىن ئوسمانلى تەختىگە ئولتۇردى. فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم تەختكە چىقتى.
  • 1695-يىل 18-فېۋرال، ساكىز ئارىلى ۋېنېدىكلەردىن قايتۇرۇۋېلىندى. ئوسمانلى دۆلىتى 1683-يىلدا باشلانغان «مۇقەددەس ئىتتىپاق ئۇرۇشلىرى» دا، ساكىز ئارىلىنى ۋېنېدىكلەردىن قايتۇرۇۋالدى.
  • 1856-يىل 18-فېۋرال، ئوسمانلى دۆلىتىدە ئىسلاھات پەرمانى ئېلان قىلىندى. سۇلتان ئابدۇلمەجىت دەۋرىدە ئېلان قىلىنغان پەرمان بىلەن زاۋاللىققا يۈزلەنگەن ئوسمانلى دۆلىتىدە تۈپ يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىشلەرنىڭ ئېلىپ بېرىلىشى مەقسەت قىلىنغان ئىدى.
  • 1952-يىل 18-فېۋرال، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) تۈركىيەنىڭ ناتو (شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى) غا ئەزا بولۇشىنى تەستىقلىدى. تۈركىيەنىڭ كورېيە ئۇرۇشىغا قاتنىشىشى ۋە رۇسىيە يۈرگۈزگەن قاتتىق قول سىياسەتلەر، ئامېرىكانى ئاقدېڭىزنىڭ خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن، تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە گىرېتسىيەنى ناتوغا قوبۇل قىلىشقا ئىتتىرگەن ئىدى.  


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر