بۇلغۇر پولوسى

تۈرك تائاملىرىدىن تۈركلەرگە خاس «بۇلغۇر پولوسى» ھەققىدە.

1147517
بۇلغۇر پولوسى

بۇلغۇر پولوسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈرك ئاشخانىلىرىدا كەم بولسا بولمايدىغان غىزا ماتېرىياللىرىدىن بىرى «بۇلغۇر» دۇر. بۇلغۇر خۇددى گۈرۈچكە ئوخشاش پولولاردا، ئاچا كۆكلەردە، چوربىلاردا كۆكتاتلىق يېمەكلىكلەردە، ھەتتا كۆفتىلەردە ناھايىتى كۆپ ئىشتىلىتىلىدۇ. ئۇنداقتا، «بۇلغۇر» دېگەن نېمە؟ پات – پات  ئوتتۇرا شەرق تائاملىرىنىڭ ئاساسلىق غىزا ماتېرىياللىرىدىن بىرى بولغان «كۇسكۇس» بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ قويۇلىدىغان بۇلغۇر، ئەسلىدە بۇغداينىڭ قاينىتىلىپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن پوستىدىن ئايرىپ يارما قىلىنغان شەكلىدۇر. بۇغداي دانچىلىرى ئالدى بىلەن قاينىتىلىدۇ، ئاندىن قۇرۇتۇلىدۇ، ئارقىدىن پوستىدىن ئايرىلىدۇ، ئاخىرىدا تۈگمەنلەردە ھەر خىل چوڭلۇقتا پارچىلارغا ئايرىلىدۇ، چوڭ پارچىلارغا ئايرىلغانلىرى ئادەتتە پولو ئېتىشتە قوللىنىلىدۇ، كىچىك پارچىلارغا ئايرىلغانلىرى بولسا، كۆفتە، دولما ۋە ئاچا كۆك تەييارلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.

ئانادولۇ زېمىنىنىڭ مۇنبەت، ھاۋاسىنىڭ مۆتىدىل ۋە جۇغراپىيەلىك شەرت – شارائىتىنىڭ ياخشى بولۇشى تۈپەيلى، بۇلغۇر قاتارلىق بۇغداي مەھسۇلاتلىرى تۈرك تائاملىرىنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ بۇلغۇردىن تەييارلىنىدىغان پولو تۈرك مەدەنىيىتىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ. تۈرى ھەر خىل بولسىمۇ ئانادولۇنىڭ دېگۈدەك ھەممىلا يېرىدە ئېتىلىدىغان «بۇلغۇر پولوسى» ۋاز كەچكىلى بولمايدىغان تۈرك تائاملىرىىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

«بۇلغۇر پولوسى» تەييارلاش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

•        1 ئىستاكان چوڭ قىلىپ پارچىلانغان بۇلغۇر

•        4 ئىستاكان ياغ

•        1 دانە پىياز

•        2 – 3 دانە يېشىل مۇچ

•        8  قوشۇق مۇچ قىيامى

•        2 دانە پەمىدۇر

•        2 ئىستاكان قايناق سۇ

•        تۇز، قارىمۇچ، قىزىلمۇچ، پىننە

•        2 قوشۇق سېرىق ماي

بۇلغۇر پولوسى ئېتىش ئۇسۇلى مۇنداق:

ئالدى بىلەن ياغنى قىزىتىڭ، ئىنچىكە توغرالغان پىياز بىلەن مۇچلارنى قورۇڭ؛ مۇچ قىيامىنى ئىلاۋە قىلىپ، بىرقانچە مىنۇت پىشۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇڭ، ئارقىدىن پوستى سويۇۋېتىلگەن ۋە كىچىك توغرالغان پەمىدۇرلارنى قوشۇپ، پەمىدۇرلار يۇمشىغانغا قەدەر پىشۇرۇڭ. بۇ ئارىلىقتا، بۇلغۇرنى 1 – 2 قېتىم يۇيۇڭ، سۈزۈڭ ۋە ھازىرلانغان پەمىدۇر/پىيازغا ئارىلاشتۇرۇڭ، قايناق سۇنى ئىلاۋە قىلىپ، ئوتنى بىرئاز پەسەيتىڭ، تۇز بىلەن تېتىتقۇلارنى سېلىڭ، بۇلغۇر سۈيى قالمىغانغا قەدەر پىشۇرۇڭ، ئوتنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن 10 مىنۇت ئەتراپىدا دەم يېگۈزۈڭ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر