تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكانىڭ پائالىيەتلىرى - 02
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكانىڭ پائالىيەتلىرى

تىكانىڭ پائالىيەتلىرى
«تۈركىيەنىڭ كۆڭۈل كۆۋرۈكلىرى»ناملىق بۇ پىروگراممىمىزدا ئۈچ ھەپتىدىن بۇيان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكانىڭ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق مەلۇمات بېرىپ كەلدۇق. پىروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىكى بۆلۈمىدە، تىكانىڭ لايىھەلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن، تىكا تېمىسى بىلەن ۋېدالىشىمىز.
1995-يىلغىچە قېرىنداش دۆلەتلەردە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا، شۇ يىلدىن باشلاپ مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە تۇرۇشلۇق دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. شەكسىزكى، ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشىش ۋە سۈپەتلىك ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشنىڭ يېگانە يولى ئەتىراپلىق تەربىيەلەنگەن ساپالىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشتۇر. بۇ سەۋەبتىن تىكا 1995-يىلدىن كېيىن مائارىپ خىزمەتلىرىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، چەت دۆلەتلەردە مەكتەپلەر، كۇتۇپخانىلار، تەجرىبىخانىلار بەرپا قىلىپ چىققاندىن سىرت، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشلىرىغىمۇ ياردەم قىلدى.
2000-يىللاردىن باشلاپ يەر شارىلىشىش ھادىسىسىنىڭ تەسىرلىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا كۆرىنەرلىك دەرىجىدە كۆرۈلۈشكە باشلىدى. بۇ مەزگىلدە بىز بىلەن ئوخشاش تىلنى سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرمۇ ھەر قايسى ساھەلەردە زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، بۇ ئەھۋالغا قارىتا، تىكا بۇ دۆلەتلەردە ئاساسىي قۇرۇلۇش لايىھەلىرىدىن باشقا قۇرۇلمىلىق لايىھەلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. دۆلىتىمىز ۋە تىكا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئوخشاش تۈرك دىيارلىرىدا ھېلىھەم مۇھىم لايىھەلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلماقتا.
دۆلىتىمىز دۇنيادا ۋە رايوندا ئاساسلىق كۈچلەردىن بىرى بولۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە، دۆلىتىمىزنىڭ بۇ نىشانىغا ماس ھالدا، تاشقى سىياسەت چۈشەنچىمىزمۇ ئۆزگەردى. تاشقى سىياسەت چۈشەنچىسىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈرتكىسىدە، تىكامۇ پائالىيەت دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى، مەسىلەن، 2002-يىلى تىكانىڭ چەت ئەلدە 12 پىروگرامما كوردىناتسىيە ئىشخانىسى بار ئىدى، 2011-يىلغا كەلگەندە بۇ سان 25 كە، 2012-يىلغا كەلگەندە 33 غا يەتتى. كۈنىمىزدە بولسا بۇ سان 66 غا يېتىپ زور نەتىجىلەر قولغا كەلدى، تىكا نۆۋەتتە 150 دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. دۆلىتىمىزنىڭ ئاكتىپ ۋە كۈچلۈك تاشقى سىياسىتىگە ماس ھالدا، تىكامۇ پائالىيەتلىرىنى ئاشۇرۇپ ماڭماقتا. دۆلىتىمىز تىكا ۋاستىسى ئارقىلىق دوست، قېرىنداش ۋە ئۇرۇق-تۇغقان دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىزمەتلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا تىنچلىق بەلبېغى بەرپا قىلىش يولىدا تىرىشماقتا.
تىكا تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىكى دۆلەت ئورگانلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە خۇسۇسىي ئورۇنلار ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق مىخانىزىمى ۋەزىپىسى ئۆتەپ كەلمەكتە، تىكا بۇ ئاكتىيورلارنى ئورتاق ساھەدە ئۇچراشتۇرۇپ تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات ياردەم خىزمەتلىرىنى تارىخ سەھىپىلىرىگە خاتىرىلەپ ماڭماقتا.
2002-يىلى تۈركىيەنىڭ تەرەققىيات ياردەملىرىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 85 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا ئىدى، 2017-يىلغا كەلگەندە بولسا 8 مىليارد 120 مىليون دوللارغا يەتتى. نۆۋەتتە تۈركىيە دۇنيا بويىچە ياردەم خىزمىتى ئېلىپ بېرىشتا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا 5 قىتئەدىكى 150گە يېقىن دۆلەتتە تەرەققىياتنى چۆرىدىگەن ھالدا پائالىيەتلەر ئېلىپ بارماقتا. دۆلىتىمىز تىكا ۋاستىسى ئارقىلىق تىنچ ئوكياندىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە، ئوتتۇرا شەرقتىن ئافرىقىغىچە، كاۋكاسىيەدىن لاتىن ئامېرىكىغىچە بولغان رايونلاردىكى نۇرغۇن دۆلەت بىلەن ئۆز-ئارا ئۇچۇر ۋە تەجرىبە ئالماشتۇرماقتا.