تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكانىڭ پائالىيەتلىرى
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكانىڭ چەت ئەلدىكى پائالىيەتلىرى

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكانىڭ پائالىيەتلىرى
«تۈركىيەنىڭ كۆڭۈل كۆۋرۈكلىرى»ناملىق بۇ پىروگراممىمىزدا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا توغرۇلۇق بەزى مەلۇماتلارنى سىز قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى دوستلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىپ كېلىۋاتىمىز، ئۆتكەن ھەپتە تىكانىڭ چەت ئەلدىكى ياردەم پائالىيەتلىرى توغرۇلۇق ئازراق توختالغانىدۇق، بۈگۈن بۇ قىممەتلىك ئورگىنىمىزنىڭ چەت ئەلدىكى مۇھىم پائالىيەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
ھازىرغىچە مائارىپ ساھەسى بولۇپ نۇرغۇن ساھەدە تەخمىنەن 4250 لايىھە روياپقا چىقارغان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا كولومبىيە، پەلەستىن، نىگېر، ماكېدونىيە، ئالبانىيە، ئافغانىستان بولۇپ نۇرغۇن دۆلەتتە بىلىم يۇرتلىرى قۇردى. بولۇپمۇ يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە 1000دىن ئارتۇق مەكتەپ بەرپا قىلىپ چىقتى. تىكا نامراتلىقنى ئازايتىش، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئاياللارغا ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، نامراتلارنى يۆلەش قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىرگە، يېزا-ئىگىلىك ۋە چارۋىچىلىق ساھەلىرىدىمۇ مۇھىم لايىھەلەرنى ۋۇجۇدقا چىقاردى. ئافرىقا قىتئەسىنىڭ قۇرغاقلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى بايلىقلاردىن يەرلىك خەلقلەرنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە سومالىنىڭ پايتەختى موقدىشۇدا قۇرۇلغان يېزا-ئىگىلىك مەكتىپى، كۈنىمىزدە رايونغا زامانىۋى يېزا-ئىگىلىك تېخنىكىلىرىنى تونۇشتۇرىدىغان پاكۇلتىتقا ئايلاندى.
بالقان رايونىدىكى نۇرغۇن دۆلەتتە يېزا-ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن لايىھە روياپقا چىقارغان تىكا، نامرات ئائىلىلەر ۋە كىچىك تىپلىق كارخانچىلارنىڭ كىرىملىرىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. تىكا ئەھمىيەت بېرىۋاتقان يەنە بىر پائالىيەت ساھەسى بولسا ئوخشىمىغان ساھەلەردە كەسپىي مائارىپ خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى بەرپا قىلىشتۇر. غەززەدە تىكا تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئاباسان زەيتۇن يېغى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى رايوندا ئىش پۇرسىتى يارىتىش ۋە ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش نۇقتىسىدىن تىپىك ئۆرنەك ھېسابلىنىدۇ. 2017-يىلدىن باشلاپ بۇ زاۋۇتتا 3100 غەززەلىك دېھقان ئىشقا ئورۇنلاشتى. 2016-يىلى بۇ زاۋۇتتا 5000 توننا زەيتۇن يېغى ئىشلەپچىقىرىلدى،غەززەدىكى ئاباسان يەرلىك ھۆكۈمىتى بىر توننا زەيتۇن يېغىدىن تەخمىنەن 100 دوللار ساپ كىرىم قىلىدۇ.
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكانىڭ تۈركىيەچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تەرەققىيات ياردەم ئەندىزىسى باشقا تەرەققىيات يەردەم ئەندىزىلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. مەزكۇر تەرەققىيات ياردەم ئەندىزىسىنىڭ مۇنداق پىرىنسىپاللىق ئالاھىدىلىكى بار: شەرتسىز، سەممىيەت، سۈزۈكلۈك، ئىنساننى مەركەزلىك قىلىش، مەسئۇلىيەت، ئۆز-ئارا ئۆگىنىش، تەلەپنى ئاساس قىلىش، ئەمەلىي چارە تېپىشتىن ئىبارەت.