ئەفەس قەدىمكى شەھىرى

تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك 2019/03

1123886
ئەفەس قەدىمكى شەھىرى

 

 قەدرىيە شەنەل تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەدە ساياھەتچىلىك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سىلەرگە ئەفەسنى تونۇشتۇرىمىز.

*****

تارىخى بويىچە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرگە ساھىبخانلىق قىلغان ئانادولۇدا نۇرغۇنلىغان قەدىمكى شەھەرلەر ساقلانماقتا. بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرسى ئەفەستۇر.

ئەفەس؛ تۈركىيەنىڭ ئەگە رايونىدىكى ئىزمىر ۋىلايىتىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەڭ دەسلەپكى تارىخ دەۋرلىرىدىن تارتىپ، ھېلېنىستىك، رىم، شەرقىي رىم، تۈرك بەگلىكلىرى ۋە ئوسمانلى دەۋرلىرىگىچە بولغان تەخمىنەن 9000 يىلغىچە ئۈزلۈكسىز ھالدا ئولتۇراق رايون بولۇپ كەلگەنلىكى بىلەن مەشھۇر. ئۇ يەنە پۈتۈن تارىخى بويىچە ئىنتايىن مۇھىم پورت شەھىرى بولۇش بىلەن بىرگە كۈلتۈر ۋە سودا مەركەزلىرىدىن بىرسى بولۇش ئالاھىدىلىكى بىلەنمۇ ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن ئىدى. 

*****

ئەفەس قەدىمكى شەھىرىنىڭ قۇرۇلۇشى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6000 يىلىغا تۇتىشىدۇ. يەنى يېقىنقى زامان تاش دەۋرىگىچە تۇتىشىدۇ. بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلغان قېزىپ تەكشۈرۈشلەردە ھىتىتلەرگە تەۋە ئولتۇراق جايلارمۇ تېپىلدى. رىم ئىمپېرېيەسى دەۋرىدە ئەفەس ئىنتايىن گۈللەنگەن بولۇپ، ئاسىيا ئۆلكىلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ پورتىغا ئايلانغان ئىدى. 1330يىلىدا تۈركلەرنىڭ ھاكىمىيىتىگە ئۆتۈپ، تۈرك بەگلىرىدىن بىرسىنىڭ مەركىزىگە ئايلاندى.  ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ مۇھىم پورت شەھىرى بولۇش ئالاھىدىلىكىنى ئاستا - ئاستا يوقىتىپ قويدى ۋە دائىرىسىمۇ كىچىكلىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئىزمىرنىڭ سەلجۇق ناھىيەسىدە ھەر يىلى مىڭلىغان ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋالىدىغان بىر قەدىمكى شەھەرگە ئايلاندى.

ئەفەس تارىخىدا نۇرغۇن قېتىم ئورۇن ئالماشتۇرۇشلارنى باشتىن كەچەرگەن بولغاچقا قالدۇقلىرى تەخمىنەن 8 كىۋادىرات كىلومېتىر دائىرىگە يېيىلغان ئەھۋالدا تۇرماقتا. بۇ دائىرە ئىچىدە يادىكارلىقلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئۈچۈن قانچىلىغان يىللارغىچە قېزىپ تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلدى.

******

ئەفەس ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەرگە ئائىت شەھەرلىشىش، بىناكارلىق ۋە ئېتقاد تارىخىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدىغان سىمۋوللار بىلەن تولۇپ تاشقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىمى، دۇنيانىڭ 7 ئاجايىباتىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان ئارتېمىس ئىبادەتخانىسىدۇر. خىرىستىيان دۇنياسى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاۋارىلىرىدىن بىرسى بولغان سىت جوننىڭ يەھيا ئىنجىلىنى ئەفەستە يازغانلىقىغا شۇنداقلا مەريەم ئانىنىڭمۇ مۇشۇ يەردە ۋاپات بولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەفەسنىڭ ئەھمىيىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرگەن ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ يەنە بىرسى، بۈگۈنكى كۈندە خىرىستيانلار تەرىپىدىن ھەج قىلىش ماكانى دەپ قوبۇل قىلىنىدىغان مەريەم ئانا ئۆيى، سىت جوننىڭ مازىرى ئۈستىگە ياسالغان ساراي ۋە مەريەم چىركاۋى قاتارلىق ئەفەستىكى كاتتا يادىكارلىقلاردۇر. ئەفەس مانا بۇ سەۋەبتىن خىرىستىيانلارنىڭ ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىدىغان مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.

ئەگەر ئانتىك دۇنيالارنى سەيلى قىلىشنى ۋە يۈزلىگەن يىللار ئىلگىرىكى تۇرمۇش شەكلىگە شاھىت بولۇشنى خالىسڭىز، قېنى ئەمىسە سىزنى ئەفەسكە تەكلىپ قىلايلى!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر