تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات

1119221
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا

مەزكۇر پىروگراممىمىزدا يۇنۇس ئەمرە ئىنستىتۇتى، چەت ئەلدىكى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى، قىزىلئاي ساخاۋەت ئورگىنى (قىزىلئاي) ۋە تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى (تىكا)غا ئوخشاش دۇنيا مىقىياسىدىكى نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايوندا خىلمۇ خىل ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت لايىھەلىرىنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ كېلىۋاتقان ئورگانلىرىمىزنى تونۇشتۇرۇپ چىقىمىز. بۇ دائىرىدە ئەڭ دەسلەپ تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى (تىكا)نىڭ قىسقىچە تارىخى توغرىسىدا بەزى مەلۇماتلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز، پىروگراممىمىزنىڭ كېيىنكى بۆلۈمىدە بۇ ئورگاننىڭ پائالىيەتلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.

تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا 1991-يىلى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىشى ۋە سوۋېت سوتسىيالىست جۇمھۇرىيەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى نەتىجىسىدە مۇستەقىللىققە ئېرىشكەن ئوتتۇرا  ئاسىيا تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بولۇپ تۈركىيە بىلەن تارىخ ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە يېقىن مۇناسىۋىتى بولغان دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن كۈچلۈك مۇناسىۋەت قۇرۇپ چىقىش مەقسىتىدە 1992-يىلى قۇرۇلدى.

1992-يىلدىن 2002-يىلغىچە بولغان مەزگىللەردە 12 شۆبەسى بىلەن جەمئىي 2500 لايىھە روياپقا چىقارغان تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە كوردىناتسىيە ئاگېنتلىقى-تىكا، تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ تاشقى سىياسىتىگە ماس ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. كۈنىمىزدە 59 دۆلەتتە 61 پىروگرامما كوردىناتسىيە ئىشخانىسى بولغان تىكا 170 دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا. تۈركىيەنىڭ تىكانىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق دوست دۆلەتلەردە ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشتىكى تۈپ مەقسىتى تىنچلىق بەلبېغى شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت.

تىكا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ «دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە قىيىنچىلىق بولسا شۇ يەرگە بېرىپ چاممىمىزنىڭ يېتىشچە ياردەم قىلىمىز»دېگەن سۆزلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە شەكىللەنگەن ئىستىراتېگىيە دائىرىسىدە يىلدىن-يىلغا تېخىمۇ كۆپ رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ نۇرغۇن ئىنسانغا ياردەم قىلماقتا. تىكا ھەر يىلى مائارىپ ۋە سەھىيە بولۇپ تۇغۇتتىن ئۆلۈمگىچە بولغان ئىنساننىڭ بارلىق ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر ساھەدە سۈپەتلىك لايىھەلەر روياپقا چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر