تارىختىكى بۈگۈن: 2019-يىلى1-يانۋار

فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بىرىنچى بۆلۈمى ھۇزۇرۇڭلاردا...

1117151
تارىختىكى بۈگۈن: 2019-يىلى1-يانۋار

بۈگۈن 2019 – يىلىنىڭ تۇنجى كۈنى. بۇ يىلنىڭ پۈتكۈل دۇنياغا ۋە دۆلىتىمىزگە تىنچلىق، خاتىرجەملىك، مولچىلىق ۋە بەرىكەت ئېلىپ كېلىشىنى تىلەيمىز. شۇنداقلا بىزمۇ تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ يىل يېپيېڭى بىر پىروگرامما بىلەن ھوزۇرڭلاردا تۇرۇپتىمىز. بۇنىڭدىن كېيىن ھەر كۈنى تارىخ بويىچە شۇ كۈندە يۈز بەرگەن ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى قىسقا – قىسقا ھالەتتە ئەسلىتىپ ئۆتىمىز. قېنى ئۇنداقتا  فەراي ئۇز تەرىپىدىن تەييارلانغان «تارىختىكى بۈگۈن» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىگە نەزەر تاشلاپ چىقايلى.

.....

ۋاقىتنى كاتېگورىيەلەرگە ئايرىش، ئايلارغا، يىللارغا بۆلۈش بىز ئىنسانلارنىڭ ئىشى... تەبىئەتتىكى باشقا جانلىقلارنىڭ بۇنداق بىر ئىشى يوق، ئۇلار پەسىللەرگە قاراپ ياشايدۇ. بىز ئىنسانلارغا بولسا، بۇنداق پەسىللەرگە بۆلۈنگەن ۋاقىت ئېنىقلىمىسى كۇپايە قىلمايدۇ. چۈنكى بىز، ھەر ئىشنىڭ تېخىمۇ ئېنىق بولۇشىنى، يىلغا، ئايغا، كۈنگە، ھەتتا سائەتكە بۆلۈنۈشىنى خالايمىز... مۇشۇ خىل قىزىقىشلىرىمىز يۈزىسىدىن ئەجدادلىرىمىزنى ھەرخىل كالىندارلارنى ئىجاد قىلىپ ئىشلىتىشكە باشلىغان...

بىز نۆۋەتتە ئىشلىتىۋاتقان مىلادىيە كالىندارى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 45 – يىلىنىڭ بۈگۈنكى كۈنىدە ئىشلىتىلىشكە باشلىغانىدى. 1925 – يىلىغىچە ھىجىرىيە كالىندارىنى ئىشلىتىپ كەلگەن تۈركىيە، شۇ يىلى مىلادىيە كالىندارىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان، 1936 – يىلى تۇنجى قېتىم يېڭى يىل كۈنى دەم ئېلىش كۈنى ئېلان قىلىنغان.

.....

ئىسلامىيەتنى تارقىتىش جەريانىدا مەككىدە دۇچ كەلگەن بېسىم تۈپەيلى 622 – يىلى مەدىنىگە ھىجرەت قىلغان پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، 10 مىڭ كىشىلىك قۇشۇنى بىلەن 630 – يىلى 1 – يانۋاردا مەككىگە كىردى.

.....

1958 – يىلى 1 – يانۋاردا  ياۋروپا ئىتتىپاقى قۇرۇلدى.

.....

1971 – يىلى 1 – يانۋاردا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا تاماكا ئېلانلىرى مەنئى قىلىندى.

.....

1992 – يىلى 1 – يانۋاردا ياۋروپا ئىقتىسادىي گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا چېگرا ئېغىزلىرىدىكى ساقچى ۋە تاموژنا تەكشۈرۈشلىرىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىشنى نىشان قىلغان شەنگەن كېلىشىمى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

.....

2002 – يىلى 1 – يانۋاردا گوللاندىيەدە شاد – خۇرام ئۆلۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. گوللاندىيە ئۆلۈم گىردابىدىكى بىمارلارغا ھاياتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھوقۇقى بەرگەن تۇنجى دۆلەت بولدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر