بىلىۋېلىڭ: تۈركىيەنىڭ مىللەتلەر جەمئىيىتىگە تەكلىپ قىلىنىشى

دىدەم ئۆزتاشباشى تەرىپىدىن تەييارلانغان «بىلىۋېلىڭ» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا «تۈركىيەنىڭ مىللەتلەر جەمئىيىتىگە تەكلىپ قىلىنىشى» تېمىلىق ئۇچۇرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1117141
بىلىۋېلىڭ: تۈركىيەنىڭ مىللەتلەر جەمئىيىتىگە تەكلىپ قىلىنىشى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيەنىڭ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ مۇھىم خەلقئارا تەشكىلاتى بولغان مىللەتلەر جەمئىيىتىگە تەكلىپ بىلەن كىرگەنلىكىنى بىلەمتىڭىز؟

1932 – يىلى ئاتاتۈرك باشقا دۆلەتلەر كىرىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنۇۋاتقان، جان – جەھلى بىلەن تىرىشىۋاتقان مىللەتلەر جەمئىيىتىگە تۈركىيەنىڭ تەكلىپ قىلىنغان ئەھۋالدا ئەزا بولۇپ كىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەۋپىف رۈشتۈ ئاراس، 1932 – يىلى 12 – ئاپرېلدا جەنۋەدە چاقىرىلغان قورالسىزلىنىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، مۇستافا كەمال تۈركىيەسى ياقلاۋاتقان تىنچلىقپەرۋەر تاشقى سىياسەتنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەتىسى شىۋېيتسارىيەنىڭ «Journal de Geneve» گېزىتىدە مىنىستىر ئاراسنىڭ «ئەگەر مىللەتلەر جەمئىيىتى تۈركىيەنى ئۆزىگە قوشۇلۇشقا تەكلىپ قىلسا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنى ئىپتىخارلانغان ھالدا قوبۇل قىلىدۇ» دېگەن سۆزلىرىگە ئورۇن بەردى.

شۇنىڭ بىلەن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتى بولغان مىللەتلەر جەمئىيىتىگە ئاۋاز بىرلىكى بىلەن تەكلىپ قىلىنىپ، 1932 – يىلى 18 – ئىيۇلدا ئەزا بولدى.

 

مەنبە:

  • Bütün Dünya, Başkent Üniversitesi Kültür Yayını, Kasım 2003
  • “Türkiye Cumhuriyeti Tüm Üyelerin Daveti Üzerine Milletler Cemiyeti’nde”,
  • Dr. Üner Kırdar’ın yazısı, Bütün Dünya 2000, Sayı: 2003/11

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر