پ ك ك ئۈچۈن خەتەر سىگناللىرى بېرىلمەكتە

جان ئاجۇننىڭ « پ ك ك ئۈچۈن خەتەر سىگناللىرى بېرىلمەكتە» تېمىسىدىكى ئانالىزى

1111175
پ ك ك ئۈچۈن خەتەر سىگناللىرى بېرىلمەكتە

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ فىراتنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى پ ك ك- ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ بۇ باياناتىدىن كېيىن رايوننىڭ ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بەردى. تۈركىيەنىڭ فىراتنىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار، ئامېرىكانىڭ سۈرىيە سىياسىتى ۋە تۈركىيەنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە ئامېرىكاغا بەرگەن تەكلىپ-پىكىرلىرى ئۈستىدە چوقۇم توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

تۈركىيەنىڭ فىراتنىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش پىلانىنى تۈزۈشىدە مۇنبىچ مەسىلىسى تولىمۇ مۇھىم رول ئوينىدى. بولۇپمۇ ئافرىن ھەرىكىتىدىن كېيىنلا مۇنبىچ ۋە فىراتنىڭ شەرقىدىكى رايونلار كۈنتەرتىپكە كەلدى، تۈركىيە مۇنبىچ ئۈچۈن ھەربىي جەھەتتىن تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىغانىدى، بۇ ئەھۋالغا قارىتا ئامېرىكا تۈركىيە بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر قالدى ۋە ئىككى دۆلەت يول خەرىتىسى بېكىتىپ چىقتى. مەزكۇر يول خەرىتىسىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ۋە تۈركىيە ئەسكەرلىرى  رايوندا ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىشى،  ي پ گ ئېغىر تىپلىق قوراللارنى تاشلاپ فىراتنىڭ شەرقىگە چېكىنىپ چىقىشى ۋە مۇنبىچتە يەرلىك قەبىلىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر مەجلىس بەرپا قىلىنىشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇس ئامېرىكا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرماي ۋاقتىدا تەدبىر قوللانمىدى، ي پ گ بولسا رايوننى تاشلاپ چىقىپ كەتمىدى. بۇ ئەھۋال تۈركىيەنىڭ ئامېرىكاغا بولغان ئىشەنچىسىنى سۇسلاشتۇرۇۋەتتى، بولۇپمۇ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئامېرىكاغا بولغان قارىشىنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تۈركىيە دىپلوماتىك يول ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ي پ گ تېررورچىلىرىنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرەلمەي ھامان بىر كۈنى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر قالىدىغانلىقىنى، قانچىلىك كۆپ كۈتسە شۇنچىلىك زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكا نېمە ئۈچۈن سۈرىيەدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى مۇنداق بىر نەچچە خىل سەۋەب بىلەن ئاقلاپ كەلمەكتە: دائېشقا زەربە بېرىش، دائېشنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىگە توسالغۇ بولۇش، ئىراننى رايوندىن قوغلاپ چىقىرىش ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنى رايوننىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشتۇرماسلىق قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. تۈركىيە ئامېرىكاغا مۇنداق تەكلىپلەرنى بېرىپ كەلدى: پ ك ك نىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئەرەبلەر كۆپ بولغان رايونلاردا قانداقمۇ مۇقىملىق بەرپا قىلغىلى بولسۇن؟ ھازىرغىچە رايوندا مۇقىملىق بەرپا بولمىدى. ھېلىھەم ئىران بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ كېلىۋاتقان پ ك ك ئارقىلىق يەنە قانداقمۇ ئىرانغا تاقابىل تۇرغىلى بولسۇن؟ ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئۇزۇن يىل ئاپاق-چاپاق بولۇپ كېلىۋاتقان ي پ گ نىڭ قولى بىلەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قانداقمۇ رايوندىن يىراقلاشتۇرغىلى بولسۇن؟ 2011-يىلدىن كېيىن ئەين ئەل ئەرەب، ئافرىن ۋە قامىشلى رايونلىرى ۋە نۇرغۇن قورال-ياراغنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ  غا دەل ئەسەد ئۆز قولى بىلەن ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىدى. ئامېرىكانىڭ بۇ ئۈچ مەقسىتىنى پ ك ك نىڭ قولى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. تۈركىيە ئامېرىكاغا بىرلىكتە پ ك ك تېررورچىلىرىنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈش، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ قارمىقىدا قۇرۇلغان ئەرەب، تۈركمەن ۋە كۈرتلەردىن تەشكىل تاپقان مىللىي ئارمىيە بىلەن بىرلىكتە فىراتنىڭ شەرقىدىكى رايونلاردا مۇقىملىق بەرپا قىلىش تەكلىپىنى بەردى. ئامېرىكانىڭ باشقا مەخپىي پىلانى بولمىغان تەقدىردە تۈركىيەنىڭ بەرگەن تەكلىپكە ماقۇللۇق بىلدۈرۈشى كېرەك ئىدى. بىراق تۈركىيەنىڭ تەكلىپىنى ئامېرىكانىڭ رەت قىلىشى ئامېرىكانىڭ سۈرىيەدىكى ھەققىي مەقىستىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا يىپ ئۇچى بېرىدۇ.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكانىڭ سۈرىيە سىياسىتىنىڭ تۈركىيەنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشىنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكانىڭ تۈركىيە بىلەن دىپلوماتىك ساھەدە ھاسىل قىلغان كېلىشىمگە رىئايە قىلماسلىقى ۋە تۈركىيەنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىشى، تۈركىيەنىڭ ئامېرىكانىڭ سۈرىيە سىياسىتىدىن بارغانچە ئەندىشە ھېس قىلىشى قاتارلىقلار تۈركىيەنىڭ فىراتنىڭ شەرقىدىكى رايونلارغا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىشىغا سەۋەب بولدى. تۈركىيە ئۆز تەقدرىنى ئۆز بېكىتىپ، فىراتنىڭ شەرقىدىكى رايونلارنى پ ك ك – ي پ گ تېررورچىلىرىدىن تەلتۆكۈس تازىلاش ئۈچۈن قەتئىي نىيەتكە كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر