فىرانسىيەدىكى سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشى

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1106931
فىرانسىيەدىكى سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشى

دەسلەپ فىرانسىيە ئارقىدىن گوللاندىيە ۋە بېلگىيە نارازىلىق نامايىشلىرىغا سەھنە بولدى. گوللاندىيە ۋە بېلگىيەدىكى «سېرىق جىلىتكىلىكلەر»نامايىشىنىڭ كۆلىمى نىسبەتەن كىچىك بولدى، فىرانسىيەدىكى نامايىشلارنىڭ كۆلىمى تولىمۇ چوڭ بولدى. فىرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ 1700 نامايىشچىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ نامايىشچىلارغا مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىشى فىرانسىيەدە قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. فىرانسىيەدىكى نامايىشچىلار ئىچىدە پ ك ك چىلار بىلەن چېتىشلىقى بولغان گۇرۇھلارنىڭ بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون خەلققە خىتاب قىلىش ئارقىلىق فىرانسىيەدىكى سۈركىلىشنى يىنىكلىتىشكە ھەتتا تۈگىتىشكە تىرىشتى.

فىرانسىيەدە نامايىش ئۆتكۈزگەن «سېرىق جىلىتكىلىكلەر»گە قارشى فىرانسىيە ساقچىلىرى مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلەتتى. نامايىشچىلارغا نۇرغۇن مىقداردا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئىشلەتكەن  فىرانسىيە ساقچىلىرى، فىرانسىيە كوچىلىرىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىپ كېتىشىگە سەۋەب بولدى. فىرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىشى نەتىجىسىدە نۇرغۇن نامايىشچى يارىلاندى. نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلىش ئەسناسىدا، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا قاتتىق تەگكەنلىكى كۆزگە چېلىقتى. فىرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ بەزى نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىشى ۋە نامايىشچىلارغا قارشى ھەربىي ماشىنىلارنى ئىشلىتىشى قاتارلىقلار مۇۋزىنەتسىز كۈچنىڭ روشەن ئىپادىلىرى ھېسابلىنىدۇ. فىرانسىيەدىكى نامايىشلاردا فىرانسىيە ساقچىلىرىنىڭ مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىشى،  ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيەگە زىت قىلمىشلارنى سادىر قىلىشىنىڭ ئەكسىچە، غەرب تارتقۇلىرى بۇ بىنورمال ھادىسىلەرگە يېتەرلىك دەرىجىدە ئورۇن ئاجراتمىدى. ئەگەر دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى نامايىشچىلارغا ساقچىلار مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلەتسە غەرب تاراتقۇلىرى دەرھال بۇنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىپ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيەنىڭ مۇھىملىقىنى كۆككە كۆتۈرۈشۈپ، نامايىشچىلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىشقا ساقچىلارنى قاتتىق ئەيىبلىشىدۇ، بىراق بۇ قېتىم فىرانسىيەدىكى ۋەقەلەردە نامايىشچىلارغا مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلەتكەن ساقچىلارنىڭ قىلمىشلىرىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەسلىكى كىشىنىڭ ھەقىقەتەن دىققىتىنى قوزغايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن «سېرىق جىلىتكىلىكلەر»تىنچ ھالدا نامايىش ئۆتكۈزمىدى، ئۇلارمۇ مەلۇم دەرىجىدە زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنى سادىر قىلىشتى. ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىمۇ دىققەت تارتتى. مەسىلەن، كوچىلاردىكى ماشىنىلار بىلەن ئەخلەت ساندۇقلىرىغا ئوت قويۇۋەتتى، ساقچىلارغا تاش ۋە بوتۇلكا ئاتتى، ماگزىن ۋە دۇكانلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشتى، يول بويىدىكى تاشلارنى قومۇرۇپ يوللارنى بۇزۇۋەتتى. فىرانسىيەدىكى نامايىشلاردا مەيدانغا كەلگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە تاملارغا يېزىلغان خەتلەر ۋە بەزى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان ئۇچۇرلارغا قاراپ، پ ك ك چىلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان بەزى تەشكىلاتلارنىڭمۇ نامايىشچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

بولۇپمۇ پ ك ك تېررورچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بەزى ئاشقۇن سولچىللارنىڭ فىرانسىيەدىكى نامايشىلارغا قاتنىشىشى ھۆكۈمەتنى ئەندىشىگە سالدى. فىرانسىيە تېلېۋىزىيەسىدە «سېرىق جىلىتكىلىكلەر»گە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان بىر كىشىنىڭ، نامايىشلاردا مەيدانغا كەلگەن زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ جاۋابكارىنىڭ «ئاشقۇن كۈرتلەر بىلەن چېتىشلىقى بولغان گۇرۇھلار»نىڭ ئىكەنلىكىنى دېيىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغايدۇ.

فىرانسىيە ھۆكۈمىتى نامايىشلار سەۋەبلىك «تاشقى كۈچلەر»نى ئەيىبلەپ،  نامايىشچىلارنى رۇسىيە ھەتتا ئامېرىكانىڭمۇ كۈشكۈرتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. فىرانسىيەدىكى نامايىشلاردا مەيدانغا كەلگەن زوراۋانلىق قىلمىشلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارغا مۇۋازىنەتسىز كۈچ ئىشلىتىشىدىن كېيىن، پىرېزىدېنت ئېممانۇئېل ماكرون خەلققە خىتاب قىلىش ئارقىلىق فىرانسىيەدىكى سۈركىلىشنى پەسەيتىشكە تىرىشتى. راي سىناشلارغا قارىغاندا، ماكروننى قوللايدىغانلارنىڭ نىسبتى %26گە چۈشۈپ قالغان، ماكرون خەلققە خىتاب قىلغاندا تۆۋەن مائاش چېكىگە يەنە 100 ياۋرو قوشۇلىدىغانلىقىنى، 2000 ياۋرو مائاش ئالىدىغانلاردىن بىر قىسىم باجلارنىڭ ئېلىنمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بەزىبىر ئىشلىرىنىڭ بىر قىسىم كىشىلەرنى نارازى قىلىپ قويغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى ئېيتقان ماكرون، خەلققە خىتاب قىلىش ئارقىلىق فىرانسىيەدىكى نامايىشلارنى بېسىقتۇرۇشقا تىرىشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر