سوچى كېلىشىمى ۋە <س-300>تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى

تەتقىقاتچى جان ئفجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1073319
سوچى كېلىشىمى ۋە <س-300>تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى

سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىدە يېقىنقى مەزگىللەردە نۇرغۇن ئۆزگىرىش مەيدانغا كەلدى. رۇسىيە ۋە ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبكە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى تۈركىيە بۇزۇپ تاشلىدى. ئىدلىبنىڭ ۋەزىيىتى توغرۇلۇق تۈركىيە بىلەن رۇسىيە سوچى شەھىرىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈپ ئىدلىب مەسىلىسىدە كېلىشتى. سوچى كېلىشىمى نەتىجىسىدە 3 مىليون ئادەم ياشايدىغان ئىدلىب ئەسەدنىڭ ھۇجۇمى ۋە ئېغىر تېراگىدىيەدىن قۇتۇلۇپ قالدى، بۇنىڭدىن سىرت رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئىدلىب مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بەزى مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالدى. سوچى كېلىشىمى دائىرىسىدە ئىدلىبتە 15-20 كىلومېتىرلىق جايدا قوراللاردىن خالىي رايون بەرپا قىلىنىدۇ، «م 4» ۋە «م 5» تاشيوللىرى ئېچىۋېتىلىدۇ، تۈركىيە ۋە رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئالدىنى سەپ  لىنىيەلىرىدە چارلاش ئېلىپ بارغاندىن سىرت، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئىدلىبنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. رۇسىيەگە تەۋە «- IL 20»تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا ھۇجۇملىرى ئەسناسىدا خاتا ھالدا ئەسەد ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلىشىمۇ ئىدلىبتە مەيدانغا كەلگەن مۇھىم ئۆزگىرىشلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە بۇ ئىشنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىسرائىلىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئىسرائىلىيە بۇ ئىشنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەردى. بۇ ۋەقەگە قارىتا، رۇسىيە دەرھال ئەسەد ھاكىمىيىتىگە «س-300»تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەمىنلەپ بەردى.

رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان سوچى كېلىشىمىنىڭ ئىدلىب رايونىدا ئىجرا قىلىنىشىدا تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. تۈركىيە سوچى كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشتا بەزى خەتەر ۋە قىيىنچىلىقلارغا كەلدى، تۈركىيەگە نىسبەتەن ئەڭ قىيىن مەسىلە بولسا، ئىدلىبتە ھېلىھەم مەلۇم دەرىجىدە نوپۇزى بولغان ئاشقۇن تەشكىلاتلارنى ئىدلبتىن چېكىندۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن قايىل قىلىشتۇر. ھەيەت تەھرىر ئۇش شامغا ئوخشاش ئاشقۇن تەشكىلاتلار سوچى كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن قوراللاردىن خالىي رايونلاردىن چېكىنىپ چىقىشى كېرەك. بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە تېگىشلىك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا، بۇنىڭدىن سىرت، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىگىمۇ بېسىم قىلىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا.

سوچى كېلىشىمىنىڭ روھى بويىچە، قوراللاردىن خالىي رايوندىن سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى ئىدلىبنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا يۆتكەپ كېتىشى كېرەك. دەرۋەقە، تۈرك دائىرىلىرىنىڭ خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىسىدە، سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى ئالدىنقى سەپتىن تانكا، راكېتامىيوت ۋە ھەربىي ماشىنىلىرىنى ئىدلىبنىڭ ئىچكى رايونلىرىغا يۆتكەپ كەتتى. لېكىن ئەسەدنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بەزى مۇداپىئە لىنىيەلىرىدىن ئەسكەرلەر چېكىندۈرۈلمىدى. بۇنىڭدىن سىرت، تانكىلارغا قارشى تىزگىنەكلىك راكېتامىيوتلار، يىنىك ۋە ئوتتۇرا مۇساپىلىك قوراللار، «23 ۋە 57»تىپلىق قوراللار قوراللاردىن خالىي رايونلاردىن يۆتكەلمىدى. دېمەككى، بۇ رايوندىن ھازىرچە پەقەتلا ئېغىر تىپلىق قوراللارلا يۆتكەپ كېتىلگەن.

رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان سوچى كېلىشىمىدىن كېيىن ئىدلىبكە قارىتىلغان ھۇجۇملار ئاساسەن توختىغان بولۇپ، رايوننىڭ ۋەزىيىتى نىسبەتەن تۇراقلاشتى. بولۇپمۇ شىمالىي ھاما رايونىدىن كۆچۈپ كەلگەن 60 مىڭ ئادەم قايتىدىن يۇرتىغا قايتىشتى، تۈركىيەنىڭ دىپلوماتىيە ساھەدە ئېلىپ بارغان ئۈنۈملۈك خىزمەتلىرى تۈرتكىسىدە 3 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ جېنى ۋە مال-مۈلكى قوغدىلىپ قالدى. قىسقىسى، تۈركىيە زور پالاكەتنىڭ ئالدىنى ئالدى.

رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن رۇسىيە دائىرىلىرى بۇ ئىشنىڭ جاۋبكارىنىڭ ئىسرائىلىيەنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ئىسرائىلىيەنى ئەيىبلەپ بايانات بەردى، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي موسكۋا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسى نىسبەتەن يۇمشىدى. ئىسرائىلىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى بۇ سۈركىلىش گەرچە كىرىزىسكە ئايلىنىپ كەتمىگەن بولسىمۇ، بىراق رۇسىيە دائىرىلىرى ئەسەد ھاكىمىيىتىنى «س-300»تىپلىق مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ھاۋا تەۋەلىگىدىكى دائىرىسىنى تارايتتى. ئىسرائىلىيە ئۇزۇندىن بۇيان سۈرىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن پايدىلىنىپ  سۈرىيەدىكى ئىران ۋە ھىزبۇللاھ كۈچلىرىگە قارشى ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىدى. رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ بىر قېتىممۇ ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرىغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكى ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن، ئىسرائىلىيە بىمالال ھالدا سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتاتتى.

رۇسىيەنىڭ ئەسەد ھاكىمىيىتىنى «س-300»تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بىلەن تەمىنلىشى گەرچە ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋادىن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش كۈچىگە تاقابىل تۇرۇش نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنسىمۇ، لېكىن «س-300»تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ باشقا تەسىرلىرىمۇ بار. ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ يۆنىلىشىگە قارايدىغان بولساق، ئەسەد ھاكىمىيىتى «س-300»تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى بىلەن ھەم ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى خەلقئارا ئىتتىپاقداش قىسىملىرىغا ھەمدە تۈركىيە ئارمىيەسىگە قارشى بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ھالەتكە كېلىدۇ. ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بىردىنلا ئىلغار تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىغا ئىگە بولۇشى ئىسرائىلىيەنىلا ئەمەس سۈرىيە ھاۋا تەۋەلىكىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان بارلىق كۈچلەرگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر