پۇل ئامانەت قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «پۇل ئامانەت قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1044583
پۇل ئامانەت قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «پۇل ئامانەت قويۇشنىڭ ئەھمىيىتى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز!

يېقىنقدىن بۇيانقى تۈركىيە ئىقتىسادىغا قىلىنغان ئىغۋاگەر ھۇجۇملار، پۇل ئامانەت قويۇشنىڭ بىر دۆلەت ئىقتىسادىدا قانچىلىك  مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. چۈنكى، ئامانەت پۇللار ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ ئاچقۇچى بولغان سېلىنمىلارنىڭ ئاساسىي مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالمۇ، تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدە دۇچ كەلگەن ھەرقانداق بىر خەۋپنى يېڭەلىشى ۋە مەسىلىنىڭ تەسىرىنى بىر تەرەپ قىلالىشى ئۈچۈن، ئامانەت قويۇشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ بېرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، ئىقتىسادىي جەھەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ كىرىمى يۇقىرى دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرىشى ئۈچۈنمۇ پۇل ئامانەت قويۇش كەم بولسا بولمايدىغان ئىشتۇر. تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىدىكى ئامانەت پۇللارنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئىچىدىكى پېيىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولۇشى، ئەلۋەتتە تاسادىپىيلىق ئەمەس. بۇ دۆلەتلەردىكى ئامانەت پۇللارنىڭ كۆپلۈكى، ئىقتىسادىي گۈللىنىشنىڭ سىجىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى چوقۇم ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەك.

نۆۋەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئەڭ كۆپ ئۇچراۋاتقان ئەھۋاللاردىن بىرىنى، ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانلىرىغا يەتكۈزىدىغان سېلىنما مالىيەسىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان يېتەرلىك ئامانەت پۇللارنىڭ بولماسلىقى شەكىللەندۈرىدۇ. ھالبۇكى، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سىجىل ئېشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق يولى سېلىنمىلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. سېلىنما قوزغاتقۇچى كۈچ رولىنى ئوينىغان ئېشىش قۇرۇلمىسى ئىشلەپچىقىرىشتا ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ ۋە سىغدۇرۇشچانلىقنى كۈچەيتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئېشىش سىجىل ھالەتكە كېلىدۇ ۋە كۈچلۈك، مۇستەھكەم ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. بىراق، شۇنداق بىر ھەقىقەت باركى، بۇ سېلىنمىلارنى ئاز مىقداردىكى ئامانەت پۇللار بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. دېمەك، بۇ دۆلەتلەرنىڭ سېلىنمىلىرىغا مەبلەغ تېپىشىغا توغرا كېلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئۇنى سىرتتىن قەرز ئېلىش بىلەن يولى بىلەن ھەل قىلىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىر دۆلەت ئىقتىسادىدا ئامانەت پۇلنىڭ ئاز بولۇشى سىرتتىن قەرز ئېلىشنىڭ ئاساسىي سەۋەبلىرىنىڭ بىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. سىرتتىن قەرز ئېلىش قىزىل رەقەمنى چىللايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، دۆلەت ئىقتىسادى دائىملىق ھېسابات قىزىل رەقىمى مالىيەسىدىن ئىبارەت بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ. مانا بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىنى يېڭىشنىڭ پەردە ئارقىسىدا شۈبھىسىزكى ئامانەت پۇل ياتىدۇ.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامانەت پۇللار دۆلەتلەرنىڭ تاشقى قەرز، قىزىل رەقەم دېگەندەك مەسىلىلىرىگە چارە بولغاندىن سىرت، لايىھەلەرنى مالىيە بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك يولى بولۇشتەك ناھايىتى جەزبىدار بىر تاللاش سۈپىتىدە تۇرىدۇ. چۈنكى، تاشقى قەرز پىلان – لايىھەلەرنى مالىيە بىلەن تەمىنلەشتە كۆپلەپ قوللىنىلىدىغان ئۇسۇللارنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئامانەت پۇللارغا سېلىشتۇرغاندا ئىقتىسادقا خەۋپ ئېلىپ كېلىش ئېھتىمالىمۇ بار. ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بىر دۆلەتنىڭ مالىيە ئېھتىياجىنى تەمىنلەشتە ئىشەنچلىكلىك ۋە ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق سۆز تېمىسى بولغىنىدا، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە سىرتتىن قەرز ئالماسلىققا تىرىشىش پايدىلىقتۇر.

دۆلەتلەر نۇقتىسىدىن ئامانەت قويۇلغان پۇل نىسبىتىنىڭ مىللىي كىرىم ئىچىدىكى پېيىغا قارىلىدىغان بولسا، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە بۇ پاينىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن. بولۇپمۇ گېرمانىيەنى ئامانەت پۇل مەسىلىسىنى ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىگە ناھايىتى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ باشقۇرغان ۋە ئىقتىسادىي ئۇتۇقلىرىنىڭ ئارقىسىدا يولغا قويغان ئامانەت پۇل پىرىنسىپى ياتىدىغان بىر دۆلەت دېيىشكە بولىدۇ.

قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، نۆۋەتتە دۇنيادا سودا ئۇرۇشلىرى داۋاملىشىۋاتقان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۇنيا ئىقتىسادلىرىغا قارشى قورۇقچى سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ ئېمبارگولارنى يولغا قويۇۋاتقان، دۇنيا سودا ھەجىمى تارىيىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقان، ئېنىقسىزلىقلار ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتكەن بىر خىل ھالەت مەۋجۇت. بۇنىڭدىن باشقا خەلقئارا زاپاس پۇل بىرلىكى بولغان دوللارنىڭ، دۇنيا مالىيە سىستېمىسىدا ياراتقان ھۆكۈمرانلىق ئورنىدىن ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە بىر جازا ۋاسىتىسى سۈپىتىدە پايدىلىنىشى، دۇنيا ئىقتىسادىدىكى خەۋپلەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

بۇنداق ئەھۋالدا، باشتا ئىقتىسادىي گۈللىنىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىل دۇنياۋى خەۋپلەرنىڭ كۆرۈلگۈسى تەسىرلىرىگە قارىماي، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىقتىسادىي ئېشىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، كۈچلۈك، ساغلام ۋە سىجىل ئامانەت پۇل سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇشىغا ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياج تۇغۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر