ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (36)

1043704
ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (36)

«ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى»

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

ئاتاقلىق جەمئىيەتشۇناس داۋىد ھارۋېي پوس مودېرنىزمنى ئۆز ئەسىرىدە «ئۆزى ياشاۋاتقان دەۋر، زامان ۋە ماكان ئارىسىدا قاپسىلىپ قالغان پىكىر ئېقىمى» دەپ تەرىپلىگەن ئىدى. ھازىرقى يەر شارىلىشىش باسقۇچلىرى شۇنچە ئۇزاقلارنى يىقىنلاشتۇرالىغاندەك، يېقىننىمۇ ئۇزاقلاشتۇرالايدۇ. ئورتاق تارىخىي ئۆتمۈشلەرنى ۋە ھادىسىلەرنى ئۇنۇتقۇزىۋېتەلەيدۇ. شۇڭا بۇ ھەپتە ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتمەكچىمىز. بۈگۈن راستىنى ئېيتقاندا، ھىندىستان كوللىكتىپ چۈشەنچىمىز نۇقتىسىدىن بىزگە نىسبەتەن خۇددى مېكسىكىغا ئوخشاشلا ئۇزاق. ئەجىبا تارىختىمۇ شۇنداق بولغانمۇ؟

ھىندىستاننىڭ ئۇنتۇلغان ئىسلامىي ئۆتمۈشى

 ھىندىستان چوڭ قۇرۇغلۇقى (ھىندىستان، پاكىستان، باڭلادېش) نىڭ ئىسلام بىلەن مۇشەررەپ بولىشى ھەزرەتى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ دەۋرىگە تۇتۇشىدۇ. تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ تۈركچە ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ «جاھان چەشمىسى» پىروگراممىسىغا مېنىڭ تەكلىپىم بىلەن قاتناشقان يېڭى دېھلى شەرق تەتقىقات مەركىزى دېرىكتورى شۇنداقلا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مېھمان ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئۆمەر ئەنەس ھىندىستانغا ئىسلامنىڭ 3 يول بىلەن كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بىرىنچىسى؛ ھىندونېزىيەدىكىگە ئوخشاش مۇسۇلمان سودىگەرلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن كەلگەن بولۇپ، كەسپىگە ئەستايىدىل، ئېلىم - سېتىمدا ئىشەنچىلىك بولۇشنى تەلقىن قىلىدىغان مۇسۇلمان سودىگەرلەر ھىندىستان چوڭ قۇرۇغلۇقىدا ئىسلامنىڭ كەڭ تارقىلىشىغا ئۈنۈملۈك رول ئوينىغان ئىدى.

ئىككىنچىسى؛ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن سوپىلار بولۇپ، ئۇلار ھىندىستاندا زور تەسىر قوزغىغان ئىدى. دوكتور ئەنەس بولۇپمۇ مەۋلانا جالالىددىن رۇمىنىڭ ھىندىستان چوڭ قۇرۇغلۇقىدا ياخشى تونۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئىچىدىكى سوپىلارنىڭ تۈركىيەگە كەلگەندە، چوقۇم كونيادا مەۋلانا جولالىددىن رۇمىنىڭ مەقبىرىسىنى زىيارەت قىلماي قالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەۋلانانىڭ تۈركىيە ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن مۇھىم كۆۋۈركلۈك رول ئوينىيالايدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ، مەۋلانانىڭ ھىندىستانغا ئىنتايىن يېقىن بىر رايوندا، يەنى ئافغانىستاننىڭ خوراسان ئۆلكىسىگە قاراشلىق بەلخ شەھىرىدە دونياغا كەلگەنلىكى، بەلكىم ئۇنىڭ ھىندىستاندىكى تەسىرىنىڭ بۇنچە كۈچلۈك بولۇشىدىكى مۇھىم ئامىل بولسا كېرەك، مەۋلانىنىڭ ھاياتىغا قارىغىنىمزدىمۇ، ھەقىقەتەن بىر تەرىپى مەزكۇر رايونغا، يەنە بىر تەرىپى ئانادولۇغا تۇتاشقان كۆۋرۈككە ئوخشايدىغانلىقىنى، چاقىرىقلىرىنىڭ دەۋر ۋە تارىخ ھالقىغانلىقىنى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىلا دەۋردە ئوخشاش بولمىغان رايونلار ۋە خەلقلەرنى بىرلەشتۈرىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.

ئۈچىنچىسى؛ ئەسىرلەر بويىچە داۋاملاشقان مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيىتى بولدى. تېگى تۈرك مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلار ھىندىستاندا 10 - ئەسىردىن تارتىپلا زور تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئوسمانلىغا ئوخشاش ھىندىستاندىكى مۇسۇلمان ھۆكۈمدارلارمۇ ھەممىلا يەردە دېگۈدەك ئەخلاق پەزىلەتنى ۋە ئۆزئارا ئوخشىماسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىشنى ھاكىمىيەت شەكلىگە ئايلاندۇرغان ئىدى. ھىندىستان چوڭ قۇرۇغلۇقىنىڭ ئەنئەنىلىرى ۋە يەرلىك خەلق كۈلتۈرى بىلەن گېرەلەشكەن ھالدا بىرلىكتە ياشىغان ئىدى.

*** *** *** ** ** * *****

ھىندىستان چوڭ قۇرۇغلۇقى ئىنتايىن كاتتا مۇسۇلمان ئالىملارنى يېتىشتۇرۇپ چىققان بولۇپ، ئەس - خاتىرىلىرىمىزنى قايتىدىن ۋاراقلىغىنىمىزدا، «مەكتۇبات»نىڭ يازغۇچىسى ئىمام رەببانى (1564-1624)، «ھۇججەتۇللاھىل بالىغە»نىڭ يازغۇچسى شەيخ ۋەلىيىۇللاھ دېھلىۋى (1602- 1662) ۋە «مۇسۇلمانلارنىڭ چېكىنىشى دۇنياغا قانداق زىيانلارنى ئېلىپ كەلدى؟» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى ئەبۇل ھەسەن ئەننەدىۋى (19141999) قاتارلىق ئالىملارنى دەرھال ئەسكە ئېلىشىمىز مۇمكىن. ئەنگلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن كېيىن ھىندىستاننىڭ ئىسلامىي ئۆتمۈشى بارغانسىرى كۆرۈنمەس ۋە ئاز بىلىنىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى. ھەتتا ئۇنتۇلدى. بۇنىڭغا ئىشغالىيەت سىياسىتىگە ئوخشاشلا ھىندىستان، پاكىستان ۋە باڭلادېشنىڭ ئۆزئالدىغا ئايرىم دۆلەتلىرىنى قۇرۇش جەريانىدىكى ئۆزگىچە دۆلەت تارىخى يارىتىش ۋە يېڭى خەلق شەكىللەندۈرۈش تىرىشچانلىقلىرىمۇ زور تەسىر كۆرسەتتى دېيەلەيمىز. بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستان 200 مىليون مۇسۇلمان نوپۇسى بىلەن دۇنيا بويىخە ھىندونېزىيەدىن قالسىلا ئەڭ كۆپ مۇسۇلمان ياشايدىغان 2دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ھىندىستان چوڭ قۇرۇغلۇقىغا بىر پۈتۈن قارايدىغان بولساق، بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 600 مىليون ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. ھىندىستاننىڭ ئومۇمي نوپۇسى 1 مىليار 300 مىليون بولۇپ، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى ئەپسۇسكى، ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. ھىندىستاننىڭ ئاسسام رايونىدا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان بېسىملار كۈنسىرى ئاشماقتا.

700 يىل داۋاملاشقان تۈرك ھاكىمىيەتلەر

ھىندىستان چوڭ قۇرۇغلۇقىدا 10 - ئەسىردىن باشلانغانچە تاكى 1857يىلىغا قەدەر تۈرك ھۆكىمىيەتلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، تېگى تۈرك ھاكىمىيەتلەر غەزنېۋىلەر بىلەن باشلانغان ئىدى. ئەڭ مەشھۇر تۈرك ھۆكۈمدارلاردىن بىرسى چاغاتاي تۈركلىرىدىن بابۇر شاھ ۋە ئۆغلى جىھانگىر شاھ بولۇپ، ئۇلار ئۆز دەۋرىدە ئەڭ ھەشەمەتلىك ھاكىمىيەت ھېسابلىنىدىغان بابۇر ئمېپىرىيەسىنى قۇرغان ئىدى.

بابۇر ئېمپىرىيەسىنىڭ ئاخىرىقى پادىشاھى باھادىر شاھ 1857يىلى ئەنگلىيەگە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ھىندىستان چوڭ قۇرۇغلۇقىدىكى تۈرك ھاكىيمىەتلەر ئاخىرىلاشقان بولدى.  

تارىختىن بېرى ئوسمانلى سولتانلىرى بىلەن ھىندىستاندىكى سولتانلار ئوتتۇرىسىدا يېقىن مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارلىقى مەلۇم. ئوسمانلى جەمەتى تۈركىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندا، ئوسمانلى شاھزەدىلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ ھىندىستانلىق مەلىكىلەر بىلەن توي قىلغانلىقى مەلۇم.

بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستاندا 18 خىل رەسمىي تىل بار. 400 گە يېقىن تىل ۋە شىۋىلەر ئىشلىتىلمەكتە. شۇڭا ھىندىستاننى دۇنيا بويىچە، دىن، كۈلتۈر، تىل ۋە ئېتىقاد نۇقتىسىدىن ئەڭ رەڭگارەڭ، ئەڭ باي دۆلەت دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئوخشىماسلىقلارنىڭ بايلىق سۈپىتىدە بۈگۈنگە قەدەر يەتكۈزىلىشىدە، ئەلۋەتتە ئۇزۇن ئەسىرلەر بويىچە ھاكىمىيەت سۈرگەن مۇسۇلمانلارنىڭ زور تەسىرى بار. چۈنكى مەزكۇر ھاكىمىيەتلەر يەرلىكلەرنىڭ كۈلتۈرى، تىللىرى ۋە دىنلىرىنى يوقۇتۇپ تاشلايدىغان، ئاسېمىلاتسىيە قىلىدىغان ئەمەس، بەلكى خۇددى ئوسمانلىلار ئۆز تەۋەلىكىدە، ئەرەبلەر ئىسپانىيەدە قىلغانغا ئەخشاش، ئۇلارنى ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلايدىغان ھاكىمىيەت شەكلىنى يولغا قويغان ئىدى. شۇڭا مۇسۇلمان ھاكىمىيەتلەر ھاكىمىيىتىنى يوقۇتۇپ قويغاندىمۇ بۇ رايوندىكى پۈتۈن دىنلار، كۈلتۈر ۋە تىللار ئەسلىدىكى ھالىتى بىلەن ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە ئىدى.  مۇسۇلمانلارنىڭ ھاكىمىيىتى شۇنچە ئۇزۇن داۋاملاشقان تۇرۇپ، مانا بۈگۈنكى كۈندە بالقانلاردا تۈرك تىلىنىڭ ۋە ئىسپانىيەدە ئەرەب تىلىنىڭ ئىز - دىرىكىنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە ئىنگىلىزلار شۇنچە قىسقا ھاكىمىيەت سۈرگەن تۇرۇغلۇق، ھىندىستان، پاكىستان ۋە باڭلادېشنىڭ رەسمى دۆلەت تىللىرىدىن بىرسى ئىنگلىز تىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكىدا يەرلىكلەرنىڭ تىلى، كۈلتۈرى ۋە دىنىنىڭ مەۋجۇتلۇقى گويا نەسلى يوقالغان قۇشقا ئوخشاش ئۇچراتقىلى بولمايدىغان ۋە ئالاھىدە قوغدىمىسا بولمايدىغان ھالدا تۇرماقتا.

بۇ ئەھۋاللار تەبىئىي ھالدا ئىنساننىڭ ئەقلىگە «ئىنگلىزلار 1800يىللىرى ئەمەس، ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش 1400يىللىرى ھىندىستاننى ئىشغال قىلغان بولسا، قانداق بولاتتى؟» دېگەن سوئاللارنى تاشلايدۇ. شۇنىسى ئېنىقكى، ئۇ چاغدا ھىندىستانمۇ خۇددى ئامېرىكىغا ئوخشاش ئاق تەنلىكلەرنىڭ تىلى ۋە دىنى زورلاپ تېڭىلغان، يەرلىك خەلقنىڭ كۈلتۈرلىرى، تىللىرى ۋە ئېتىقادلىرى يوقۇتۇپ تاشلانغان بىر دۆلەتكە ئايلانغان بولاتتى.

قېنى بۇنىڭ ئەكسىنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى! ئەگەر ئامېرىكا غەربلىكلەر تەرىپىدىن ئەمەس، مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن بايقالغان بولسا، ئامېرىكىنىڭ يەرلىك خەلقىنىڭ ئەھۋالى قانداق بولاتتى؟

ئاستەك، ئىنكا، مايا ۋە باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭ كۈلتۈر، ئېتىقاد ۋە تىللىرى يەنە يۇقۇلۇپ كېتىش بوسوغۇسىغا كېلىپ قالارمىدى؟ ياكى بۈگۈنكى ئامېرىكىدا ئۇلارنىڭ ھاكىيىمىتى داۋاملىشامتى؟

ئەنگلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىدىن كېيىن ھىندىستان چوڭ قۇرۇغلۇقىدا پەقەتلا غەرب مەدەنىيىتى ھاكىم ئورۇنغا ئۆتمىدى. بەلكى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بۇ قۇرۇغلۇق ھىندىستان، پاكىستان ۋە باڭلادېش دەپ 3 كە بۆلۈندى. بۇ بۆلۈنۈشنى ئەنگلىيە ئمېپىرايىلىزمنىڭ «پارچىلا، بۆل ۋە باشقۇر» سىياسى كەلتۈرۈپ چىقاردىمۇ ياكى بېسىم ئاستىدا سىقىشىپ قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ چارىسىزلىك سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقاردىمۇ؟ بۇ تۇلىمۇ مۇھىم بىر مۇنازىرە تېمىسى ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر چوڭ قۇرۇغلۇق بىرلا دۆلەت سۈپىتىدە قالغان بولسا ئىدى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا دۈشمەن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. كۆپ سانلىققا ئىگە مۇسۇلمانلارنىڭ تەسىرىدە بەلكى بۇ رايون تېخىمۇ بەك تېنچ، تېخىمۇ بەك خاتىرىجەم، مۇقىملىققا ئىگە رايون بولۇشى مۇمكىن ئىدى. 

ئازادلىق ئۇرۇشى ۋە ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى

1دۇنيا ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە ئوسمانلى زېمىنلىرىغا ھۇجۇم قىلغاندا ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىمۇ ئەنگلىيەنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدا تۇراۋاتقانلىقىغا قارىماستىن، قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان ئىدى. ئوسمانلى دۆلىتىنىڭمۇ ئىشغالىيەت ئاستىغا چۈشۈپ قېلىشى، ئۇلارنىڭ ئۈمىتلىرىنى ۋەيران قىلاتتى. دۆلىتىدىكى ئىشغالىيەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇراتتى. شۇڭا ھىندىستان قۇرۇغلۇقىدا جىنناھ بىلەن گاندىنىڭ تەڭ قۇللاپ - قۇۋۋەتلىشى نەتىجىسىدە خىلاپەت ھەرىكىتى باشلاندى. چوڭ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلۈپ، خىلاپەت ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى زاتلىرى ئەينى چاغدىكى ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشكەن، ھەتتا ئازادلىق ئۇرۇشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۆزئارا پۇل توپلىشىپ، تۈركىيەگە ئەۋەتكەن ئىدى.

ماقالىمىزنى يەرشارىلىشىش بىلەن باشلىغان ئىدۇق، ئاخىرىنىمۇ يەنە شۇ يەردە تۈگىتەيلى! يەرشارىلىشىش دۇنيانى بىر بىرىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە بىزگە يېقىن رايونلارنى ۋە ئورتاق ئۆتمۈشكە ئىگە تارىخىي تەجرىبىلىرىمىزنى ئۇنتۇلدۇرۇپ قويماسلىقى لازىم.  بۇ يېقىنىلىشىشلار 21ئەسىردە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرسى بولۇشقا نامزات ھىندىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىزنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ھالغا كەلتۈرۈشكە ۋەسىلە بولۇشى لازىم.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر