ئىدلىب تۈگۈنى

2011 – يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە كىرىزىسىدە ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاخىرقى قەلئەسىگە ئايلىنىپ قالغان ئىدلىب تۈگۈنى.

1040894
ئىدلىب تۈگۈنى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: 2011 – يىلدىن بۇيان ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان سۈرىيە كىرىزىسىدە ئىدلىب رايونى ئۆكتىچىلەرنىڭ ئاخىرقى قەلئەسىگە ئايلاندى. ئىدلىبتىن باشقا يەنە، ئىدلىبنىڭ ئەتراپىدىكى غەربىي ۋە جەنۇبىي ھەلەب بىلەن بىرلىكتە شىمالىي ھاما ۋە شىمالىي لازقىيەدىكى تۈركمەن تاغلىرى ئەتراپىنى قورشاپ تۇرىدىغان بۇ ساھە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئۆكتىچىلەرنىڭ قول ئىلكىدىكى ئاخىرقى رايون ھېسابلىنىدۇ.

ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەلەب، شەرقىي غۇتە، دىرئە، كۇنەيترا ۋە شىمالىي ھۇمۇس قاتارلىق رايونلارنى قولدىن بېرىپ قويۇشى ئىدلىبتىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى تېخىمۇ مۇھىم ھالغا كەلتۈردى.

«ئاستانا باسقۇچى» دائىرىسىدە نوپۇسى تەخمىنەن  3 مىليونغا يەتكەن ئىدلىب «توقۇنۇشماسلىق رايونى» غا داخىل قىلىندى. تۈركىيە رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن ھاسىل قىلغان «ئاستانا كېلىشىمى» دائىرىسىدە شەكىللەندۈرگەن 12 كۆزىتىش نۇقتىسى رايوننىڭ تەقدىرى جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىدلىب رايونىدىكى ئۆكتىچىلەر پات - پات ئۆزئارا توقۇنۇشماقتا. ئۆكتىچىلەر ئىدېئولوگىيەلىك ئىختىلاپلاردىن سىرت يەنە، نوپۇزغا ئېرىشىش قاينىمىغا پېتىپ قالماقتا. رايوندىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرگە ئاساسەن ئىدلىبتە «ھەيئەت تەھرىر شام» ۋە «مىللىي ئازادلىق ئالدىنقى سېپى» دىن ئىبارەت ئىككى لاگېردىن سۆز ئېچىش مۇمكىن.

«ھەيئەت تەھرىر شام» ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ قارىلىدۇ. «مىللىي ئازادلىق ئالدىنقى سېپى» نى بولسا تۈركىيە ئىزچىل قوللاپ كەلمەكتە. «ھەيئەت تەھرىر شام» «ئاستانا باسقۇچى» نىڭ سىرتىدا قالغان، «مىللىي ئازادلىق ئالدىنقى سېپى» بولسا «ئاستانا باسقۇچى» نىڭ بىر پارچىسىدۇر.

ئىدلىبتە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن ئۆكتىچىلەر رايونغا مۇداخىلە قىلىش ئۈچۈن باھانە قىلىپ كۆرسىتىدىغان رادىكال گۇرۇپپىلار باردۇر. تۈركىيە بولسا سىياسىي پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ گۇرۇپپىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ئىدلىب «ئاستانا باسقۇچى» دائىرىسىدە «توقۇنۇشماسلىق رايونى» سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئىدلىبنى بىۋاسىتە كەڭ دائىرىلىك ھۇجۇم نىشانى قىلىدىغانلىقلىرى توغرۇلۇق باياناتلارنى بېرىشكە باشلىدى.

ئىدلىبكە قىلىنغۇسى ھەرقانداق بىر ھەربىي ھەرىكەت تۈركىيەگە نىسبەتەن چوڭ خىرىس تەشكىل قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ستاففان دې مىستۇرا بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، شەرقىي غۇتە سېنارىيەسى تەكرارلانغان تەقدىردە، شەرقىي غۇتەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىدلىب ۋە ئەتراپىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى تۈركىيەنىڭ كونتىروللۇقىدىكى ئافرىن، ئەزىز، ئەلباب، جەرابلۇس قاتارلىق رايونلارغىمۇ بىۋاسىتە تەھدىت سالىدىغان ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ مەۋجۇت ھەربىي ئىقتىدارى ئىدلىبقا قارىتا كەڭ دائىرىلىك بىر ھەربىي ھەرىكەتنىڭ پەقەت رۇسىيەنىڭ ماقۇللۇشى ۋە ھەرىكەتكە داخىل بولۇشى بىلەنلا ئىشقا ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ سۈرىيە ساھەسىدىكى مەۋجۇت نوپۇزلىرى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر، موسكۋانىڭ ئەنقەرەگە بىۋاسىتە تەھدىت سالىدىغان بۇنداق بىر قەدەمنى تاشلاش ئېھتىماللىقىنى يوققا چىقىرىدۇ.

بىراق رايونغا قىلىنىۋاتقان ھاۋا بومباردىمانلىرى «ئاستانا باسقۇچى»ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمگە قارىتا ئىشەنچكە زىيان يەتكۈزۈپ، رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى مۇقىمسىزلاشتۇرماقتا.

ئىدلىبكە ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىماللىقىغا قارىتا تۈركىيەنىڭ «كۆزتىش نۇقتىلىرى» غا ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللىغۇچى كۈچلەر تەرىپىدىن مۇداخىلە قىلىنىشقا ئورۇنۇلۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، تۈركىيە شەكىللەندۈرگەن 12 ھەربىي نۇقتا ئارقىلىق رايونغا قۇرۇقلۇقتىن ھۇجۇم قىلىنىشنىڭ ئالدى ئېلىنغان.

بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبكە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشقا ھەربىي ئىقتىدارىنىڭ يەتمەيدىغانلىقى ۋە بۇ دائىرىدە تامامەن بولۇپمۇ رۇسىيە بىلەن ئىرانغا بېقىندى ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان.

رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، رۇسىيەنىڭ كونتىروللۇقى ئاستىدىكى بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبكە ھۇجۇم قىلىش قارارىنىڭ ئەمەلىيلەشمەيدىغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، رۇسىيەنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەن ۋە كەڭ دائىرىلىك ياردىمىگە ئېرىشەلمىگەن تەقدىردە، بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدلىبكە ھۇجۇم قىلىش قارارىنىڭ ھېچنېمىگە ئەسقايمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

تۈركىيە ئىدلىب مەسىلىسىدە رۇسلار بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق تەخمىنەن 3 مىليون پۇقرا ياشاۋاتقان رايوننى چوڭ ئىنسانىي پالاكەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە قاراشلىق ھاۋا ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ رايونغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھاۋا ھۇجۇملىرىغا قارشى سۈرىيە ھاۋا تەۋەلىكىدە ئەمەلىيەت جەھەتتىن تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن بولمىغانلىقتىن، تۈركىيە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق ھاۋا ھۇجۇملىرىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئازايتىشقا تىرىشماقتا.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، رادىكال تەشكىلاتلارنىڭ ئىدلىبتىكى مەۋجۇدىيەتلىرىنى ئازايتىپ رۇسىيە ۋە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ رايونغا قارىتا ھاۋا ھۇجۇملىرى ئۈچۈن ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان باھانىلىرىنىڭ يوققا چىقىرىلىشىغا توغرا كېلىدۇ.

سۈرىيەدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىش ۋە «ئاستانا باسقۇچى» نىڭ ئاخىرلىشىپ، سىياسىي جەھەتتىن ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، تۈركىيەنىڭ ئۆكتىچىلەرنى بىرلەشتۈرۈشى ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تۈركىيەنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئىدلىبكە قارىتا تاجاۋۇزچىلىق پوزىتسىيەسىدىن ۋاز كەچتۈرۈشى ۋە ھاۋا ھۇجۇملىرىنى توختىتىشى ناھايىتى مۇھىمدۇر.

بىراق بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ئىدلىبتىكى ئۆكتىچىلەرنى يوقىتىپ، ھەربىي جەھەتتىن سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى بىلەن ئىنقىلابىي كۈچلەرنى تامامەن بىر تەرەپ قىلىشنى نىشان قىلىۋاندەك قىلىدۇ.

«ئاستانا باسقۇچى» ۋە «سوچى باسقۇچى» دائىرىسىدە ئىشلىنىۋاتقان «يېڭى ئاساسىي قانۇن» تۈزۈش خىزمىتى ۋە تاشلانغۇسى باشقا قەدەملەر ئارقىلىقمۇ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىگە داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىش مۇمكىن.

تۈركىيەگە نىسبەتەن ئىدلىبنى قوغداش، مۇساپىرلار ئېقىنىدىن ئۆزىنى قوغداشتىن، «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت رايونى ۋە «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى نوپۇزىغىچە، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى پ ي د/ي پ گ گە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان  كۈرەشتىن سۈرىيەنىڭ كېلەچىكىگە ئالاقىدار مۇزاكىرىلەردە سۆز ساھىبى بولۇشقىچە كەڭ دائىرىدە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر