مەغلۇبىيەت پىسخىئولوگىيەسى بىلەن ئەمەس، ئۆز ئۆزىگە ئىشىنىش پوزىتسىيەسى بىلەن مەۋقە تۇتۇش (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (33)

1033038
مەغلۇبىيەت پىسخىئولوگىيەسى بىلەن ئەمەس، ئۆز ئۆزىگە ئىشىنىش پوزىتسىيەسى بىلەن مەۋقە تۇتۇش (ئاۋازلىق)

دۇنيا كۆزنىكى (33)

«مەغلۇبىيەت پىسخىئولوگىيەسى بىلەن ئەمەس، ئۆز ئۆزىگە ئىشىنىش پوزىتسىيەسى بىلەنمەۋقە تۇتۇش »

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى، «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «مەغلۇبىيەت پىسخىئولوگىيەسى بىلەن ئەمەس، ئۆز ئۆزىگە ئىشىنىش پوزىتسىيەسى بىلەن مەۋقە تۇتۇش» تېمىلىق ئانالىزىنىدىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

ئېسىڭلاردا بولسا، كېرەك ئالدىنقى ھەپتە غەربكە قارىتا ئۈچ خىل مەۋقە ھەققىدە توختىلىپ، تەسلىمچىلىك، ئىنكارچىلىق ۋە مۆتىدىللىقنى چۈشەندۈرگەن ئىدۇق. دەرۋەقە، تەسلىمچىلىك بىلەن ئىنكارچىلىق بىر بىرىگە زىت، مۇستەقىل ئىككى ئايرىم پوزىتسىيەدەك كۆرىنسىمۇ، بۇ ئىككى پوزىتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئىنتايىن يېقىن بىر مۇناسىۋەت بولىدۇ. غەرب ئەللىرىدە ياشاۋاتقان كۆچمەنلەر بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھەر ئىككى پوزىتسىيە بىر بىرىسىگە ئاقلاش بولالايدۇ. ئۆزىنىڭ مەنىۋىي قىممەت قاراشلىرىغا پۈتۈنلەي ياتلاشقان ۋە ياشاۋاتقان جەمىيەتتىكى خەلق ئارىسدا ئېرىپ پۈتۈنلەي يوق بولۇپ كەتكەن تەسلىمچىلەر ئۆزلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئىنكارچىلارنى باھانە قىلالىشى مۇمكىن. ئىنكارچىلارمۇ ھەم. ئىنكارچىلار ئۆزى ياشاۋاتقان جەمىيئەتتىن پۈتۈنلەي ئايرىلغان كىشىلەر بولۇپ، ئۇلارغا قارشى گۇرۇپپىلار تەسلىمچىلىككە تۈرۈتكە بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن ھەم تەسلىمچىلىك، ھەم ئىنكارچلىقمۇ تەبىئىي ئەھۋال بولمىغانلىقى يۈزىسىدىن بۇنى تولۇق ئۆزىگە سىڭدۇرۇۋالغان خەلقمۇ بولمايدۇ. ھەر ئىككى پوزىتسىيە چەكتىن ئاشقان بىر قاراش بولغانلىقى ئۈچۈن بۇنى سىڭدۇرۇۋالغانلار ھەر كۈنى قايتىدىن ئۆزلىرىگە يوللۇق باھانە تېپىشقا مەجبۇر بولىدۇ. كىشىلەر ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۆزلىرىنى بۇ قاراشقا قايتىدىن قايىل قىلمىسا بولمايدىغان ئەھۋال شەكىللىنىدۇ. پۈتۈنلەي سىڭدۈرۈلمىگەندە بۇ ئىككى پوزىتسىيە ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ئالمىشىشلارمۇ بولۇشى ئېنىق. تەسلىمچىلىكتىن ئىنكارچىلىققا، ئىنكارچىلىقتىن تەسلىمچىلىككە ئۆزگىرىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ تۇرۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ ئەھۋاللارنى دىنىي قىممەت قاراشلار بىلەن ھېچ قانداق ئالاقىسى يوق، ھاراقخانا ۋە قەھۋە خانىلاردىن چىقمايدىغان، جۈملىدىن تولۇق ئاسېمىلاتسىيە بولۇپ كەتكەن كىشىلەرنىڭمۇ نېمە ئۈچۈن دائېشقا قېتىلغانلىقى قىسمەن ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلەيدۇ.

ئىنكارچىلىق بىلەن تەسلىمچىلىك ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر مەۋقەلىرى سەۋەبىدىن ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە ھېچقانداق ئىجابىي ھەسسە قوشالمايدۇ، شۇڭا بۇ پوزىتسىيەلەرنىڭ كەلگۈسىمۇ بولمايدۇ.

*****  **** *** *** ** ***

مەغلۇبىلەت پىسىخىئولوگىيەسى بىلەن ئەمەس، ئۆز ئۆزىگە ئىشىنىش پوزىتسىيەسى بىلەن مەۋقە تۇتۇش

تەسلىمچىلىك بىلەن ئىنكارچىلىقتىن باشقا بۈگۈنكى كۈندە غەرب دۇنياسىدا ئىھېتىياجلىق بولۇۋاتقان پوزىتسيە سەئىد ھەلىم پاشادا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان مۆتىدىللىق ۋە ئۆز ئۆزىگە ئىشىنىش پوزىتىسيەسىدۇر. 1دۇنيا ئۇرۇشىدىكى شۇنچە رەھىمسىزلىك ۋە تاجاۋۇزچىلىق ئىچىدىمۇ ھەتتا غەربكە شۇنچە ئېغىر تەنقىدلەر يىغىۋاتقان مەزگىلدىمۇ سەئىد ھەلىم پاشانىڭ بۈگۈنكى دەۋدرىكى نۇرغۇنلىغان مۇتەپەككۈرلار ئېرىشەلمىگەن «نارازلىقتىن ئۇزاق مۆتىدىللىق» پوزىتسىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى چوقۇم ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم بىر نۇقتا.

غەرب دۇنياسىدىكى تەسلىمچىلىك بىلەن ئىنكارچىلىقنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى شۇ جەمئىيەتنىڭ ۋەزىيىتىدۇر. شۇنىڭ بىرگە كۆپىنچە كۆچمەنلەر ھەم ئىنكارچىلىققا، ھەم تەسلىمچىلىككە ئىگە ئىدىئولوگىيەلەرنى، كۈلتۈر ۋە دىنلەرنى بويلىغان ھالدا ئۆزلىرىنى ئاساسقا ئىگە قىلماقتا.

مەسىلىگە مۇسۇلمانلار نۇقتىسىدىن قارايدىغان بولساق، ئىسلامغا ئوخشاش ھەزرەتى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تاكى ئاخىرىقى ئىنسانغا قەدەر پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ مەسللىرىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر دىن، ھېچ قانداق نەرسىنىڭ ئۆچمىنى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ بىر ئىدىئولوگىيەسى، بىر نىشانى ۋە ئىمكانىيىتى بار. ئۇنىڭ ئۆزىلا بىر قورغۇچى ئىرادە شۇنداقلا قۇرۇلۇش ھەرىكىتىدۇر.

ئەسلىدە بىر نەرسىگە قارشى تۇرۇشنى بويلاپ مەۋقە تۇتقانلىق شۇ نەرسىنى مەركەزگە ئالغانلىق بولىدۇ. ئىسلام ئېتىقادىي جەھەتتە بارلىق دىنلارنى رەت قىلىش بىلەن باشلىنىدۇ. مۇئامىلە مۇناسىۋەتتە بولسا، «ئىلىم مۆئمىنلەرنىڭ يوقۇتۇپ قويغان بايلىقىدۇر»، «ئىلىم خىتايدا بولسىمۇ بېرىپ ئالغىن» دېيىلىدۇ.

ئۇنداقتا ئىلىم زادى نېمە؟

ئىلىم؛ مەلۇمات، ھۆججەت، تېخنىكا، باشقۇرۇش ۋە ئىجرا قىلىشتۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىكى ئاڭسىز خەلقلەر بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋەتلىرى بىزگە نىسبەتەن يول كۆرسەتكۈچ رەھبەر بولالايدۇ. چۈنكى جاھىلىيەت دەۋرىدىكى مەككە خەلقى ئەينى چاغدىكى ۋەزىيىتى بىلەن ئادەمگەرچىلىك نۇقتىسىدىن ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدە ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مانا شۇنداق قەۋم بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋىتى، يامانلىقتا ئۇلاردىن بىر ئاز تۆۋەن تۇرىدىغان باشقا خەلقلەرنىڭمۇ تۇرمۇشى، ئىدىئولوگىيەلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىرىدە يول كۆرسەتكۈچ رول ئەينىيالىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككە جاھىلىيەت دەۋرىدىكى خەلقلەر بىلەن 3 تۈرلۈك مۇناسىۋەت قۇرغانلىقىنى تىلغا ئېلىشقا بولىدۇ. بەزى ئىشلىرى، مەسىلەن كېيىم كېچەك، ساقال قاتارلىقلار جاھىلىيەت دەرىدىكىلەر بىلەن ئوخشاش ئىدى. مەككە مۇشرىكلىرى بىلەن پەرقلەنمەيدىغان يەنە بەزى ئىشلار كېيىنچە ئۆزگەرتىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەزىدە قىلغانلىرى بىلەن مەككىدىكى ئاڭسىز خەلقنىڭ ئىش ھەرىكىتى ئۆزگەرتكەن ۋە تۈزەتكەن ئىدى. مەسىلەن ساقىلىنى قىسقارتقان ئىدى. بەزى قىلغانلىرى بىلەن مەككە خەلقىنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى پۈتۈنلەي رەتمۇ قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئانالىتىك، يەنى ئانالىز خاراكتېرلىك) پوزىتسىيە دەپ تەرىپلەشكىمۇ بولىدىغان بۇ ئۈچ تەرەپلىمىك ئۈلگىلىك پوزىتسىيەسى شەرق، غەرب، جەنۇپ شىمال، زامانىۋىلىق، يۈكسەك زامانىۋىلىق، يەر شارىلىشىش... قاتارلىق تۇمۇشنىڭ بارلىق ساھەلىرىگە بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىنتايىن ئىلغار چىراق بولۇپ كەلمەكتە.

*** ** * *** *** **

تەسلىمچىلىك پوزىتسىيەسى بىزنى بىز بولۇشتىن ئۇزاقلاشتۇرىدۇ. پۈتۈنلەي ئىنكارچىلىق پوزىتسىيەسىمۇ ياشلىرىمىزنى دائېشقا ئوخشاش ئاشقۇن گۇرۇپلارغا ئىتتىرىدۇ. بۇ جەھەتتە ئاخىرىقى ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ تۇمۇشقا ئالاقىدار قانۇنى ھېسابلىنىدىغان «مەجەللە» دىكى «ئەشيالاردا مۇھىم بولغىنى جائىزلىقىدۇر» دېگەن قائىدە تولىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «مەجەللە» تەبىئەت ۋە ھاياتتا ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغىنى، جائىز ئەركىنلىك ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، بۈگۈنكى كۈندە مۇبىتىلا بولغان مەغلۇبىيەت پىسىخىئولوگىيەسىنى يېڭىش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم نۇقتى نەزەر بولالايدۇ.

تەنزىمات دەۋرىدىكى يېرىكچىلىكلەرگە كۆرسىتىلگەن نارازىلىقلار ئاساسەن قارشىلىق بىلدۈرۈش ۋە تەسلىمچلىك ئوتتۇرىسىدا شەكىللەنگەن دېيىشكە بولىدۇ. شۇڭا تەنزىمات دەۋىرگە بېرىلگەن باھالار پەقەتلا شۇ دەۋرگە خاس بولۇپ قالماستىن، تەنزىمات دەۋىر بىلەن باشلانغان يېرىكچىلىكلەرنىڭ بۈگۈنكى دەۋرىدىكى تەسىلىرىگىمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۈگۈنكى كۈندىكى ۋەزىيەتلەرگىمۇ كۆپىنچە تەنزىمات دەۋىدە كۆرسىتىلگەنكەك قارشىلىقلار كۆرسىتىلمەكتە. بۇ باسقۇچلار شەخلەرنى، گۇرۇپپىلارنى ئىدارە ئورگانلارنى ۋە دۆلەتلەرنى قىيىنچىلىققا سېلىۋاتقان ياكى تەسىر كۆرسىتىۋاتقان باسقۇچلاردۇر. مانا بۇ پەنجىرىدىن قارايدىغان بولساق، مەيلى ئۆتمۈشتىكى غەرب زامانىۋىلىقى بولسۇن، مەيلى بۈگۈنكى كۈندىكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە يەر شارىلىشىش باسقۇچى بولسۇن، ئۈنۈملۈك بىرەر مۇئەييەن پوزىتسىيەنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى تىلغا ئالالمايمىز. بۇ يەردە ئېنىق بىر شەكىلدە باشقىچە بىر پوزىتسىيە يولى بەرپا قىلىشتىن ئېغىز ئاچماقتىمىز. بەزى ئەھۋاللاردا شۈبھىسىزكى، باشقىچە يول بەرپا قىلىنىدۇ. بىراق ھەممىلا ئەھۋاللارغا قارىتا باشقىچە يول بەرپا قىلىش ئۆزىمىزنى ياتلاشتۇرۇش ۋە ۋەزىيەتتىن ئۇزاقلىشىشتىن باشقا نەتىجە بەرمەيدۇ. بۇ دائىرىدە مەيلى قانداق ئەھۋالغا يولۇقمايلى، تەسلىمچىلىك ياكى پۈتۈنلەي ئىنكارچىلىق ئېقىملىرىدىن ئۇزاق بىر پوزىتسىيەنى ئۆزلەشتۈرىمىز لازىم.

يەنە بىر تەرەپتىن ھالقىلىق مەسىلىلەرنى بەك مۇرەككەب كۆرۈپ، ئولتۇرۇپ قالماسلىقمۇ مۇھىم. چۈنكى ئىسلام دىنىمىز قېيىنچىلىق ئەمەس، ئاسانلىق، نورمالسىزلىق ۋە ئاشقۇنلۇق ئەمەس، ئوتتۇراھاللىق دىنىدۇر.

خۇلاسىلاپ ئېيتقاندا، غەربنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە بىز دۇچ كەلگەن ئامىللار، تېرمىنلەر ۋە مەسىلىلەرگە ھەرگىزمۇ مەغلۇبىيەت پىسخىئولوگىيەسى بىلەن تەسلىم بولماستىن، قول ئىلكىمىزدىكى مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزنىڭ ئومۇمىي دەستۈرلىرى دائىرىسىدە، ئۆز ئۆزىمىزگە ئىشەنگەن شەكىلدە پوزىتسىيە تۇتىشىمىز لازىم. بىزنىڭ ئەسلىدە خوراساندىن باشلىنىپ، ئانادولۇغا ۋە بۇ يەردىن غەربكە يۈزلەنگەن يۈرۈشىمىزنىڭ ھېكايىسى دەل مۇشۇدۇر. بىز ئىگە بولغان مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزنىڭ ئومۇمي دەستۈرلىرى دائىرىسىدە، دۈچ كەلگەن بارلىق كۈلتۈرلەرگە ھېيىقىپ مۇئامىلە قىلماستىن، بايلىقلىرىمىزنى يۈكسەلتكەن ئىدۇق. يۈرۈشلىرى بىلەن بارغانچە زورايغان قار شارىغا ئوخشاش دۈچ كەلگەن بارلىق ئوخشىماسلىقلار قورقۇنچىمىزنىڭ ئەمەس، بايلىقىمىزنىڭ مەنبەسىگە ئايلانغان ئىدى.

ھەل قلىىش چارىسى بىز ئويلىغاندەك قېيىن ئەمەس. مەۋلانا جەلالىددىن رۇمىنىڭ «بىر پۇتىنى مەھكەم دەسسەپ، يەنە بىر پۇتى بىلەن پۈتۈن دۇنياغا يۈزلىنىش» دەپ تەرىپلىگەن شەكىلدىكىگە ئوخشاش بىر تەرەپتىن ئۆز قىممەت قاراشلىرىمىز ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرىمىزنى ئاساس قىلغان كىملىكىمىز بىلەن كىشىلىك ئوبرازىمىزنى تەشكىل قىلغان بىر پۇتىمىزنى مەھكەم باسساق، يەنە بىر تەرەپتىن، پىكىر دۇنيايىمىزنى بېيىتىدىغان ۋە تۇرمۇشىمىزنى ئاسانلاشتۇرىدىغان بارلىق ئوخشىماسلىقلارغا دەرۋازىمىزنى ئوچۇق تۇتىشىمىز لازىم.

ئۇنداقتا ئۆزى يالغۇز توغرا مەۋقەدە تۇرۇش بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالامدۇ؟ بىزنى يېتىپ بېرىشىمىز كېرەكلىك ساھىلغا يەتكۈزەلەمدۇ؟

بۇنىڭ جاۋابلىرىنى كېلەر قېتىملىق پىروگراممىمىزدا ئانالىز قىلمىز. 

 ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر