سۈرىيە ئىنقىلابى باشلىغان دەرئا شەھىرى خەتەر ئاستىدا

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىز

1006617
سۈرىيە ئىنقىلابى باشلىغان دەرئا شەھىرى خەتەر ئاستىدا

يېقىنقى كۈنلەردە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى دەرئا رۇسىيە بىلەن ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان ئەسەد قىسىملىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەلمەكتە. سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ قەلئەلىلىرىدىن بولغان ۋە سۈرىيە ئىنقىلابى قوزغالغان دەرئا رايونىغا قارىتىلغان ھۇجۇملاردا ئەسەد قىسىملىرى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى، يەرلىك خەلق بولسا ئىيوردانىيەگە قاراپ قېچىشقا مەجبۇر بولدى. ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ چېگرا ئېغىزىنى ئاچماي تۇرۇۋېلىشى سەۋەبىدىن، سۈرىيە-ئىيوردانىيە چېگراسى ئېچىنىشلىق ئىنسانىي تىراگېدىيەلەرگە سەھنە بولماقتا. سۈرىيەدىكى قوراللىق ئۆكتىچى كۈچلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىشالماسلىقى ۋە بەزىلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى نەتىجىسىدە ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشىۋېلىشى قاتارلىقلار تۈپەيلى، ئۆكتىچىلەرنىڭ قولىدىكى نۇرغۇن شەھەر ئۇرۇشسىزلا ئەسەد قىسىملىرىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. جەنۇبىي سۈرىيەنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان يەنە بىر ھادىسە ئىران بىلەن ئىسرائىلىيە ئارىسىدىكى كەسكىن سۈركىلىشتۇر. ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئىسرائىلىيە چېگراسىغا يېقىنلىشىشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سۈركىلىشنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرمەكتە.

بۇ يىل ئىيۇن ئېيىنىڭ بېشىدا ئەسەد قىسىملىرىنىڭ دەرئاغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەر تارقالغانىدى. ئۇزۇن ئۆتمەيلا دېگەندەك ئەسەد ئارمىيەسى رايونغا ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەر يۆتكەشكە باشلىدى. دەرئا رايونىدا بۇرۇن ئەسەد قىسىملىرى بىلەن سۈرىيەلىك ئۆكتىچى كۈچلەر ئارىسىدا كەسكىن توقۇنۇشلار يۈز بەرمىگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە دەرئا رايونى ئۈستىدە كېلىشىپ، دەرئا رايونىنى «توقۇنۇش پەسەيتىلىدىغان رايونلار»قاتارىغا كىرگۈزگەنىدى. لېكىن ئەسەد قىسىملىرى دەرئاغا ھۇجۇم قوزغىغاندا ئامېرىكا مەسئۇللىرى سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنى سىياسىي جەھەتتىن قوللىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. ئامېرىكىنىڭ ئىيوردانىيە ئەلچىخانىسىدىن سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە ئەۋەتىلگەن بىر پارچە خەتتە، بارلىق كېلىشىم ۋە ۋەدىلەرنىڭ ئەكسىچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرنى رۇسىيە ۋە ئەسەد قىسىملىرىدىن قوغداپ قالالمايدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەنىدى. دەرئا رايونىغا رۇسىيە ۋە ئەسەد قىسىلىرى ھۇجۇم قىلىشنى باشلىغان دەسلەپكى كۈنلەردە، رۇسىيەنىڭ ھۇمەيمىن ھەربىي بازاسى قوماندانلىقى دەرئانىڭ «توقۇنۇش پەسەيتىلىدىغان رايونلار» قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

دەرئا رايونىنىڭ ۋەزىيىتى باشقا جايلارغا سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن جىددىي بولمىغاچقا، دەرئالىقلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىدە ياشايتتى، بىراق رۇسىيە، ئىران ۋە ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ رايونغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىشى نەتىجىسىدە رايوندىكى 270مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇر بولدى. ب د ت 40 مىڭ دەرئالىقنىڭ ئىيوردانىيەگە قاراپ ماڭغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن 650 مىڭ سۈرىيەلىكنى قوبۇل قىلغانىدى، بىراق نۆۋەتتە ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرگە يېڭى سىياسەتلەرنى يولغا قويماقتا. ئىيوردانىيە ھۆكۈمىتى سۈرىيە چېگرسىغا يىغىلغان سۈرىيەلىك كۆچمەنلەرگە ياردەم قىلماقتا، ئەسەد قىسىملىرى دەرئاغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىشىدىن كېيىن دەرئا خەلقى زور خەۋپ ئاستىدا قالدى. بۇ نۆۋەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىيوردانىيەنى دەرئالىقلارغا چېگرا ئېغىزىنى ئېچىشقا چاقىردى.

دەرئا رايونىدا رۇسىيە، ئىران ۋە ئەسەد قىسىملىرى بىلەن سۈرىيەلىك ئۆكىتىچى كۈچلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرمەكتە. ئەسەد قىسىملىرىنىڭ لاجات رايونىنى چاقماق تېزلىكىدە قولغا چۈشۈرۈشىدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈشى بىلەن بەزى ئۆكتىچىلەر ئەسەد ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشىۋالدى. دائېل، بوسنا ئەل شام ۋە ئىبتا شەھەرلىرىدىكى ئۆكتىچىلەر قورال-ياراغلار بىلەن شەھەرنى ئەسەد قىسىملىرىغا قوش قوللاپ تۇتتى. يەنە بىر تەرەپتىن رۇسىيەنىڭ ئەسەد قىسىملىرىنى قوللىشى، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەرگە ياردە قىلىشنى توختىتىشى قاتارلىق سەۋەبىدىن، قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان سۈرىيەلىك ئۆكتىچىلەر ئەسەد قىسىملىرى ئالدىدا پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالماقتا.

جەنۇبىي سۈرىيەدە مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئىسرائىلىيەمۇ ئۇچرىماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەردىن ئىلگىرى رۇسىيە بىلەن كۆرۈشۈپ ئىران ۋە ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشماسلىقى توغرىسىدا كېلىشكەنلىكى مەلۇم. بىراق دەرئادا ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان كۈچلەرنىڭمۇ ئەسەد قىسىملىرىغا قوشۇلغانلىقى ئاشكارىلاندى. ئىسرائىلىيەنىڭ نۇرغۇن ئىران ئەسكەرلىرى ۋە ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان قوراللىق كۈچلەرگە ھاۋادىن ھۇجۇم قوزغىشى ۋە ئىران قوللاپ كېلىۋاتقان قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئىسرائىلىيە چېگراسىغا يېقىنلىشىشى ئىسرائىلىيە-ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىشىگە سەۋەب بولماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر