«بىرىنچى دۇنيا سودا ئۇرۇشى»

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1006560
«بىرىنچى دۇنيا سودا ئۇرۇشى»

ئامېرىكا ھاكىمىيىتى ئەتە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 34 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلارغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى بەلگىلىمىسى يولغا قويۇشقا تەييارلانماقتا. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «ھېچكىم سودا ئۇرۇشىنى خالىمايدۇ»دەپ بايانات بەرگەن بولسا، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى «ئامېرىكا ئۆزى بولۇپ پۈتكۈل دۇنيانى ئوت تىقماقتا»دەپ بايانات بەردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھاكىمىيىتى چىقارغان بۇ بەلگىلىمە ئەتە يولغا قويۇلىدۇ، ترامپ خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىمىگە قارشى تەدبىر كۆرگەن تەقدىردە، سودا ساھەسىدىكى كىرىزىسنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا 450 مىلياردلىق دوللار قىممىتىدە قوشۇمچە تاموژنا بېجى يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ خىتايغا تەھدىت سالغانىدى.  

خىتاي دائىرىلىرى «تۇنجى ئوقنى ئۆزلىرى ئاتمايدىغانلىقىنى»بىلدۈرۈپ بايانات بەرگەن بولسىمۇ،  خىتاي مەسئۇللىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى يولغا قويغان تەقدىردە قاراپ تۇرمايدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

ھەپتىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا خىتاي سودا مىنستىرلىقى باياناتچىسى گاۋ فېڭ، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا باجلىرىنىڭ خىتايدىكى چەت ئەل شىركەتلىرى بولۇپ بارلىق خەلقئارالىق شىركەتلەرگە زىيان بېرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: ئامېرىكا سودا ئۇرۇشىنى ئەۋجىگە چىقىرىشنىڭ كويىدا يۈرۈۋاتىدۇ، بىزنىڭ ئۇرۇش قىلغۇمىز يوق، بىراق دۆلەت ۋە خەلقىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇشقا قىلىشتىن باشقا چارىمىز يوق، دېدى.

ئىقتىسادشۇناسلار سودا ئۇرۇشىنىڭ مال باھاسىنى ئۆستۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى، سودا ئۇرۇشىدا ھەممىدىن بەك ئىستېمالچىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. 

قانداق بولۇپ بۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى سودا جەھەتتە «ئۇرۇش»سەۋىيەسىگە بېرىپ يەتتى؟ بۇ ئەھۋالنى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر نۇقتىسىدىن قانداق چۈشىنىش مۇمكىن؟ ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك بولغان بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى خەلقئارادا قانداق تەسىرلەرنى پەيدا قىلىدۇ؟ بىرىنچى دۇنيا سودا ئۇرۇشى باشلىدىمۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر