پارس قولتۇقى كىرىزىسىنىڭ تۇنجى يىلى ۋە تۈركىيەنىڭ مەيدانى

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

978869
پارس قولتۇقى كىرىزىسىنىڭ تۇنجى يىلى ۋە تۈركىيەنىڭ مەيدانى

بىر يىل ئىلگىرى قاتار رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خاكېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى ۋە قاتار ئەمىرىنىڭ ئېغىزىدىن بەزى يالغان سۆھبەت خاتىرىلىرىنىڭ تارقىتىلىشى بىلەن باشلىغان «مېدىيا ئۇرۇشى»غا شاھىت بولدۇق. بۇ «مېدىيا ئۇرۇشى» ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىگىدە ۋە ئامېرىكىنمۇ يانتاياق بولۇشى بىلەن بەرپا قىلىنغان ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ قاتارنى بىۋاستە ھۇجۇم نىشانى قىلىشىغا ئايلىنىپ كەتتى. بۇ ئىتتىپاقداش كۈچلەر قاتارنى سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامال قىلىپ تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر قىلدى.

بۇ ئەھۋالنىڭ ۋاقتىغا قارايدىغان بولساق قاتارغا قارىتىلغان بۇ  قامال سىياسىتىنىڭ 2017-يىلى 21-مايدا سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ قاتناشقان بىر خەلقئارالىق يىغىندىن كېيىن يولغا قويۇلغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ ئىشتا «ئىككى مۇھەممەد»دەپمۇ ئاتالغان بىن سەلمان بىلەن بىن زايەد رىياد باشلىقلار يىغىنىدا ترامپنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقىدىن تولۇق خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈشتى. بۇ ئىككى «زات»ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىكتە بەرپا قىلغان رايونلۇق پىلانىغا قاتارنىڭ تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، شۇڭا قانداق بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر بۇ تەھدىتنى يوق قىلىشقا بەل باغلىغانىدى. قاتارنىڭ تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر بىلەن ئەرەب باھارى ۋە رايوندىكى ئۆزگىرىشلەرنى قوللىشى، ئىقتىسادىي ۋە مېدىياسىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى بۇ دۆلەتنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەردىن بىرى ئىدى.

لېكىن ۋەزىيەتنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلىدىغان بولساق، قاتارغا قارىتىلغان قامال سىياسىتى ئوڭۇشسىزلىققا دۇچار بولدى. تۈركىيەگە ئوخشاش ئىتتىپاقدېشىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن قاتارنىڭ سوغۇققانلىق بىلەن يولغا قويغان دىپلوماتىك سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلدى. ئامېرىكىمۇ قاتار سىياسىتىدە ئىتتىپاقداشلىرىغا قارىغاندا نىسبەتەن يۇمشىدى. نۆۋەتتە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قاتارغا قاراتقان قامال سىياسىتى ئۆزلىرىگە نىسبەتەن يۈك بولۇپ قالدى.

قاتار بىلەن بىرلىكتە تۈركىيەمۇ ھۇجۇم نىشانىدا ئىدى

قاتارغا قامال قىلىش سىياسىتى يۈرگۈزگەن ئىتتىپاقداش كۈچلەر قاتار دائىرىلىرىدىن قاتاردىكى تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەزىپىسىگە خاتىمە بېرىش ۋە تۈركىيە بىلەن قاتار ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. مېنىڭچە بۇنىڭ ئىككى سەۋەبى بار، بىرىنچىسى، تۈركىيە قاتارغا ھەربىي جەھەتتىن ياردەم قىلمىسا قاتارنى بىر تەرەپ قىلىش ئاسانغا توختايتتى ۋە تۈركىيە بىلەن قاتار ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەتلەر ئەمەلىيەتتە قاتارنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلاتتى ۋە بۇ ئەھۋال «ئىتتپاقداش كۈچلەر»گە تەھدىت ھېسابلىناتتى. ئىككىنچىسى، تۈركىيەنىڭ رايوندىكى ھەربىي ۋە سىياسىي نوپۇزى «ئىككى مۇھەممەد» ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ رايون سىياسىتى نۇقتىسىدىن تەھدىت،دەپ قارىلاتتى. بۇ كۈچلەر پەلەستىندىن قاتارغىچە بولغان كەڭ كەتكەن ئىسلام جۇغراپىيەسىنى خالىغانچە تەرتىپكە سېلىشنىڭ كويىغا كىرىپ،  ئۆزلىرىنىڭ بۇ سىياسىتىگە جەڭ ئېلان قىلالايدىغانلارنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈش ياكى ئاجىزلاشتۇرۇشقا تۇتۇش قىلدى. ئەلۋەتتە تۈركىيە بىلەن قاتار بۇنداق ئادالەتسىزلىككە قارشى چىقىپ ھەربىي جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇردى. بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ ۋە كۈچلۈك سىياسىتى قاتارغا قارىتىلغان قامال سىياسىتىنىڭ يۇمشىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

تۈركىيە ئۆزىنى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن بەكرەك ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىكىنىڭ ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدى، ئەمەلىيەتتىمۇ بۇنىڭ ئىشارەتلىرى خېلى ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈلۈشكە باشلىغانىدى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئامېرىكىدىكى ئەلچىسى يۇسۇف ئەل ئۇتەيبەنىڭ تاراتقۇلاردا ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ئىلخەتلىرىدە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىگە زىت پائالىيەتلەرنى قىلىپ كەلگەنلىكى ئاشكارىلاندى. لىۋىيەدىن سومالىغىچە، سۈرىيەدىن باشقا جايلارغىچە بولۇپ نۇرغۇن جايدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىسرائىلىيە بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ تۈركىيەنىڭ مەنپەئەتىگە زىت قىلمىشلارنى قىلىپ كەلدى. تۈركىيە ئەلۋەتتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ پارا بېرىش ئارقىلىق ئادەم توغرىلاپ، ھەتتا بەزى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا يانتاياق بولۇپ رەزىل ئويۇنلارنى ئوينىشىغا ئوخشاش شەكىلدە جاۋاب قايتۇمايدۇ. تۈركىيە سىياسىي ئورگانلىرى ۋە ئارمىيەسى بىلەن قۇدرەتلىك دۆلەت، رايوندا نوپۇزلۇق كۈچ، رايوننىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىراق ۋە سۈرىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە پائالىيەت قىلىۋاتىدۇ. تۈركىيە قاتاردىن باشقا سومالىغا ئوخشاش نۇرغۇن رايوندا ھەربىي نوپۇزىنى كۈچەيتمەكتە. قۇددۇس مەسىلىسىدە ئاكتىپ رول ئويناش ئارقىلىق مۇسۇلمان دۇنياسى ۋە مەزلۇملارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر