ترامپنىڭ يادرو كېلىشىمى قارارى ۋە ئاقىۋەتلىرى

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

968252
ترامپنىڭ يادرو كېلىشىمى قارارى ۋە ئاقىۋەتلىرى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى كۈتۈلگىنىدەك 2015-يىلى ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن ئامېرىكىنى چېكىندۈرۈپ چىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.دونالد ترامپنىڭ بۇ قارارىغا ئىسرائىلىيەدىن باشقا دۆلەتلەر ئاساسەن نارازىلىق بىلدۈردى. ئىران دونالد ترامپنىڭ بۇ قارارىنىڭ تولىمۇ خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرگە سەۋەب بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، باشقا دۆلەتلەرمۇ ترامپنىڭ قارارىنىڭ رايوندا مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

دونالد ترامپ دۇنيا كېلىمات كېلىشىمىدىن ئامېرىكىنى چېكىندۈرۈپ چىققانغا ئوخشاش بۇ قېتىممۇ نېمە ئۈچۈن ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىدىن ئامېرىكىنى چېكىندۈرۈپ چىقىدۇ؟ دونالد ترامپنىڭ بۇ قارارى ئىراندا بولۇپمۇ ئوتتۇرا شەرق رايونىدا قانداق ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن؟ خەلقئارانىڭ ئىقتىسادىي ئېمبارگولىرىنىڭ ئەكسىچە، ئوتتۇرا شەرقتە بولۇپمۇ سۈرىيەدە نوپۇزىنى كۈچەيتىۋاتقان ئىران، بۇنىڭدىن  كېيىن قانداقراق يولنى تۇتۇشى مۇمكىن؟كورېيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن تازىلاش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىۋاتقان بۇ كۈنلەردە ئىراننىڭ بۇنداق مۇئامىلەگە ئۇچرىشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئىران بىلەن مۇناسىۋىتى ئىزچىل ياخشى بولۇپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى قانداق بولىدۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر