كىم جوڭئوننىڭ سىرلىق خىتاي زىيارىتى

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى.

940405
كىم جوڭئوننىڭ سىرلىق خىتاي زىيارىتى

يېشىل رەڭلىك  لېكىن ئىچىدە كىملەرنىڭ بارلىقى نامەلۇم بولغان بىر پويىز بېيجىڭ ۋوگزالىغا بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى يېتىپ كەلدى، دۇنيا پويىزدىن بەكرەك پويىزنىڭ ئىچىدىكى كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىگە قىزىقاتتى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پويىزنىڭ ئىچىدىكى كىشىنىڭ ھەر جەھەتتىن «ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە» ئىگە بولغان شىمالىي كورېيەنىڭ سىرلىق دۆلەت رەئىسى كىم جوڭئۇن ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. بۇ كىم جوڭئۇننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن بۇيان تۇنجى قېتىم چەت ئەلنى زىيارەت قىلىشى ئىدى. كىم جوڭئۇننىڭ خىتاينى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىشى دۇنيانى تاڭ قالدۇردى، ئۇ تۇيۇقسىز خىتاينى زىيارەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ  خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن رەسمىي دۆلەت مۇراسىمى بىلەن كۈتۈۋېلىندى، بۈگۈن بىز كىم جوڭئۇننىڭ ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئىلگىرىكى بۇ خىتاي زىيارىتىنىڭ سەۋەبىنى، تەسىرلىرىنى، قىسقىسى تەپسىلاتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر