تۈركىيەنىڭ چېگرادىن ھالقىغان تېررورىزىمغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

930674
تۈركىيەنىڭ چېگرادىن ھالقىغان تېررورىزىمغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرى

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئافرىننىڭ تۈركىيەگە تۇتۇشىدىغان جىندەرەس، راجو، شەيخ ھادىد ۋە شەران يېزىلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىندى. تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چېگرا رايونلىرىنى تېررورچىلاردىن تازىلىشىغا قارىتا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ئۇنسۇرلىرى تۈركىيەنىڭ چېگرا رايونلىرىغا توپ ئوقى ئېتىشقا ئۇرۇندى، لېكىن تېررورچىلارنىڭ بۇ قىلمىشى توسۇپ قېلىنىپ تۈركىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك نۇقتىسىدىن مۇھىم قەدەملەر تاشلاندى، شۇنداقلا سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدىكى تېررورچىلارنىڭ تۈركىيەنىڭ رەيھانلى ۋە كىلىس ۋىلايىتىگە ھۇجۇم قىلىدىغان يولىمۇ ئېتىلدى.

تۈركىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چېگرا رايونلىرىنى تېررورچىلارنىڭ چاڭگىلىدىن قايتۇرۇپ ئېلىشى بىلەن ي پ گ – پ ك ك تېررورچىلىرى ئامانوس تاغلىرىدىن ھالقىپ تۈركىيە زېمىنلىرىغا سوقۇنۇپ كىرەلمەس بولدى. مەلۇمكى، ئىلگىرى ي پ گ – پ ك ك تەشكىلاتى ئافرىندىن ھاتاي ۋىلايىتىگە ئامانوس تاغلىرى ئارقىلىق قورال-ياراغ ۋە تېررورچى ئۇنسۇر يۆتكەيتتى. نۆۋەتتە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە تۈركىيە ئارمىيەسى ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلارغا بەرگەن قورال-ياراغلارنى قولغا چۈشۈردى، لېكىن رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بۇ كۇپايە قىلمايتتى، تۈركىيەنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتا چېگرا بىخەتەرلىكىلا ئەمەس پ ك ك نىڭ رايوندىكى نوپۇزى، ئىقتىسادىي ۋە ئادەم كۈچىمۇ يوق قىلىنىشى لازىم. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى چېگرا لىنىيەلىرىگە تېررورلۇق بەلۋىغى بەرپا قىلىنىشىغا قەتئىي يول قويمايدىغانلىقىنى زەيتۇن شېخىي ۋە فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق دۇنياغا ئۇقتۇرۇپ قويدى.

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە ئافرىن رايونى قورشاۋ ئاستىغا ئېلىنىپ بولدى، بىراق تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرى ئافرىن شەھەر مەركىزىگە رەسمىي كىرمىدى. چۈنكى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ يەرلىك خەلقىنى قالقان قىلىپ ئىشلىتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ شەھەردىن چىقىپ كېتىشىگە توسالغۇ بولماقتا. تۈركىيە ئارمىيەسى بىلەن ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرىنىڭ ئافرىن خەلقىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇشى سەۋەبىدىن، بەلكىم ئافرىن شەھەر مەركىزىگە قىلىنىدىغان ھەربىي ھەرىكەت كېچىپ ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن.

زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيە جەنۇبىي چېگرا لىنىيەلىرىنى تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن تازىلاش ئۈچۈن يېڭى قەدەملەر تاشلاشقا تەييارلانماقتا، بىر تەرەپتىن ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن فىراتنىڭ غەربىدىكى مۇنبىچ توغرۇلۇق مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈۋاتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىراق ھۆكۈمىتى بىلەن ئىراقتىكى تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدىمۇ مۇزاكىرە ئۆتكۈزمەكتە.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۈركىيەگە  مۇنبىچنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى سۈرىيە دېموكراتچىلار كۈچلىرى بىلەن بىرلىشىپ قولغا كىرگۈزگەندە ۋە شەھەر دائېش تېررورچىلىرىدىن تامامەن تازىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ي پ گ قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ فىراتنىڭ شەرقىگە چېكىنىدىغانلىقلىرىنى ۋە مۇنبىچ رايونىنىڭ ئەرەبلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا بېرىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنىدى. تۈركىيەمۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ تەكلىپىنى رايوننىڭ دائېشتىن تازىلىشىنى ئۈچۈن بولسىمۇ قوبۇل قىلغانىدى، دەرۋەقە مۇنبىچكە قىلىنغان ھەربىي ھەرىكەت نەتىجىسىدە ئالىي دەرىجىلىك ئامېرىكىلىق ئەمەلدارلار ي پ گ  قوراللىق ئۇنسۇرلىرىنىڭ رايوننى تاشلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. بىراق تۈركىيە دەلىل-ئىسپاتلارغا تايىنىپ تۇرۇپ بۇنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى دۇنياغا جاكارلىدى. فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى ئەسناسىدا ي پ گ لىق تېررورچىلارنىڭ تۈركىيە ئارمىيەسى ۋە ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىشى ئامېرىكىنىڭ ي پ گ تېررورچىلىرى توغرىسىدا بەرگەن باياناتىنىڭ يالغان ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ قويدى. تۈركىيە زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە مۇنبىچ رايونىنىمۇ ي پ گ تېررورچىلىرىدىن تازىلايدىغانلىقىنى قەتئىي ھالدا بىلدۈرۈپ كەلدى.

تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان قەتئىي پوزىتسىيەسى نەتىجىسىدە ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بېرىلدى، ھەتتا  مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرى ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ساقىلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈپ ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش يولىدا كونكرېت قەدەملەرنى تاشلايدۇ. خىزمەت گۇرۇپپىسى يەنە مۇنبىچتىن ي پ گ تېررورچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ، رايوندا تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرىدىن تەشكىل تاپىدىغان ھەمكارلىق ئەترىتى قۇرۇشقا كۈچەيدۇ. بۇنداق بولغاندا، تۈركىيە ۋە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى بىرلىكتە قوغدايدۇ. تۈركىيە زەيتۇن شېخىي ھەربىي ھەرىكىتى ئاخىرلاشقۇچە مۇنبىچكە قارىتا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاشتىن ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مەسىلىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا كۈچىمەكتە. ئامېرىكا نۇقتىسىدىنمۇ تۈركىيە بىلەن كېلىشىپ مۇنبىچ مەسىلىسىگە چارە تېپىپ رايوننى تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن تازىلاش ئەڭ ئەقىلگە مۇۋاپىق يولدۇر. شۇنىسى روشەنكى، تۈركىيە قانداق بولۇشتىن قەتئىينەزەر مۇنبىچنى تېررورچى ئۇنسۇرلاردىن تازىلاش ئۈچۈن قەتئىي نىيەتكە كەلدى.

ئىراقتىكى تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىدىمۇ تۈركىيە بىلەن ئىراق دائىرىلىرى ئارىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئېھتىمالى يۇقىرى. ئىراقتىكى سايلام تۈگىگەندىن كېيىن ئىراقتىكى تېررورچىلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەم سۈرىيە ھەمدە ئىراقتا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش قابلىيىتى بار بولۇپ، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى ئاخىرلاشمىغان تەقدىردىمۇ، ئىراقتا بىمالال ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا قابىلدۇر. ئىراقنىڭ دۇھوك، زاگروس ۋە قەندىل رايونلىرىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ غول بازىسى ۋە «رەھبەرلىك ھەيئىتى» بار. لېكىن سۈرىيەدىكىگە ئوخشاش، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ پەيدا بولۇشىدىن پايدىلىنىپ نوپۇزىنى كۈچەيتىپ ھەرىكەت دائىرىسىنى كېڭەيتىۋالدى، ئىراقنىڭ سىنجار ۋە سىنجار تاغلىرىدا نوپۇزىنى كۈچەيتكەن پ ك ك، بۇ رايوندىن ئىراق بىلەن سۈرىيە ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن پايدىلانماقتا.

تۈركىيە يېڭىچە چۈشەنچە بىلەن ھەرىكەت قىلىپ تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلەرنى مەملىكەت ئىچىدە ئەمەس چېگرا سىرتىدا ئېلىپ بېرىپ تېررورچىلارنى ئۇۋىسىدىلا ئۇجۇقتۇرۇشنى كۆزلىمەكتە. دائېشنىڭ فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتى نەتىجىسىدە سۈرىيەنىڭ جەرابلۇس، دابىق ۋە ئەل-باب رايونلىرىدىن تازىلىنىشىدىن كېيىن، دائېشنىڭ تۈركىيەدىكى زوراۋانلىق قىلمىشلىرى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ئازايدى. ھەتتا تۈگىدى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئوخشاشلا زەيتۇن شېخى ھەرىبي ھەرىكىتىدىن كېيىن ئىراق ۋە مۇنبىچتىكى پ ك ك – ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارىتىدىغان ھۇجۇملىرىمۇ ئازىيىدۇ، ھەتتا تۈگەيدۇ. تۈركىيە ئەسلىدە چېگرادىن ھالقىغان تېررورىزىمغا قارشى كۈرەشلىرى ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنىلا ئەمەس، قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنىمۇ، ھەتتا پۈتكۈل دۇنيانى تېررورىزىمنىڭ تەھدىتىدىن قوغدىماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر