28 – فېۋرال، سوغۇق ئۇرۇش قورچاق ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرىقى سىياسىي ئۆزگىرىشى (ئاۋازلىق)

«دۇنيا كۆزنىكى» (09)

920088
28 – فېۋرال، سوغۇق ئۇرۇش قورچاق ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرىقى سىياسىي ئۆزگىرىشى (ئاۋازلىق)

«دۇنيا كۆزنىكى»(09)

28 – فېۋرال، سوغۇق ئۇرۇش قورچاق ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرىقى سىياسىي ئۆزگىرىشى

(پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «دۇنياغا نەزەر» يەنى «دۇنيا كۆزنىكى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ «28 – فېۋرال، سوغۇق ئۇرۇش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرىقى سىياسىي ئۆزگىرىشى»تېمىلىق ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

بۇنىڭدىن ساق 21 يىل ئىلگىرى 1997يىلى، 28فېۋرالدا تۈركىيە تارىخىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەربىي- سىياسىي مۇداخىلە قىلىش ۋەقەسىدىن بىرنى باشتىن كەچۈردى.

دەرۋەقە، تۈركىيەگە نىسبەتەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ياكى شۇنىڭغا ئۇرۇنۇش ۋەقەلىرى ئالاھىدە يېڭىلىق ئەمەس. تەخمىنەن ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ھەرخىل شەكىللەر بىلەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بېرىپ تۇرغانلىقىنى كىسىپ ئېيتالايمىز. مەسىلەن، 1960-، 1971 -، 1980يىلى ھەمدە 1997- يىلى 28فېۋرال، 2007 -  يىلى 27ئاپرىل ۋە ئاخىرىدا 2016يىلى 15ئىيۇل يۈز بەرگەن ۋەقەلەر...

 

تۈركىيەدە نېمە ئۈچۈن ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىدۇ؟

 

تۈركىيەگە ئوخشاش ئويۇن قۇرغۇچى دۆلەتلەر يەرشارىي خاراكتېرلىك ئاكتىيورلار تەرىپىدىن ھەرگىزمۇ ئۆز ھالىغا تاشلاپ قويۇلمايدۇ. چۈنكى ئەگەر ئۆز ھالىغا قويۇپ بەرسە، بۇ دۆلەتلەرنىڭ نېمىلەرنى قىلالايدىغانلىقىنى يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچلەر ئىنتايىن ياخشى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ خىل دۆلەتلەرنى داۋاملىق كونتىروللۇق ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى خالايدۇ. بۇنى بىز گېرمانىيەنىڭ ئۆتمۈشىدىن ئوبدان بىلىمىز. گېرمانىيە ئىككى قېتىم دۇنيانىڭ تۈزۈمىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان ۋە مەغلۇپ بولغان بولۇپ، ئاخىرىدا گېرمانىيەگە دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى زورلاپ تېڭىش ئارقىلىق ئارمىيەسى ۋە قورال كۈچى چەكلىك ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇلدى.

تۈركىيەمۇ بىر ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق دارغا ئېسىلغان باش مىنىستىرى ئادنان مەندىرىسنىڭ دەۋرىدە بۇ دۆلەتنىڭ تەسىر كۈچى ۋە قابىلىيىتى دۇنياغا نامايان قىلغان ئىدى. شۇڭا 1961يىلى دۆلەت ئاساسىي قانۇنىنى تېڭىش ئارقىلىق، خەلق تەرىۋىدىن سايلانغان رەھبەرلەرنى كونتىروللۇق ئاستىدا تۇرۇپ تۇرىدىغان قورچاق ھاكىمىيەت سىسىتېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى. ھەر 10 يىلدا بىر قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشلەر ئاساسەن مىللىتىمىزنى كونتىروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلاتتى.

تۈركىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشلەرنى پەقەتلا ئىچكى سەۋەبلەر بىلەنلا ئىزاھلاشقا بولمايدۇ. تېخى ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسى «CİA» نىڭ سابىق باشلىقىلىرىدىن جامېس ۋولسېي ئامېرىكا سايلاملىرىغا رۇسىيەنىڭ مۇداخىلە قىلغانلىقى ھەققىدە مۇپەتتىش روبېرت مۇللېر تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەكشۈرۈش جەريانىدا، ئامېرىكىنىڭمۇ باشقا دۆلەتلەرنىڭ سايلاملىرىغا مۇداخىلە قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. شۇنىڭدەك تۈركىيەدە يۈز بەرگەن 1980يىلىدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىشتىن كېيىن، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە كېڭىشى مەسلىھەتچىسى پائۇل ھېنز ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جىمى كارتېرغا: «بىزنىڭ بالىلار غەلىبە قىلدى» دېگەن ئىدى.

مېنىڭ قارىشىمچە 1990يىللاردىكى تۈركىيە ئۆلتۈرۈلگەن باش مىنىستىر رەھمەتلىك ئوزالنىڭ دەۋرىدە تۈركىيە ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ھەم ئەركىنلىك نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم مۇساپىلەرنى غەلىبىلىك بېسىپ ئۆتكەن ئىدى. ئاندىن رىفاھ يول پارتىيەسى دەۋرىدە رەھمەتلىك ئەرباكاننىڭ باش مىنىستىرلىقىدا تۈركىيە ئىقىسادىي ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىدى. ئەگەر تۈركىيە ئەشۇ سۈرئەتتە داۋاملىشىدىغان بولسا، كونتىرول قىلغىلى بولمايدىغان ھالغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ يولىنى ئۆزىنى سىزىدىغان بولۇپ قىلاتتى. شۇڭا دەرھال 1997- يىلى 28فېۋرال ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش ۋەقەسى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى.

  

28فېۋرال ھەرىكىتى

 

بۇ ھەرىكەت 28فېۋرال كۈنى ئەنقەرە سىنجان ناھىيەسىدە كوچىلاردا تانكىلارنى ماڭغۇزۇش بىلەن باشلاندى. بۇ تولىمۇ ئاددى تويۇلىشى مۇمكىن، بىراق سىز ئەگەر ئۆتمۈشتە تانكىلار بىلەن پارلامېنتى قورشاۋ ئاستىغا ئېلىنغان، باش مىنىستىرلىرى ۋە مىنىستىرلىرى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان بىر دۆلەتتە ياشىسىڭىز، چوقۇم بىر قېتىملىق تانكا ماڭغۇزۇشتىن نۇرغۇن نەسىلەرنى يېشىپ كېتىشكە زىھنىڭىزنىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى كۆرگەن بولاتتىڭىز. دېمىسىمۇ ھەرىكەت مۇشۇ شەكىلدە باشلىدى. دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدا ئەينى چاغدىكى قۇرۇلمىسى ئارقىلىق پۇقرالار بىلەن ئوخشاش ساندا ئورۇن ئالغان ئەسكەرلەرنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى تۈپەيلى ھۆكۈمەتكە بىر ھەرىكەت پىلانى زۇرلاپ تېڭىلدى. ئەسكەرلەرنىڭ نىيىتى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن پۈتۈن دۆلەت ۋەھشىي قاراقچىلارنى كۈتۈۋاتقاندەك بولۇڭغا كىرىپ قالدى. دۆلەت گويا ئىلگىرى مانىۋېرى ئۆتكۈزۈلگەن بىر ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغالغان مۇھىتقا كىرىپ قالغان ئىدى. سودىيەلەر، بىيۇكراتلار ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار، قانداق بىر ئاتالمىش «قالاقلىق تەھدىتى» ئاستىدا ئىكەنلىكلىرىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ئارمىيە ئىشتابىدىن ئېلان قىلىنغان ئوقتۇرۇشنى ئىگىلەش مۇسابىقىسىغا چۈشتى.

 

نەتىجىلەر

 

تەبىئىيكى، بۇ ھەرىكەت شۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالمىدى. ھۆكۈمەت ئاغدۇرۇلۇپ، مۇقىمسىز بىرلەشمە ھۆكۈمەت دەۋرى باشلاندى. قولغا ئېلىنغان، خىزمەتتىن قوغلانغان سان - ساناقسىز ئىنسانلار، ئۆلۈملەر، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىشلار، ياشلار ۋە كەلگۈسى نابۇت قىلىنغان بىر نەسىل قالدى.

ئەقەللىي كىشىلىك ھەق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك جەھەتتىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلارنىڭ ھەممىسى بىراقلا تارتىۋېلىندى. تۈركىيە ھەربىي ھاكىمىيەتكە قايتقان بولدى. ئاندىن 2002يىلى ئىقتىسادىي ۋەيران بولغان، چىرىكلىك، بۇلاڭ تالاڭ ئاۋجىگە چىققان بىر دۆلەت بارلىققا كەلدى.

دېمەك 28فېۋرال تۈركىيەنى كونتىروللۇق ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇشنى خالايدىغان ئىچكى ۋە تاشقى كۈچلەر تەرىپىدىن سوغۇق ئۇرۇش قورچاق ھاكىمىيىتىنىڭ ئاخىرىقى ھەربىي سىياسى ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى ئىدى.  كېيىنچە خەلققە ۋە خەلقنىڭ مەنىۋىي قىممەت قاراشلىرىغا كەمسىتىش بىلەن قارايدىغان، بۇلارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان بىر سوغۇق ئۇرۇش قورچاق ھاكىمىيىتى بىلەن تۈركىيەنى كونتىروللۇق ئاستىدا تۇتۇپ تۇرىۋېرىشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقى نامايان بولدى. يەرشارىلىشىش ۋە ئۇچۇر دەۋرى ئىگە بولغان كۆپسانلىقنىڭ ئۈستۈنلىكى، كۆپ خىل كۈلتۈرلۈك بولۇش قاتارلىق ياخشى يامان، ئاز تولا دېموكارتىيە تەجرىبىسى سەۋەبىدىن تۈركىيەنى ئەمدىلىكتە كونا سوغۇق ئۇرۇش قورچاق ھاكىمىيىتى بىلەن كونتىرول قىلىغىلى بولمايتتى.

شۇڭا بۈگۈننى بويلىغان ھالدا ئارقىغا قارىساق، 28فېۋرال سوغۇق ئۇرۇش قورچاق ھاكىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى نۇقتىسىدىنلا ئەمەس، خەلقنىڭ قىممەت قاراشلىرى بىلەن چىقىشالايدىغان يېڭى بىر قورچاق ھاكىمىيەت سىسىتېمىسىنى قۇرۇش جەھەتتىنمۇ ئۇتۇققا ئىرشىكەنلىكلىرىنى ئېيتالايمىز. چۈنكى ئۇ مەزگىلدە ھازىر «فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ بىلىنىدىغان گۇرۇپپا سىرتىدىكى بارلىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ھەممىسى مەيلى قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر يوقۇتۇپ تاشلاندى.  

بۈگۈننى بويلىغان ھالدا ئارقىغا قارايدىغان بولساق، شۇنى ياخشى كۆرۈپ يېتەلەيمىزكى، ئەسلىدە 28فېۋالدىكى ئۆزگىرىش ئارقىلىق 15ئىيۇلدىكى ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنىشى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك بىر مەيدان تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. دېموكراتىك ۋە ئاممىۋى ئامىللارنى يوقۇتۇپ قۇرۇلماقچى بولغان قورچاق ھاكىمىيەت فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۈچۈن مەيدان ھازىرلىماقچى ئىدى. ئەمما قەتئىي ھېسابقا ئېلىنىپ باقمىغان ئىككى ئامىل شۇنچە ئىشلاردىن كېيىنمۇ بۇ پىلانلارنى بۈزۈپ تاشلىدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تەسلىم بولمايدىغان رەھبەرلىكى ھەمدە مىللىمىزنىڭ رەھبىرى بىلەن بىرلىكتە جانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قارشىلىق ھەرىكىتى ئوتتۇرىغا چىقتى. 15ئىيۇلدا 250 كىشى شېھىت ۋە 2000 دىن ئارتۇق كىشى يارىدار بولدى. بىراق ۋەتىنىمىزنى، كەلگۈسىمىزنى ۋە غۇرۇرىمىزنى قۇتقازدۇق. مىللىتىمىز بىر ھەربىي سىياسىي ئۆگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىنى دېموكراتىك شەكىل بىلەن قانداق ئارقىغا چىكىندۈرۈگىلى بولىدىغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا ئۆگەتكەن بولدى. 

 

28فېۋالدىن ساۋاقلار

 

يەر شارى خاراكتېرلىك ئاكتىيورلارغا نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى قورچاق ھاكىمىيەتنىڭ نېمىگە تايانغانلىقى ئەمەس، بەلكى قورچاق ھاكىمىيەتنى تىكلەشتىنلا ئىبارەتتۇر. شۇڭا يەر شارى خاراكتېرلىق ئاكتىيورلارنىڭ باشقا دۆلەتلەردە دېموكراتىيە ياكى كىشىلىك ھوقۇق ئەمەس، ئۆز مەنئپەئەتلىرىگە ماس كېلىدىغان بىر قورچاق ھاكىمىيەت ئىزدەيدىغانلىقىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم.

يەر شارى خاراكېترلىق ئاكتىيرولارنىڭ ھەربىي، دىنىي، سىكولارىزم ياكى خەلقپەرۋرەلىكتەك بىرەر مەنبەنى ئۆزىگە ئاساس قىلىشىنىڭ ماھىيەتتە ھېچ قانداق پەرقى يوق. قورچاق ھاكىمىيەتلەرگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىردىن بىر چارىسى مۇمكىن قەدەر ھاكىمىيەت سىستېمىسىنىڭ بارلىق ساھەلىرىنى خەلققە ئېچىۋېتىشتۇر. خەلقتىن ۋە سىياسەتتىن ئۇزاقلاشتۇرغان، سوتقا، يۇقىرى دەرىجىلىك بىيۇكراتىيەگە ۋە ئاكادېمىيەگە ئائىت بولغان بارلىق ساھەلەرنىڭ خەلققە ئېچۋېتىلىشى قورچاق ھاكىمىيەتلەرنى ئارقىغا ئىتتىرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردۇر.

كۆزەتكىلى ۋە تەكشۈرگىلى بولمايدىغان بىخەتەرلىك بىيۇكراتىيەسى بولسا، قورچاق ھاكىمىيەتنى يوگەپ تۇرىدىىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرسىدۇر. شۇ ۋەجىدىن بىخەتەرلىك بىيوكراتىيەسىنىڭ دېموكراتىك نازارەت قىلىنىشى، تەكشۈرۈلىشى ۋە كونتىرول قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. تۈركىيەنىڭ ئىنتايىن ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ ئىگە بولغان بۇ تەجرىبىسى مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ۋە غۇرۇرلۇق ياشاشنى خالايدىغان بارلىق مىللەتلەرگە نىسبەتەن بىر يول كۆرسەتكۈچتۈر.   

   ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! يۇقىرىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇلنىڭ مەسلىگە مۇناسىۋەتلىك ئانالىزىنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق. كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا، يەنە باشقا ئانالىزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز. قايتا كۆرۈشكىچە ئامان بولغايسىلەر خەيىر خوش!!

(ئاپتورى: يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى باشلىقى پىروفېسسور دوكتور قۇدرەت بۇلبۇل)



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر