رۇسىيەنىڭ پ ك ك/پ ي د سىياسىتىنى ۋە ئافرىن ھەرىكىتىنى قوللىشى سۈرىيەدە ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟

تۈركىيە 2018-يىلى 20-يانۋار ئافرىندا «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» نى باشلىشى بىلەن، سۈرىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ۋاكالىتەن ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆزىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى.

914416
رۇسىيەنىڭ پ ك ك/پ ي د سىياسىتىنى ۋە ئافرىن ھەرىكىتىنى قوللىشى سۈرىيەدە ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە 2018-يىلى 20-يانۋار ئافرىندا «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» نى باشلىشى بىلەن، سۈرىيەدە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ۋاكالىتەن ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۆزىنى ئاشكارىلاشقا باشلىدى، دېيىشكە بولىدۇ. دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئاشكارىلاپ جەڭ مەيدانىغا چۈشۈشىدە، زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى بىلەن، سوچىدا چىقىرىلغان قارارلار ۋە سۈرىيەدە پەيدا بولغان سىياسىي تىنچلىق ئۈمىدىنىڭ تەسىرى بار.

2018-يىلى 29-يانۋار سۈرىيەدە دائېشقا قارشى كۈرەش ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، رۇسىيە، ئىران ۋە تۈركىيەنىڭ كاپالىتى ئاستىدا «سۈرىيە مەملىكەتلىك دىيالوگ كونگرەسى» ئېچىلدى. بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ھەيئىتى ۋە ئۇنىڭغا قارشى ئۆكتىچى گۇرۇپپىلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئىككى كۈن داۋاملاشقان سۈرىيە مەملىكەتلىك دىيالوگ كونگرەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇلاسىسى شۇكى، سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش؛ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2254-نومۇرلۇق قارارى بويىچە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋەكىللىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە تەشكىل قىلىنغان ئۆكتىچىلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان گۇرۇپپىدىن تۈزۈلگەن كومىتېتنىڭ ئاساسىي قانۇننى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسىنى تەييارلىشى ھەققىدە قارار چىقىرىشى ھېسابلىنىدۇ. 2012-يىلى ب د ت نىڭ رىياسەتچىلىكىدە باشلانغان ۋە ھازىرغىچە ھېچقانداق نەتىجىسى چىقمىغان جەنۋە ئۇچرىشىشلىرىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن سوچى كونگرەسى، ئەسلىدە ئامېرىكانى جەڭ مەيدانىغا تېخىمۇ سۆرەپ كىردى. چۈنكى سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ئۆز مەنپەئەتىگە تەھدىت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى كۆرگەن ئامېرىكا، ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى بېقىپ كەلگەن پ ك ك/پ ي د نى جەڭ مەيدانىغا چۈشۈرۈپ، ھەم تۈركىيە ھەمدە رۇسىيەگە قارشى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە تاللىدى.

پ ك ك/پ ي د ئامېرىكانىڭ سۈرىيەنى پارچىلاش ئۈچۈن پايدىلىنىۋاتقان ۋاستىمۇ؟

ئامېرىكا «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» نىڭ باشلىنىشى بىلەن، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك/پ ي د نى پۈتۈنلەي ھالدا ئۆزىگە تەۋە پايدىلانغىلى بولىدىغان كۈچكە ئايلاندۇردى. ئامېرىكا 2015-يىلى رۇسىيە سۈرىيەدە ھەربىي ھەرىكەت باشلىغاندا، سۈرىيەدە قىسمەن ھالدا نوپۇزنى بۆلۈشۈشكە مەجبۇر بولدى ۋە پ ي د ئارقىلىق سۈرىيەنى پارچىلاپ، ئۇزۇن مۇددەت بۇ جۇغراپىيەدە قېلىشنى پىلان قىلغان ئىدى. بىراق، تۈركىيەنىڭ ئافرىندا باشلىغان «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» ئارقىلىق پۈتكۈل شىمالىي سۈرىيەنى تېررورلۇق تەشكىلاتىدىن تازىلايدىغانلىقىنى جاكارلىشى، ئامېرىكانىڭ بارلىق پىلانلىرىنى ئاستۈن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پ ي د ئارقىلىق سۈرىيەنىڭ شىمالىي ۋە ئىراق چېگراسىدىن باشلىنىپ گولان ئېگىزلىكىگىچە سوزۇلىدىغان رايوندا «بىخەتەر رايون» قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئامېرىكانىڭ پىلانلىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. چۈنكى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان پ ك ك/پ ي د نىڭ راققە بىلەن دېيرۇز زۇردا پۇت دەسسەپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىغان رۇسىيە بىلەن تۈركىيە، ئىسىرائىلىيە ئامېرىكانىڭ ياردىمىدە قۇرماقچى بولغان 40 كىلومېتىرلىق بىخەتەر رايون پىلانىنىمۇ خەتەرگە ئىتتىرەتتى. شۇڭا، سوچى مۇساپىسىنى بىر ئاماللار بىلەن مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىتىپ، سۈرىيەدە توقۇنۇشنى تېخىمۇ ئۇلغايتىش كېرەك ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، رۇسىيەنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى خەتەرگە ئىتتىرەلەيدىغان يېڭى ئىستراتېگىيە يولغا قويۇلدى. ئالدى بىلەن، ھىمەيمىم ھەربىي بازىسىدا رۇسىيە ئايروپىلانلىرىغا ھۇجۇم تەشكىللەندى. ئارقىدىن رۇسىيە ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. ئەڭ ئاخىرىدا بولسا، دېيرۇز زۇردا رۇسىيەنىڭ ياللانما ئەسكەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەششار ئەسەد قىسمىغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ سىن كۆرۈنۈشى تارقىتىلدى. بۇ ئارقىلىق رۇسىيەنى ئاجىز قىلىپ كۆرسىتىش مەقسەت قىلىندى. بۇنىڭغا، بەششار ئەسەد قىسىملىرى ئىسىرائىلىيەنىڭ ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈش بىلەن جاۋاب قايتۇردى.

سۈرىيەدە يېڭى كۈچلەر رۇسىيەنى تۈركىيەنىڭ پ ك ك/پ ي د سىياسىتىنى قوللاشقا مەجبۇر قىلىدۇ

سۈرىيەدە تۈركىيەنىڭ «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» ۋە ئىسىرائىلىيە ئايروپىلانىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلۈشى، يېڭى ئاكتىيورلار بولغان ئىسىرائىلىيە، خىتاي، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۇرۇش مەيدانىغا قايتىپ كېلىشىگە باھانە بولۇپ بەردى. تۈركىيەنىڭ «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» نى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، فىراتنىڭ شەرقىگە قارىتا ھەرىكەت باشلىماسلىقى رۇسىيەنىڭ ھازىرغىچە بولغان تەسىر كۈچىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. رۇسىيە بۇنداق ئەھۋالدا تۈركىيەنىڭ پ ك ك/پ ي د سىياسىتىنى قوللىماي قاراپ تۇرىدىغان بولسا، خۇددىي ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈش ئىغۋاگەرچىلىكىدەك يېڭى ھۇجۇملارغا ئۇچراپ، ئۇرۇش ئىچىگە سۆرەپ كىرىلىشىگە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا، پ ك ك/پ ي د دىن ھەم رۇسىيە، ئامېرىكا ھەمدە ئىسىرائىلىيە ۋە خىتاي پايدىلىنالمايدۇ. رۇسىيەنىڭ ھازىرغىچە پ ك ك/پ ي د دىن ئۈمىد كۈتۈش سىياسىتى، بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئاخىرى چىقمايدىغان ۋەزىيەتنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئامېرىكا قورال-ياراغلار بىلەن تەمىنلەپ، مائاشلىرىنى بەرگەن ۋە تەربىيەلىگەندىن كېيىن نۇرغۇن ھەربىي بازىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قوغداش ئاستىغا ئالغان پ ك ك/پ ي د نىڭ، رۇسىيەنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس. پ ك ك/پ ي د نىڭ پۈتۈنى بىلەن ئامېرىكانىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا كىرگىنىگە قارىغاندا، بۇ تەشكىلاتنىڭ رۇسىيە مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى كۈتمەسلىك كېرەك. بۇ يېڭى ۋەزىيەتتە، رۇسىيەنىڭ تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە، پ ك ك/پ ي د نىڭ شىمالىي سۈرىيەدىن تازىلىنىشى ئۈچۈن ئورتاق ئىستراتېگىيە ئۈچۈن، ھەتتا ئورتاق ھەربىي ھەرىكەت توغرىسىدا پوزىتسىيەسىنى نامايان قىلىشى كېرەك. چۈنكى تۈركىيەنىڭ پ ك ك/پ ي د سىياسىتى خەلقئارالىق قانۇن بويىچە قىلىنغان يوللۇق كۈرەش ھېسابلىنىدۇ. بۇ قانۇنلۇق كۈرەش ئالدىدا، شىمالىي سۈرىيەدە تۇرالمىغان پ ك ك/پ ي د ئامېرىكانىڭ قولىدىكى قورال بولۇشتىنمۇ قالىدۇ.

ئامېرىكا پ ك ك دىن ئايرىلغان پ ي د تەكلىپى بىلەن، سۈرىيەدە يېڭى تەڭپۇڭلۇق ئورناتماقچى

رۇسىيەنىڭ ئافرىندا باشلانغان «زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتى» گە قاراپ تۇرۇشى، ئامېرىكانىڭ ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە سەۋەب بولۇۋاتىدۇ. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رېكس تىللېرسوننىڭ تۈركىيە زىيارىتىدىكى كۆرۈشۈشلىرىدە، ئامېرىكانىڭ پ ك ك/پ ي د دىن ۋاز كېچەلمىگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. گەرچە، كۆرۈشۈشلەردە مەسىلىنى ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ، ئامېرىكانىڭ پ ي د نى سۈرىيەدە پ ك ك دىن ئايرىپ «مىللىي ئۇنسۇر» قىلىش مەقسىتى ۋە بۇ مەقسەت ئۈچۈن تۈركىيە بىلەن بىللە ھەرىكەت قىلىش تەكلىپى، ئەسلىدە ئەقىلنى قالايمىقان قىلىدىغان ھەمدە قاندىلنى سۈرىيەدىن سىقىپ چىقىرىدىغان پىلاندەك كۆرۈنىدۇ. تۈركىيە بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش تەكلىپىمۇ پ ك ك دىن كېيىن، شىمالىي سۈرىيەدە پۈتكۈل ئىگىدارچىلىقنى ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش پىلانىدەك كۆرۈنمەكتە. تۈركىيەنىڭ شىمالىي سۈرىيەدە پ ك ك دىن كېيىن بارلىق ئىگىدارچىلىقنى ئامېرىكاغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەكلىپىگە سەلبىي نۇقتىدىن قاراۋاتقانلىقىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. رۇسىيەنىڭ ھازىرغىچە قاراپ تۇرۇش پوزىتسىيەسىنى داۋاملاشتۇرۇشى، پ ك ك دىن تازىلانغان شىمالىي سۈرىيەدە تەشكىل قىلىنىدىغان يېڭى ئاكتىيورغا دۇچ كېلىشىگە سەۋەب بولىدۇ.

بۇ ۋەزىيەتلەردىن قارىغان ۋاقتىمىزدا، سۈرىيەدە تىنچلىقنىڭ ئورنىتىلىشى، سەپلەرنىڭ ئېنىق ئايرىلىشى بىلەن تېخىمۇ قىيىن بولىدۇ. سەپلەرنىڭ ئايرىلىشىدا رۇسىيە مۇھىم رول ئوينىشى مۇمكىن. رۇسىيەنىڭ پ ك ك/پ ي د سىياسىتى ھەم تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەسىگە ھەمدە رۇسىيەنىڭ ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن مەنپەئەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. رۇسىيە تۈركىيەنىڭ كۈرىشىنى قوللىغاندىن باشقا، مەيداندا ئاكتىپ رول ئويناپ، ئالدىنقى سەپتە ياردەم قىلغاندا، پ ك ك/پ ي د نىڭ ئامېرىكانىڭ قورالى بولۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى مۇمكىن.

ئاپتور سالىھ يىلماز رۇسىيە تەتقىقاتلىرى ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى، ئەنقەرە يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرستېتى پىروفېسسورى   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر