تۈركىيەنىڭ بېقىنىدىكى تېررورلۇق ئۇۋىسى-ئافرىن

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىي ئۇچىدىكى ئافرىن، تۈركىيەنىڭ ھاتاي ۋە كىلىس ۋىلايەتلىرىگە چېگرالىنىدىغان ھەلەبنىڭ ناھىيەسىدۇر. ناھىيە مەركىزىنىڭ يۈز ئۆلچىمى تەخمىنەن 2290 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

895409
تۈركىيەنىڭ بېقىنىدىكى تېررورلۇق ئۇۋىسى-ئافرىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە-سۈرىيە چېگراسىغا جايلاشقان ئافرىندا 10-8 مىڭ ئەتراپىدا پ ي د، پ ك ك تېررورىستلىرى بار. تۈركىيە ئافرىننى نىشان قىلغاندىن كېيىن، تېررورىستلار تۇرالغۇلارغا، خەندەك ۋە پاناھلىنىش لاگېرلىرىغا يوشۇرۇنۇشقا باشلىدى.

سۈرىيەنىڭ غەربىي شىمالىي ئۇچىدىكى ئافرىن، تۈركىيەنىڭ ھاتاي ۋە كىلىس ۋىلايەتلىرىگە چېگرالىنىدىغان ھەلەبنىڭ ناھىيەسىدۇر. يۈز ئۆلچىمى تەخمىنەن 2290 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ناھىيە مەركىزىدە، ئىچكى ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان نوپۇس تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 178 مىڭ كىشىنىڭ ياشايدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. يەرلىك مەنبەلەردە، 2012-يىلدىن باشلانغان كۆچنىڭ تەسىرىدە ناھىيە نوپۇسىنىڭ 750 مىڭغا يەتكەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ. ئافرىن شەرقتە ئەرەب نوپۇسى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدىغان، بىراق تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د، پ ك ك ئىشغال قىلىۋالغان تەل رىفات ناھىيەسى بىلەن سۈرىيە ئۆكتىچىلىرى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان ئازەز ناھىيەسىگە قوشنا. جەنۇبتا بولسا سۈرىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى ئىدلىبقا قوشنا.

ئىدلىب بىلەن ئازەز ئوتتۇرىسىدا

پ ك ك نىڭ ئافرىن بىلەن ئەينۇلئەرەبنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈركىيە چېگراسى بويىچە تېررورلۇق كارىدورى پەيدا قىلالىشى ئۈچۈن ئازەزنى قولىغا كىرگۈزۈشى كېرەك. پ ك ك ئافرىندىن ئازەزگە، بولۇپمۇ تۈركمەنلەر زىچ توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئازەز-ھەلەب-جەرابلۇس ئۈچ بۈرجىكىگە بەكرەك بېسىم قىلدۇ. ئازەزدىكى پۇقرالار، پات-پات پ ك ك، پ ي د نىڭ ئافرىندىن ئاتقان مېنامىيوت ئوقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە دۇچار بولماقتا.

تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك، پ ي د نىڭ تۇنجى ئۇۋىسى

بەششار ئەسەدنىڭ دادىسى ھافىز ئەسەد ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن دەۋردە باشقا تەشكىلاتلار ھاسەكە ۋە ئەتراپىغا ئورۇنلاشقان بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجالان ئافرىننى تاللىغان ئىدى.

ئافرىن ناھىيەسىدە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ياردىمى بىلەن، بولۇپمۇ زەيتۇن ۋە زەيتۇن يېغى ئىشلەپچىقىرىشىغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن زاۋۇت، كارخانىلار قۇرۇلغان ئىدى. ئافرىن بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ 2012-يىلدىكى ئۇرۇشلاردا ۋاز كېچىشى بىلەن، پ ي د، پ ك ك نىڭ تۇنجى بولۇپ ئىگەللىۋالغان زېمىنلىرى ئارىسىغا كىردى ۋە قاندىل تېغىدىن كېيىنكى تۇنجى ئۇۋىسىغا ئايلاندى.

سۈرىيەدە ھاكىمىيەتكە قارشى خەلق قوزغىلاڭلىرى باشلانغان 2011-يىلى ۋە ئارقىدىن يېتىپ كەلگەن ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئافرىن تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ي د، پ ك ك ئەڭ كۆپ ئۇۋا تۇتقان جايلاردىن بىرىگە ئايلاندى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى 2014-يىلى يانۋاردا ھاسەكىنىڭ ئامۇدە ۋە ھەلەب ۋىلايىتىنىڭ ئەينۇلئەرەب (كوبانى) ناھىيەلىرىدە ئاپتونوم ئېلان قىلىپ، ئافرىننى «كانتون» دەپ ئاتىدى.

تېررورىستلارنىڭ تەبىئىي قوغدىنىش قالقىنى

ئافرىن شەرق ۋە جەنۇب تەرەپتىن سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ قورشاۋى ئاستىدا بولسىمۇ، تۆت تەرىپىنى تاغلار ئوراپ تۇرغاچقا، پ ي د، پ ك ك نى تەبىئىي قوغداپ تۇرىدۇ. ناھىيە ۋادىسىدىكى مېۋىلىك باغلار، ئۈزۈملۈكلەر، زەيتۇن دەرىخى ئورمانلىرى، بەزى دېھقانچىلىق ئېتىزلىرى ۋە 1980-1990-يىللىرى ئارىسىدا قۇرۇلغان سانائەت ئاساسى، تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەمىنلىشىگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. ئافرىندىكى سانائەت ۋە سودا ئۇل-ئەسلىھەلىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئافرىندا ئۇۋا تۇتۇپ تۇرالىشىنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئامانوس تاغلىرىنىڭ دەرۋازىسى

تۈركىيەنىڭ ھاتاي ۋىلايىتىدىكى ئامانوس تاغلىرىغا ئېچىلىپ تۇرىدىغان ئافرىن ناھىيەسى، پ ي د، پ ك ك نىڭ چېگرادىن قوراللىق كۈچ، قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورا ئۆتكۈزۈپ، تۈركىيەدىكى تېررورلۇق پائالىيەتلىرىنى تەمىنلەپ تۇرىدىغان مۇھىم مەركەزلەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

خەۋپسىزلىك تارماقلىرى ئافرىندىن ئامانوسلارغا مەخپىي ئۆتكۈزۈلگەن قوراللار ئارىسىدا، تانكا ئاتارلار، راكېتامىيوت ۋە ئاپتوماتىك مىلتىق قاتارلىق ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن، ئايروپىلان ئاتار ئوقلىرىغا ئوخشاش ئوق-دورىلارنىڭ بارلىقىنى قەيت قىلىدۇ.

تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قورال-ياراغ ئۇۋىسى

ئامېرىكانىڭ 2016-يىلى ئاپرېل ئېيىدىن تارتىپ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقان ھاسەكىگە يەتكۈزگەن ھەربىي ياردەملىرى ئىچىدىكى بىر قىسىم ياردەملەر، تېررورلۇق تەشكىلاتى قوراللىق كۈچلىرى تەرىپىدىن ئافرىنغا يەتكۈزۈلمەكتە ئىدى. بۇ ياردەملەر ئارىسىدا، ھەر خىل تانكا ئاتارلار، راكېتامىيوتلار ۋە بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ئوق ئاتالايدىغان راكېتا قاتارلىق قوراللارنىڭ بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئافرىنغا توشۇلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، بىر قانچە ئاي بۇرۇن ئامېرىكانىڭ رۈمەيلان ھاۋا ئارمىيە بازىسىغا ئەۋەتكەن 40 قا يېقىن ئايروپىلان ئاتارلارنىڭ بىر قىسمى ئافرىنغا توشۇلدى.

پۇقرالارغا قىلىنغان زۇلۇمنىڭ مەنبەسى

ھەلەبنىڭ ناھىيەسى بولغان ئافرىن، ئىچكى ئۇرۇش مەزگىلىدە نىسبەتەن ئېيتقاندا، توقۇنۇشلاردىن يىراق تۇردى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ناھىيەگە كۆچ كۆپەيدى، ئافرىندا ھازىرمۇ ئەرەب نوپۇسى بىلەن كۈرت نوپۇسى ئالدىنقى ئىككى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پ ي د، پ ك ك ناھىيەنىڭ شەرقىدىكى ئەرەب ۋە تۈركمەن نوپۇسى زىچ بولغان نۇرغۇن تۇرالغۇ رايونلىرىنى ئىگەللەپ تۇرىدۇ.

ئافرىن پ ي د، پ ك ك ئىشغال قىلىۋالغان باشقا تۇرالغۇ رايونلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، ئەڭ قاتتىق كونترول قىلىنىدىغان، پۇقرالارغا ئەڭ كۆپ زۇلۇم قىلىنغان رايونلارنىڭ بىرىدۇر. تېررورلۇق تەشكىلاتى ئۆزىگە ئۆكتىچىلىك قىلالايدىغان ھەر قانداق سىياسىي پارتىيە ياكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ قۇرۇلۇشىغا قەتئىي رۇخسەت قىلمايدۇ.

تېررورلۇق تەشكىلاتى بۇ بىر يىل ئىچىدە تەييارلىق ھالىتىدە تۇرماقتا

2017-يىلنىڭ بېشىدا، فىرات قالقىنى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ، تۈركىيەنىڭ ئافرىن بىلەن مۈنبىچنى نىشان قىلىشى، پ ي د، پ ك ك ئىچىدە چوڭ پاتپاراقچىلىققا سەۋەب بولدى. تېررورلۇق تەشكىلاتى قوراللىق كۈچلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئافرىننى ئوراپ تۇرىدىغان ئېگىز تاغلارنىڭ ئېتەكلىرىدە ھەربىي قورال-ياراغلارنى توپلاشقا يۈزلەندى. خەلقنى قالقان قىلىپ پايدىلىنىشنى مەقسەت قىلغان تېررورىستلار، ناھىيە مەركىزىدىكى بىنالارغىمۇ ئورۇنلاشتى.

ئامېرىكا قوراللاندۇرغان تېررورىست زاپاس قىسمى

پ ي د، پ ك ك نىڭ ئادەتتە ھاسەكە، راققە ۋە دېيرۇز زۇردىكى ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە پايدىلانغان ئاتالمىش «ھات» ۋە «يات» ئىسىملىك تېررورلۇققا قارشى قوراللىق كۈچلىرى ھەربىي تەلىم- تەربىيەلىرىنىڭ بىر قىسمىنى ئافرىندا ئالىدۇ. بەش بۇرجەكلىك بىنا (پېنتاگون، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى)، مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى (CIA) ۋە قاندىل تېغىدىن كەلگەن تەشكىلات كاتتىباشلىرىمۇ تەلىم-تەربىيە بەرگەن تېررورلۇق قىسىملارنىڭ تۈركىيە چېگرا قاراۋۇلخانىلىرىنى مەخپىي ئاڭلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغانلىقى قەيت قىلىنماقتا ئىدى.

پ ي د، پ ك ك ئۆتكەنكى ۋاقىت ئىچىدە زوراۋانلىق قىلىش ۋە تەھدىت سېلىش ئارقىلىق ياشلارنى ئۆزىگە تارتىشقا تىرىشتى. سانى 10 مىڭغا يەتكەن تېررورىستلار، زوراۋانلىق ۋە قورقۇنچنىڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.

تېررورلۇق تەشكىلاتى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ شەنبە كۈنى (20-يانۋار) دىكى توپ بىلەن بومباردىمان قىلىشىدىن كېيىن، ناھىيە سىرتىدىكى لاگېرلارنىڭ بىر قىسمىنى بوشىتىپ، خەندەكلەر ۋە ناھىيە بازىرىدىكى مەخپىي جايلارغا يوشۇرۇنۇشقا باشلىدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر