دۇنيادىكى كىرىزىسلەر ۋە قورال-ياراغ سودىسى

تەتقىقاتچى ئەردال شىمشەكنىڭ ماقالىسى

827711
دۇنيادىكى كىرىزىسلەر ۋە قورال-ياراغ سودىسى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق ۋە يېزا-ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئورگىنى بىلەن دۇنيا ئاشلىق پىروگراممىسى ئىشخانىسىنىڭ 2016-يىلدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا نوپۇسىنىڭ %11گە ئوزۇق-تۈلۈك يېتىشمەيدىكەن ۋە  بۇ كىشىلەر ئاچارچىلىق گىردابىدا ياشايدىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تەخمىنەن 800مىليون ئادەم ئاچارچىلىق ئىچىدە ياشايدۇ.

پات يېقىندا 2017-يىلغا تەۋە سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ سانلىق-مەلۇماتلاردا كۆرىنەرلىك تۆۋەنلەش كۆرۈلۈشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن.

ب د ت نىڭ يەنە بىر دوكلاتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، دۇنيادىكى ھەر بەش ئادەمدىن بىرى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى ياخشى بولمىغان ۋە كىرىزىسلەر يامراپ كەتكەن دۆلەتلەردە ياشايدىكەن.

كۈنسايىن ناچار تەرەپكە قاراپ ئۆزگىرىپ بېرىۋاتقان دۇنيا كىلىماتى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەر، قۇرغاقچىلىق ۋە قەھەتچىلىك قاتارلىق ھادىسىلەر ئىنساننىڭ تىراگېدىيەسىنى تېخىمۇ ئۇلغايتىۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.

بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىدىن سىرت ئەمدى يۈز مىلياردلارچە دوللار سەرپ قىلىنىۋاتقان يەنە بىر مەنزىرىگە نەزەر سېلىپ چىقايلى: تېخى يېقىندا تۇيۇقسىزلا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن قاتار ئوتتۇرىسىدا كىرىزىس يۈز بەردى، ۋاستە تاللىماي ئۆزلىرىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تۈرلۈك رەزىل ئىشلارنى قىلىشتىن ۋاز كەچمەي كېلىۋاتقان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىمۇ بۇ كىرىزىسنىڭ غول ئۇنسۇرلىرىدىن بىرى بولدى. بۇ كىرىزىس يۈز بېرىپ 10 كۈن ئۆتمەيلا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا 110 مىليارد دوللارلىق قورال سودىسى كېلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ ئىش بولۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ قاتار ھۆكۈمىتى بىلەن 11 مىليارد دوللارلىق قورال سودىسى كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ كىرىزىسكە چېتىشلىق بولغان باشقا كىچىك پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىمۇ 200 مىليارد دوللار ئەتراپىدا قورال سودىسى كېلىشىمى ئىمزالاشتى. بۇ بىر قاتار قورال سودىسىدىن كېيىن تۇيۇقسىزلا يۈز بەرگەن كىرىزىس توختىدى، ھازىر بولسا بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر ھېچ ئىش يۈز بەرمىگەندەكلا ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرى بىلەن بەند بولۇپ يۈرمەكتە.

دۇنيا پارس قولتوقى كىرىزىسىدىن ئاران قۇتۇلۇپ ئەمدى ئارامخۇدا تىنىق ئالاي دېگەندە، تۇيۇقسىز شىمالىي كورېيە قىتئەلەرئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىپ خەلقئارانىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى، ئوباما ھاكىمىيىتى دەۋىرىدە باشلىغان «شىمالىي كورىيە كىرىزىسى»بىردىنلا يۇقىرى پەللىگە چىقتى، ئەلۋەتتە بۇ كىرىزىسنىڭ بېشىدىكى غول ئاكتىيور  كىم جۇن-ئۇن توغرۇلۇقمۇ خەلقئارا تاراتقۇلاردا بەس-بەس بىلەن خەۋەرلەر چىقىشقا باشلىدى. خەۋەرلەرنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى مۇنداق ئىدى: «بۇ كىشىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، بۇ كىشى پىلىكى تارتىلغان بومبىغىلا ئوخشايدۇ، ھەر كۈنى بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىۋاتىدۇ، ئۇنى قىسقىچە تەرىپلەيدىغان بولساق: بالاغەتكە يېتەي دەپ قالغان ئوبرازدۇر.»

«كىم جۇن-ئۇن ئەتىراپىدىكى دۆلەتلەرگىلا ئەمەس پۈتكۈل دۇنياغا زىيان ئېلىپ كېلىدىغان خەتەرلىك ئۇنسۇر»دېگەن چۈشەنچە كەڭ تارقالدى. بۇ كىشىنىڭ ھەر ھەپتە يېڭى مودېل باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغانلىقى توغرۇلۇق خەۋەرلەر تارقىلىپ تۇردى. مىڭلارچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى گۇئام ئارىلىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ۋەيران قىلىدىغانلىقى، ياپونىيە ھاۋا تەۋەلىكىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ بۇ دۆلەت ئارقىلىق يادرو ئوق بېشى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەنلىكى توغرۇلۇق سان-ساناقسىز خەۋەرنى بەرگەن گېزىتلەر بىردەمدىلا بىزگە ئوخشاش ژۇرنالىستلارنىڭ ئۈستىلىدە تاغدەك دۆۋلىنىپ كەتتى. ئارقىدىنلا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو تەھدىتى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر ئۆزلىرىنى قوغداپ قېلىش ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرى كۈچەيتىش مەقسىتىدە مىلياردلارچە دوللارلىق قورال سودىسى كېلىشىمى ئىمزالاشتى، ھەممىدىن قىزىقارلىق بولغىنى، ئامېرىكا ياپونىيەگە قۇرۇپ چىققان THAAD تىپلىق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى كىم جۇن-ئۇننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى نىشانغا ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، رادار بىلەنمۇ ئېنقىلغىلى بولمايدىغان كېرەكسىز سىستېما ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى. شۇڭا يېڭى مۇداپىئە سىستېمىسى توغرۇلۇق مۇزاكىرىلەر باشلىدى، تىنچ ئوكياننىڭ بۇ رايونىدا يۈز بەرگەن كىرىزىس يەنە يۈز مىلياردلارچە دوللارنىڭ قورال سودىسىغا ئىشلىتىلىشىگە سەۋەب بولدى. ئىش بۇنىڭلىق بىلەنلا تۈگىمىدى، تىنچ ئوكياندا 300مىڭدەك ئەسكىرى بولغان ئامېرىكا بۇ رايوندىكى ھەربىي كۈچىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشكە تۇتۇش قىلدى.

ئامېرىكىنىڭ 9 ئۇرۇش قوماندانلىقلىرىدىن بىرى تىنچ ئوكيان ھەربىي قوماندانلىقىدۇر. مەزكىرى بازىسى ھاۋايدا بولغان بۇ قوماندانلىققا ئامېرىكا مۇداپىئە مىنسىتىرلىقى-پېنتاگون باشقا ھەربىي قوماندانلىقلارغا قارىغاندا ئەڭ كۆپ راسخوت بېرىدۇ. بۇ قوماندانلىقنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ئېغىر ۋە ئىلغار تىپلىق قوراللار بىلەن قوراللانغان ئۇرۇش قىسىملىرىغا ئىگە بولۇشىدۇر. بۇ قوماندانلىقتا 375 مىڭ ئەسكەر ۋەزىپە ئۆتەشتىن سىرت، 200 ئۇرۇش پاراخوتى، دېڭىز ئاستى پاراخوتى ۋە مىڭ يۈرۈش ئۇرۇش ئايروپىلانى بار. كورېيە كىرىزىسىدىن ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ قوشۇننى خىتاينى مۇھاسىرە ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ھەربىي تېخنولوگىيە ۋە قورال-ياراغ ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇردى. خىتاي بولسا ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلتىقىغا دەسسەپ بۇ جاينى ھەربىي قورال-ياراغ ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرمىدى ۋە  ئامېرىكا بىلەن ئىقتىسادىي ساھەدە رىقابىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم لىنىيەلىرىدىن بولغان يېڭى يىپەك يولى ئىستىراتېگىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشتى.

ئامېرىكا 5-ئەۋلاد F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ياپونىيەگە ، كۈلرەڭ بۈركۈت ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى تىنچ ئوكياندىكى بۇ ھەربىي قوماندانلىقىنىڭ نازارىتى ئاستىدا جەنۇبىي كورېيەگە ئورۇنلاشتۇردى. يادرو قورالى ئورۇنلاشتۇرۇلغان دېڭىز ئاستى پاراخوتلىرىدىن سىرت 5-ئەۋلاد ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن بولغان F-22  تىپلىق راپتورلارنىمۇ (يىرتقۇچ قۇش)رايونغا ئەۋەتتى.

ئارقىدىن نېمىلەر يۈز بەردى؟ ئىراندىن ھىندىستانغا ۋە  تىنچ ئوكياندىكى كىچىك ئارال دۆلەتلىرىگىچە بولغان نۇرغۇن دۆلەت ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەدىكى قورال-ياراغ شىركەتلىرىنىڭ بوسۇغىسىغا كېلىشتى. يەنە يۈز مىليارلارچە دوللارلىق قورال سودىسى كېلىشىمى ئىمزالاندى.

ئىگىلىنىشىچە، دۇنيا مىقىياسىدا بۇلتۇر يۇقىرى ئىستېمال بۇيۇملىرىغا 1 تىرىليون 100 مىليون دوللار سەرپ قىلىنغان ، ئەمەلىيەتتە دۇنيادا ھەر يىلى دۇنيا نوپۇسىنىڭ ھەممىسىگە يېتىدىغان ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، بۇ ئاشلىقنىڭ  كۆپ قىسمى ئىسراپ قىلىنماقتا. 1 مىلىيارد 300 مىليون توننا ئاشلىق پۇل-مۇئامىلە، تېخنىكىلىق سەۋەبلەر ۋە ئاشلىق تەبىرلىرىنىڭ ئېلىنماسلىقى تۈپەيلى خوراپ كەتمەكتە، ئامېرىكىدىلا ھەريىلى ئوتتۇرىچە 222 مىليون توننا ئاشلىق ئەخلەتخانىلارغا تاشلىنىدىكەن. بۇ ئاشلىق بىلەن پۈتكۈل ئافرىقا خەلقىنىڭ يىللىق ئاشلىق ئېھتىياجىنى قامدىغىلى بولىدۇ.

ئاشلىق ۋە ئىجتىمائىي ياردەم مۇتەخەسسىلىرى بۇ يىل كورېيە ۋە پارس قولتۇقى كىرىزىسلىرى باھانە قىلىنىپ قورال-ياراغلارغا سېلىنغان مەبلەغلەر بىلەن ئاچارچىلىق گىردابىدا ياشاۋاتقان دۆلەت ۋە  خەلقلەرنى 10 يىل ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

قارىغاندا بىز ئىنسانلار تەبىئىي ئاپەتلەر ياكى كىلىمات ئۆزگىرىشدىن ئىلگىرى ئۆزىمىزنىڭ ھالاكىتىنى ئۆز قولىمىز بىلەن تەييارلايدىغاندەك تۇرىمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر