ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيە ئېمبارگو قارارى ۋە «چارىسىز»دۇنيا

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

807235
ب د ت نىڭ شىمالىي كورېيە ئېمبارگو قارارى ۋە «چارىسىز»دۇنيا

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى يادرو پىروگراممىسى ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان شىمالىي كورېيەگە ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ ئېغىر ئېمبارگولارنى قويۇشنى مەزمۇن قىلغان قارار لايىھەسىنى ماقۇللىدى.  

مەزكۇر قارار لايىھەسى 15 دۆلەتنىڭ قوللاپ ئاۋاز بېرىشى بىلەن ماقۇللاندى، شۇنداق قىلىپ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو پىروگراممىسى تۈپەيلى بۇ دۆلەتكە 2006-يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي ئېمبارگولارنى مەزمۇن قىلغان 9-قارار لايىھەسىنى ماقۇللىغان بولدى.

مەزكۇر قارار لايىھەسىگە ئاساسەن، شىمالىي كورېيەگە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى ناھايىتى چەكلىك مىقداردا ئېكسپورت قىلىنىدۇ، شىمالىي كورېيەگە بۇ يىل ئۆكتەبىردىن يىل ئاخىرىغىچە بولۇپ ئۈچ ئايدا ئاران 500مىڭ ۋارىل، 2018-يىلدا بولسا 2 مىليون ۋارىل نېفىت ئېكسپورت قىلىنىدۇ، يېڭى ئېمبارگولار دائىرىسىدە شىمالىي كورېيەنىڭ نېفىت ئىمپورتى تەخمىنەن %30 ئەتراپىدا چەكلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكالەتخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورېيە يىلدا ئوتتۇرىچە 4 مىليون ۋارىلى خام نېفىت بولۇپ جەمئىي 8 مىليون 500 مىڭ ۋارىل نېفىت ئىمپورت قىلالايدىكەن.

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ يېڭى قارار لايىھەسى دائىرىسىدە شىمالىي كورېيەگە تەبىئىي گاز ئىكسپورت قىلىشمۇ چەكلىنىدۇ.

شىمالىي كورېيەنىڭ ئەڭ چوڭ كىرىم مەنبەسى بولغان كۆمۈر ئېكسپورتىدىن قالسا 760 مىليون دوللارلىق ئىككىنچى كىرىم مەنبەسى بولغان توقۇمچىلىق ئېكسپورتىمۇ چەكلەندى.

ئالدىنقى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى قارار لايىھەسى بىلەن شىمالىي كورېيەنىڭ ئېكسپورتىنىڭ %90نى تەشكىل قىلىدىغان 2 مىليارد 700مىڭ دوللار قىممىتىدىكى كۆمۈر، توقۇمىچىلىق، تۆمۈر ۋە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىمۇ چەكلەنگەن بولدى.

ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى دائىملىق ۋەكىلى نىككى ھالېي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى ئاۋازغا قويۇش پائالىيىتىدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: «شىمالىي كورېيەگە ھازىرغىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ئەڭ ئېغىر ئېمبارگولارنى قويۇشنى قارار قىلدۇق، شىمالىي كورېيە يادرو پىروگراممىسىنى توختىتىشنى قوبۇل قىلسا كېلەچىكىنى قۇتۇلدۇرغان بولىدۇ، بۇنى ئىسپاتلىسا تىنچلىق ئىچىدە ياشايدۇ.»

خىتاي بىلەن رۇسىيەمۇ شىمالىي كورېيەنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىروگراممىسى ۋە بالىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىشنى توختىتىش بەدىلىگە ئامېرىكىنىڭمۇ جەنۇبىي كورېيە بىلەن ئورتاق ھەربىي مانېۋىرلارنى ئۆتكۈزۈشنى توختىتىش ۋە مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش تەكلىپىنى بەردى.

شىمالىي كورېيە بولسا ئامېرىكىغا چوقۇم بەدەل تۆلەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ب د ت  خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ماقۇللانغان ئېمبارگو قارارى شىمالىي كورېيەگە قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟ ئېمبارگو قارارىنىڭ ماقۇللىنىشىدا رول ئوينىغان ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيەگە ئېمبارگو قويۇشتا چىڭ تۇرۇۋېلىشىدا يادرو تەھدىتىدىن باشقا سەۋەبلەر بارمۇ ؟ ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورېيە ئوتتۇرىسدىكى سۈركىلىش ھازىر پەيدا بولغانمۇ ياكى بۇنىڭ تارىخى ئۇزۇنغا سوزۇلامدۇ؟ شىمالىي كورېيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بولغان رۇسىيە بىلەن خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ۋېتو قىلىش ھوقۇقى بار تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن قارار لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بەردى؟ ئامېرىكا  ئەجەبا شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو تەھدىتىنى باھانە قىلىپ 1950-يىلدىن بۇيان جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇدلۇقىنى قانۇنىي كۈچكە ئىگە قىلماقچىمۇ؟

شىمالىي كورېيە بۇنچىۋېلا ئېغىر ئېمبارگولارنىڭ ئەكسىچە نېمە ئۈچۈن يادرو پىروگراممىسىنى ئىزچىل تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالىدۇ؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر