«يېڭىچە تېررورىزىم»
تەتقىقاتچى ئەردال شىمشەكنىڭ «يېڭىچە تېررورىزىم»تېمىسى بويىچە ئېلىپ بارغان ئانالىزى

ھاشھاشىلەر دۇنيادا ھەممىگە مەلۇملۇق ئەڭ قەدىمىي تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولۇپ، غەربكلەر« Assassins » دەپ ئاتايدىغان بۇ تەشكىلات بىر كىشلىك تېررورلۇق قىلمىشلىرى بىلەن نام چىقارغان.
ھاشھاشىلەر ئەينى دەۋىردە قىلىچ، ئوقيا ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش قوراللارنى ئېلىپ يۈرۈش چەكلەنلىكتىن ھۇجۇم نىشانىدىكىلەرنى ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك بولغان پىچاق بىلەن بىر تەرەپ قىلاتتى. ھەسەن ساباھ تەرىپىدىن سەلچۇقىيلار ئىمپېرىيەسىگە قارشى قۇرۇلغان بۇ تەشكىلات، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كىراكەش قاتىللار توپىغا ئايلاندى. ئەھلى سەلەب كۈچلىرى بولۇپ نۇرغۇن رەزىل كۈچلەر بۇ تەشكىلاتنى ئىشلەتتى.
ھاشھاشىلەرنىڭ كاتتىبېشى ھەسەن ساباھ خەلقئارا سەھنىگە ئېلىپ كىرگەن سىستېمىلىق تېررورىزىم ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن دەۋرنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن شەكىل ئۆزگەرتتى.
تېررورچىلار بەزىدە كوللىكېتىپ ھالدا ھەرىكەت قىلغان بولسا، بەزى ئادەم بومبا ئۇسۇلى بىلەن قانلىق ھەرىكەتلەرنى سادىر قىلىشتى. تېررورىزىم مۇشۇنداق ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن ھازىرغىچە مەۋجۇدلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، تېررورىزىم دۇنيا ھازىرقىدەك تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان مەزگىللەردە ئەڭ كۆپ پايدىلىنىدىغان رەزىل ۋاستە بولۇپ، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى كۈچ، ھاكىمىيەت ۋە سەرمايە ئۇرۇشلىرىنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ قالدى.
1991-يىلى ئىراق خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن رايونىمىزدا نۇرغۇن تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى قۇرۇلدى. بۇ تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى كۆپىنچە ھاللاردا ئوتتۇرا شەرقتە «ئىشغالىيەتچى»دەپ قارايدىغان خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى.
ئوتتۇرا شەرققە پاتمىغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۆلۈندى ۋە يېڭى قۇرۇلغان تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بۇرۇنقى تەشكىلاتلاردىنمۇ بەتتەر بولۇپ كەتتى.
چوڭ كۈچلەر ياكى چوڭ دۆلەتلەر تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنسېرى، تېررورىزىممۇ يېڭىلىنىپ تۇردى. زامانىۋى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنى قوغداش مىخانىزىملىرىنى كۈچەيتكەنسېرى، تېررورىزىممۇ ئۇسۇللىرىنى ۋە قوراللىرىنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇردى.
كۈنىمىزدە مۇسۇلمان دۇنياسى ۋە بىر قىسىم غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ بالايى-ئاپىتىگە ئايلانغان تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق كاتتېباشلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن سىرت ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ پۇقراسى بولۇشى كىشىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغايدىغان مۇھىم مەسىلىدۇر.
جەمئىيەتشۇناسلار، ئىجتىمائىي پىسخولوگلار ۋە دىن جەمئيەتشۇناسلىرى بۇ مەسىلە ئۈستىدە چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك، تۇرمۇشنىڭ ھەر تۈرلۈك لەززىتىنى تېتىغان بىر فىرانسىيە، بىر گېرمانىيە، بىر نورۋېگىيە پۇقراسىنىڭ سۈرىيە-ئىراق لىنىيەسىدىكى ئېغىر شارائىتلاردا ياشاشقا رازىلىق بىلدۈرۈپ، ئارقىدىن ئۆلۈم بېكىتىگە بېلەت ئېلىشلىرى ئىلمىي جەھەتتىن چوقۇم ئىزاھلىنىشى لازىم. غەربنىڭ تېررورىزىمغا قارشى ئالغان تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلمەيۋاتىدۇ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تېخنىكىلار كارغا كەلمەيۋاتىدۇ،كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاجىزلىق قىلىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە تېررورچىلار «يېڭى ئەۋلاد تېررورلۇق»ئۇسۇللىرى «ئىجاد»قىلىپ بۇرۇنقى ئۇسۇل ۋە قوراللىرىنى شاللىۋەتتى. تېررورچىلار ئىنساننىڭ زۆرۈر ئېھتىياجلىرىنى تېررورلۇقنىڭ ۋاستىسى ۋە ئۇسۇلى قىلىۋالدى، مىليارد دوللار سەرپ قىلىنىپ بەرپا قىلىنغان بىخەتەرلىك تاملىرى «يېڭى ئەۋلاد تېررورلۇق»ئۇسۇلىغا تاقابىل تۇرۇشتىن ئاجىز كەلمەكتە، ھەم ئېلېكتىرونلۇق ھەمدە ماددىي تاملار قەغەزدىنمۇ نېپىز ۋە ئاجىز ھالەتكە كېلىپ قالدى.
نۆۋەتتە «يېڭى ئەۋلاد تېررورىزىم»نىڭ تېررورچىلىرىمۇ بۇرۇنقى تېررورچىلاردىن ئالاھىدە پەرقلىق بولۇپ، ھازىرقى تېررورچىلار كىلاسسىك ئۇسۇللار بىلەن لاگېرلاردا تەربىيلەنگەن، رامبوغا ئوخشاش چېنىققان مۇسكۇللۇق شەخسلەرگە ئوخشىمايدۇ. ھازىر تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مىلىتان تەربىيلەش ۋە قوبۇل قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ بۇرۇنقىدىن پەرقلىق بولۇپ، رەھمىسىز تېررورچىلار مۇسكۇللۇق، چېنىققان ۋە سۆرەن تەلەت ئەمەس. ھازىر بەدىنى «نازۇك ۋە يۇمشاق»، يۈز مېتىرغا يۈگۈرسە نەپەسسىز قالىدىغان، تاماكا، ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك خۇمارى بولغان بىرسىمۇ يېڭى ئەۋلاد تېررورچىلىرى سېپىغا كىرەلەيدۇ.
تېخى يېقىندا مەيدانغا كەلگەن بارسېلونا تېررورلۇق ھۇجۇمىنى سادىر قىلغان تېررورچىنىڭ قورال ئىشلىتىشكە ماھىر ئەمەسلىكى چىقىپلا تۇرىدۇ. بۇنداق تېررورچىلار شەھەرلەردىكى توقۇنۇشلاردا ئاسانلا بىر تەرەپ بولىدۇ. بىرمۇ بىر ياكى كوچا توقۇنۇشلىرىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ناقابىل بولغان يېڭى ئەۋلاد تېررورچىلار تەسىرى كۈچلۈك ۋە چىقىمى ئاز بولغان قىلمىشلارنىلا سادىر قىلالايدۇ.
ياۋروپادا سادىر قىلىنغان تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ دېگۈدەك ھەممىسىنىڭ ياۋروپا پۇقرالىرى بولۇشى كىشىنى ھەقىقەتەن ئويلاندۇرىدۇ.
ھازىر يېڭى ئەۋلاد تېررورچىلىرىنىڭ قوراللىرى تاپانچا، بومبا ياكى مىلتىق ئەمەس. ھەر دۆلەتتە قانۇنلۇق ۋە «بىگۇناھ»بولغان موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى نۆۋەتتىكى تېررورىزىمنىڭ قورالى بولماقتا.
دۇنيانىڭ بۇ كۈچنىڭ خەتىرىنى قانچىلىك ھېس قىلغانلىقى ماڭا نامەلۇم، بىراق ئېلىنغان تەدبىرلەرگە قارايدىغان بولساق ئۈمىدسىزلىككە دۇچار بولماي تۇرالمايمەن.
ياۋروپادا بۇ خىلدىكى تېررورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى ئېلىنغان تەدبىرلەر ئاللىبۇرۇن ئوت ئېلىنغان ئوقنى قەغەزگە ئېتىشقا ئوخشايدۇ. ئەپسۇس، دۇنيا بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا شەرق بۇ يېڭى ئەۋلاد تېررورلۇق قىلمىشلىرىنىڭ سەھنىسىگە ئايلىنىپ قالدى.
تېررورچىلار يا موتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى بىلەن خەلققە ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ ياكى ھەسەن ساباھنىڭ غالچىلىرى قىلغاندەك پىچاق بىلەن تېررورلۇق قىلمىشى سادىر قىلىۋاتىدۇ.
دۇنيا بۇ يېڭى ئەۋلاد تېررورلۇق مەسىلىسىگە نىسبەتەن ھېچقانداق تەجرىبە ۋە مەلۇماتقا ئىگە ئەمەس، ئەپسۇسلىنارلىقى، بۇ ۋەھىمىلىك ھادىسىگە قارشى بىر بولۇپ ھەرىكەت قىلالمايۋاتىدۇ.
مەسىلەن، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى ئارقىلىق ئىزدىۋاتقان قاتىل تېررورچىلارغا بىر قىسىم دۆلەتلەردە قولايلىق يارىتىپ بېرىلىۋاتىدۇ، نازارەت ئاستىغا ئېلىنمايۋاتىدۇ، دائېش سېپىغا كىرگەن پۇقرالىرى توغرۇلۇق تۈركىيە بىلەن ئۇچۇر-مەلۇمات ئورتاقلاشمايۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋاللار دائېشقا پايدىلىق بولىۋاتىدۇ. شۇڭا ياۋروپادا تېررورچىلار پۇقرالارنى ئاسانلا ھۇجۇم نىشانى قىلالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.