تىجارەت ئەخلاقىغا بىر قاراڭ

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى – 33 (ئاۋازلىق)

792724
تىجارەت ئەخلاقىغا بىر قاراڭ

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:

(ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي!ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ. كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ. ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ. ئۇ كۈندە ئىنسانلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ ھۇزۇرىدا تىك تۇرىدۇ»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس – شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ:

«بىزنى ئالدىغانلار بىزدىن ئەمەس»

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىدە پات – پات بازارغا باراتتى. بازاردا ئېلىم – سېتىم قىلىۋاتقان كىىشلەرنى كۆزىتەتتى، ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزەتتى. خاتا ئىش ۋە پوزىتسىيەلەرنى كۆزگەندە ئاگاھلاندۇراتتى. دەل شۇ چاغلاردا ئاللاھ تائالانىڭ تىجارەتكە ئالاقىدار يۇقىرىقى ئايىتى نازىل بولغان ئىدى.

بۇ ئايەت نازىل بولغاندىن كېيىن مۆئمىنلەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ رەھبەرلىكىدە سودا ئىشلىرىدا تېخىمۇ سەزگۈرلۈك ۋە دىققەت بىلەن ئىش تۇتۇشقا باشلىدى[2]. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئەھۋاللاردىن ئىنتايىن خۇشال بولغان ۋە: «ئىي پەرۋەردىگارىم! بۇلارنىڭ ئۆلچەم تارازىلىرىنى ۋە سودا - سېتىقلىرىنى بەرىكەتلىك قىلىپ بەرگىن» دەپ دۇئا قىلغان ئىدى[3].

ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇلۇغ دىنىمىز ئىسلام بىزلەرگە مەخسۇس سودا - سېتىق ۋە تىجارەت ئەخلاقىنى تەلىم بەرگەن بولۇپ، بۇ ئەخلاقنىڭ ئەڭ مۇھىمى، توغرا – دۇرۇس مۇئامىلە قىلىش، يالغان سۆزلەشتىن ۋە ئالداشتىن ئۇزاق تۇرۇش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا توغرا دۇرۇسلۇق مۆئمىن بولۇشنىڭ تەقەززاسىدۇر. پەزىلەتلىك بىر ئىنسان بولۇپ ھايات كەچۈرۈشنىڭ شەرتىدۇر. يالغۇز ئېلىم – سېتىمدىلا ئەمەس، مۆئمىننىڭ ھاياتىنىڭ بارلىق ساھەلىرى سەمىمىيەت بىلەن بېزەلگەن بولۇشى لازىم. ئاللاھ تائالانىڭ: «بۇيرۇلغاندەك توغرا دۇرۇس بول!» دېگەن ھۆكمى مۆئمىننىڭ سۆز ۋە ھەرىكەتلىرىنىڭ تۈپ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ[4].

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «بىزنى ئالدىغان كىشى بىزدىن ئەمەس» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىمۇ مۆئمىنلەر ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ۋاز كەچمەيدىغان مۇھىم پىرىنسىپلاردىن بىرسىدۇر.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە بىر ھەدىس – شەرىپتە: «توغرا – دۇرۇس، ئىشەنچلىك تىجارەتچى، پەيغەمبەرلەر بىلەن ۋە توغرا كىشىلەر بىلەن باراۋەردۇر[5]»  دېگەن ھەدىسىدىنمۇ شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، تىجارەتتە ئۆچوق – ئاشكارا بولۇش ئەڭ مۇھىم ئەخلاقىي پىرىنسىپلارنىڭ بىرسىدۇر. تۆۋەندىكى ۋەقە بۇنىڭغا ئەڭ گۈزەل مىسال بۇلايدۇ:

بىر كۈنى ساھابىلەردىن بىرسى تىجارەت ھەققىدە ئىددىيەسىدە شەكىللەنگەن بەزى چېگىش مەسىلىلەرنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ سۆزلىرىگە دىققەت بىلەن قۇلاق سالغاندىن كېيىن، مۇنۇ نەسىھەتلەرنى قىلىدۇ:

«بىرەر نەرسىنى سېتىۋىلىشنى خالىغان چېغىڭدا، سەن تۆلىيەلەيدىغان باھانى ئېيتقىن! بىرەر نەسىنى سېتىشنى خالىغان چېغىڭدىمۇ يۇقىرى باھا قويماستىن، بازاردىكى نەرقىنى ئېيتقىن[6]»

ئەزىز قېرىنداشلار! پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئەيىبلىك مالنى ئەيىپىنى دېمەي سېتىش مۇسۇلمانلارغا ھالال ئەمەس»[7] دېگەن ھەدىسى بىزگە نىسبەتەن بىر ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. چۇنكى مالنىڭ ئەيىپىنى مەخپىي تۇتۇش، ئېلىم – سېتىمنىڭ بەرىكىتىنى شۇنداقلا ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا ئىشەنچىنى يوق قىلىدۇ. گەرچە كۆپ پايدا ئالغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇنىڭ تاپاۋىتى ئاقىۋەت زىياندىنلا ئىبارەت بولىدۇ. بۇ خىل ئاڭغا ئىگە بىر مۆئمىن تاپاۋەت ۋە پايدا ئۈچۈن ئۇدۇل كەلگەن ھەممىلا يولنى توغرا ھېسابلىيالمايدۇ. ئالدامچىلىق خاراكتېرلىك ئېلانلار، ھېلە – نەيرەڭ، ھەقسىز رىقابەت ۋە ھەددىدىن زىيادە پايدا قويۇپ سېتىش ئارقىلىق نەپ ئېلىشنىڭ كويىدا بولۈشتەك پەسكەشلىككە يېقىن يولىمايدۇ. بىرسىنى زىيانغا ئۇچرىتىش بەدىلىگە كېلىدىغان پايدىدىن ئۇزاق تۇرىدۇ. چۈنكى مۆئمىن شۇنى ياخشى بىلىدۇكى، باشقا بىرسىنى ئالداش ئەسلىدە ئۆزىنى ئالداشتىن ئىبارەتتۇر. ئاللاھ تائالامۇ ئۆتمۈشتىكى خەلقلەردىن بەزىلەرنىڭ سودا – سېتىقتا توغرا دۇرۇس بولماي، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق تىرىغانلىقىنى ئايەتتە ئوچۇق بىلدۈرگەن ئىدى[8].

ئەزىز قېرىنداشلار! سودا ئەخلاقىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن بىرسى تاپاۋەتنىڭ چوقۇم ھالالدىن بولىشىغا دىققەت قىلىشتۇر. قىلغان ئەتكەنلىرىدىن چوقۇم بىر كۈنى ھېسابقا تارتىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھەر قانداق مۆئمىن تاپاۋېتىگە ھارامنى ئارىلاشتۇرۇپ قويمايدۇ. مانا بۇ نۇقتىدىن ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى ئېلىم – سېتىم قىلىشمۇ بىر مۇسۇلمانغا نىسبەتەن ھالال بولمايدۇ. مۆئمىنلەر ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن شۇنداقلا قىمار ئويناش، باج ئوغىرىلاش دېگەنگە ئوخشاش قىلمىشلاردىن يېراق تۇرىدۇ. 

ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى شۇ يەردىكى، دەۋرىمىزدىكى ئىنسانلار كۈنسىرى ھالال تاپاۋەت ئېڭىنى يوقۇتۇپ قويماقتا. بەزىلەر ھەتتا ھەر قانداق يولنى جائىز ھېسابلاپ، تاپاۋەت ۋە مەنپەئەت ئۈچۈنلا ھەرىكەت قىلماقتا. بەزىلەر ھاۋايى – ھەۋەس، تاماخورلۇق، قائىدەسىزلىك بىلەن تېخىمۇ كۆپ نەپ ئېلىشنىڭ، يەنى دۇنيا مېلىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قىلىشنىڭ كويىدا يۈرمەكتە. يەنە بەزىلەر ئاللاھنىڭ تەبىئەتتىكى ئەڭ كاتتا ئايەتلىرىدىن بىرسى بولغان ئىنساننىڭ ماددىي ۋە مەنىۋىي بايلىقلىرىنى ئۆلچەمسىز ۋە ھاياسىز بىر شەكىلدە بۇزۇپ چېچىپ سۇيىئىستېمال قىلماقتا. ۋەھالەنكى، ھاياتىمىزنىڭ بارلىق ساھەسىدىكىگە ئوخشاش ئېلىم – سېتىمدىمۇ مۇھىم بولغان غايە ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. 

ئۇنداقتا كېلىڭلار! تاپاۋېتىمىزنى توغرا دۇرۇسلۇق ۋە سەمىمىيەت ئۈستىگە قۇرۇپ چىقايلى! كىشىنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلىپ، داستىخىتىمىزنى ۋە ئۆمرىمىزنى بەرىكەتلەندۈرەيلى!

ئۆزىمىزنىڭ گېلىدىن، ئايالىمىز ۋە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ گېلىدىن ھارام لوقما ئۆتمەسلىكى ئۈچۈن سەگەكلىك بىلەن ئىش تۇتىدىغان بولايلى!

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۆۋەندىكى ھەدىس - شەرىپى سودا ئىشلىرىمىزدا  ھەممىزگە نىسبەتەن بىر ئۆلچەمگە ئايلانسۇن:

«دۇنيا مېلى تاتلىق ۋە جەلىپ قىلارلىقتۇر. كىم ئۇنى كۆزى توق ھالدا ئالسا، ئۇ مال بەرىكەتلىنىدۇ. كىمكى ئۇنى ئاچكۆزلۈك ۋە نەپسانىيەتچىلىك بىلەن ئالسا، بەرىكىتى يوقۇلۇپ كېتىدۇ.»[9]

ئاللاھ ھەممىمىزنى ھەقىقي مۆئمىنگە خاس ئەخلاق – پەزىلەتكە ئىگە قىلسۇن! ئامىن!

 

[1] سۈرە مۇتەففىفىن 1 – 6 ئايەت

[2] ئىبنى ماجە، سودا بابى 35 - ھەدىس

[3] بۇخارى سېھرىگەرلىك بابى، 53 – ھەدىس

[4] سۈرە ھۇد، 112 – ئايەت

[5] تىرمىزى، سېھرىگەرلىك بابى، 4 – ھەدىس

[6] ئىبنى ماجە، سودا بابى، 29 – ھەدىس

[7] ئىبنى ماجە، سودا بابى، 45 – ھەدىس

[8] سۈرە ھۇدنىڭ، 84 – 95 ئايەتلىرى

[9] بۇخارى، زەكات بابى، 50 – ھەدىس



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر