ئامېرىكا دېموكراتىيەسى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرىدۇ؟

تەتقىقاتچى ئەردال شىمشەكنىڭ « ئامېرىكا دېموكراتىيەسى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرىدۇ؟»تېمىسى بويىچە ئانالىزى

783931
ئامېرىكا دېموكراتىيەسى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرىدۇ؟

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 1991-يىلدىن بۇيان ئوتتۇراشەرق ۋە بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىگە دېموكراتىيە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلمەكتە.

ئافغانىستان، سومالى، ئىراق ۋە سۈرىيە  ئامېرىكىنىڭ بۇ دېموكراتىيەسىدىن ئەڭ كۆپ نىسۋېسىنى ئالدى، ئامېرىكا «دېموكراتىيە»ئېلىپ كەلگەن دۆلەتلەردە ھازىرغىچە 5مىليون كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا، ئامېرىكا بۇ دۆلەتلەرگە دېموكراتىيە ئېلىپ كېلىشتىن ئىلگىرى مەزكۇر دۆلەتلەردە ئىچكى ئۇرۇش، قېرىنداش قېرىنداشنى قەتل قىلىدىغان ئېچىنىشلىق ھادىسىلەر ئاساسەن يوق ئىدى. ئافغانىستاندىكى تالىبان بىلەن مۇجاھىت ھۆكۈمەتنىڭ توقۇنۇشى بولسا قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش بولماستىن بەلكى سىياسىي غەۋغا ئىدى.

سومالى ئىچكى قالايمىقانچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىۋاتاتتى، ئىراقتا قانداقلا بولمىسۇن مۇقىم تەرتىپ ۋە تۈزۈم بار ئىدى، ئىراقتا ئامېرىكا ئىلگىرى سۈرگەندەك يادرو ۋە خىمىيىۋى قوراللار يوق ئىدى، ئامېرىكا ئىراقتا يادرو قوراللىرى بارلىقىنى باھانە قىلىپ ئىراققا ھۇجۇم قوزغاپ ئىراقنى ئىشغال قىلىۋالدى، يىللار ئۆتكەندىن كېيىن ئامېرىكا ھەربىي ئەمدارلىرى ئىراقتا يادرو قوراللىرىنىڭ يوقلىقىنى ئېتىراپ قىلىشتى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا چوماقچىسى تېررولۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق سۈرىيەگىمۇ «دېموكراتىيە»ئېلىپ كېلىشكە ئۇرۇنماقتا. ئۇنداقتا ئامېرىكا دېموكراتىيە ئېلىپ كەلمەكچى بولغان سۈرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە قاراپ چىقايلى:

بۇنىڭدىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 1 مىنۇت 17 سىنكۇنتلىق ۋىدېئو تارقالدى، بۇ ۋىدېئو سۈرىيەنىڭ شىمالىي رايونىدا تارتىلىپتۇ، خارابىلىككە ئايلانغان بىر بىنانىڭ ئىچىدە قوللىرى ئارقىدىن باغلانغان بىر ياش كۈچىنىڭ بارىچە كۈلۈشكە تىرىشىپ كۈرتچە (كوردچە)مۇنداق دەيدۇ: - مېنى ئۆلتۈرمەڭلار، ئۆتۈنۈپ قالاي.

ھايات بىلەن ئۆلۈم ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ئىنچىكە سىزىقنىڭ دەل ئوتتۇرىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ياش، تولىمۇ يۇمشاق ۋە شەپقەتلىك ئاۋاز بىلەن كۈلۈمسىرەپ، قولىدا قورال بولغان تېررورچىلارغا قاراپ ئۆلۈمدىن قورقمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتىدۇ. ئەسلىدە ھايات-ماماتلىق پەيتتە بىر كىشى يۇمشاق ئاۋازدا ئەمەس پەرياد بىلەن گەپ قېلىشى كېرەك ئىدى، لېكىن بۇ ياش ئۇنداق قىلمىدى، ئېكراندا قوللىرىدا قورال بولغان ئامېرىكىنىڭ چوماقچىسى ي پ گ نىڭ بەلگىسىنى تاقىۋالغان ئىككى تېررورچى ئىچىدىن سىمىزراق كەلگەن بىرى قاتتىق ئاچچىقلانغان ھالدا كۈرتچە  مۇنداق دەيدۇ: سەن بۇيرۇققا بويسۇنماي ۋە ئۇرۇشىمىزغا قاتناشماي كۈرت خەلقىگە ئاسىيلىق قىلدىڭ، شۇڭا ئاسىيلىقنىڭ بەدىلى ئۆلۈمدۈر، دېگەندىن كېيىن ياشقا قارىتىپ ئوققا چىقىرىدۇ، ئارقىدىن يەنە بىر تېررورچىمۇ ئوق چىقىرىدۇ. قالغان ئۆمرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن خاراب قىلىنماسلىقىنى خالىمىغان بۇ ياش قوللىرى باغلاقلىق ھالەتتە تۇرۇپمۇ يۈزىنى ئوقتىن قاچۇرماي كۈلۈمسىرگەن ھالدا ئۆلۈمگە سەپەر قىلىدۇ.

ئامېرىكا ۋە بارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن پ ك ك نىڭ كاتتىبېشى ئابدۇللاھ ئۆجالان «تېررورچى»دەپ قارىلىدۇ. ھەتتا، ئامېرىكا ئۆجالاننىڭ قولغا چۈشۈرۈلۈشى ئۈچۈن تۈركىيەگە ياردەم قىلغانىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ چوماقچىسى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ئۆزلىرىگە بويسۇنمىغان كۈرتلەرنى يۇرت-ماكانلىرىدىن قوغلاپ ئۆزگە يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلماقتا. يۇرت-ماكانلىرىنى تاشلاپ كېتىشكە ئۇنىمىغان ياكى تاشلاپ كېتەلمىگەنلەرنى بولسا بۇ 20 ياشلىق بالىنى ئۆلتۈرگەندەك رەھىمسىزلەرچە ئۆلتۈرمەكتە.

مەن بۇ ۋىدېئونى قايتا-قايتا كۆرۈپ چىقتىم، ئۇرۇش ۋە تېررورلۇق ۋەقەلىرىنى يورىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان ماڭا ئوخشاش ژۇرنالىستلارغا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش  ۋىدېئونى كۆرۈش تولىمۇ ئېغىر كېلىدۇ. 27 يىللىق كەسپىي ھاياتىمدا بۇ يىگىتنىڭ ئۆلۈمىدەك يەنە ئىككى ئۆلۈمگە شاھىت بولۇپ بولغانىدىم، بىرى 1994-يىلى بوسىنىيە-گىرېتسىگوۋېنادا سىرپ تېررورچىلىرى دىراكاچتا بىر ئايالنى پەرزەنتلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆلتۈرۈشىگە، يەنە بىرىگە  1999-يىلنىڭ ئاخىرىدا باشلىغان 2-چېچەن-رۇس ئۇرۇشىدا شاھىت بولغانىدىم.  چېنچىنىيەنىڭ پايتەختى گىروزنىدە قۇچىقىدا بالىسى بولغان بىر ئايالنى رۇس ئەسكەرلىرى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا بۇ ئايال كۈلگەنىدى، بۇ بىر ئۆمۈردىن تېخىمۇ ئۇزۇن ۋە ئېغىر بولغان ئىككى ياكى ئۈچ سىكۇنت ئىدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ چوماقچىسى بولغان تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ نىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن كېتىشكە مەجبۇرلىغان كۈرتلەرنىڭ سانىنىڭ 700مىڭدىن ئاشقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا. كۈرتلەرگە ۋاكالىتەن تېررورلۇق قىلمىشلىرى سادىر قىلىۋاتقان ي پ گ ۋە پ ي د سۈرىيەدە ئومۇمىي نوپۇسى 1 مىليون بولغان كۈرتلەرنىڭ 700مىڭىنى سۈرگۈن قىلىپ بولدى.

ئۇنداقتا، پ ي  د – ي پ گە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىدىن قاچقان كۈرتلەر قايسى دۆلەتتتىن پاناھلىق تىلىۋاتىدۇ؟ئەلۋەتتە،  ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى  بولغان غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن «كۈرتلەرگە بېسىم سىياسىتى يولغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقى»ئىلگىرى سۈرۈلگەن تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىمەكتە، ئىگىلىنىشچە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى بارزاى ھاكىمىيىتىدىن پاناھلىق تىلىگەن كۈرتلەرنىڭ سانى 70مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن. بۇنىڭدىن قالغان كۈرتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىگەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ.

ئىلگىرى سۈرىيەدىكى كۈرتلەرنىڭ پۇقرالىق ھوقۇقى يوق ئىدى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مىنىستىر چېغىدا ئەسەدكە بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە، سۈرىيەلىك كۈرتلەرگە پۇقرالىق كارتۇچكىسى ۋە ھەق-ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇشقا باشلىدى. ئەردوغان بۇ ئىشقا ئارىلىشىشتىن بۇرۇن سۈرىيەلىك كۈرتلەر نەچچە مىڭ يىللىق زېمىنىدا «مۇساپىر»ھالەتتە ياشايتتى. سۈرىيەدىكى پ ي د-ي پ گ نىڭ زۇلۇمىدىن قاچقان كۈرتلەرنىڭ تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بىمالال ئىقامەت قىلالايدىغانلىقىدىن خەۋەرىڭىز بارمىدى؟ ئۇلار ھەر ساھەدە ئەركىن-ئازادە ئىشلىيەلەيدۇ ياكى ئىگىلىك يارىتالايدۇ. سۈرىيەدىكى دېموكراتىك ۋە كۈرت ئۆكتىچىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەركەز تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىشخانىلىرى ئىستانبۇل بىلەن ئەنقەردە. كۈرت ئۆكتىچىلەرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزاسى دۆلەتلەردە ياشاش پۇرسىتى يوق. ئۇلار ياۋروپالىق ساقچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا پ ك ك – ي پ گ لىقلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا دۇچ كېلىۋاتىۋاتقان بولسا، كۈرت سىياسەتچىلىرى  ئىككىلەنمەي تۈركىيەدىن پاناھلىق تىلىيەلەيدۇ.

يۇقىرىدىكىلەرنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا مۇنداق سۇئال تۇغۇلىدۇ:« ئامېرىكا دېموكراتىيەسى نېمە ئۈچۈن ئۆلتۈرىدۇ؟»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر