قارۇننىڭ ئاقىۋىتى

مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر قەۋمدىن بولغان قارۇننىڭ ئاقىۋىتى.

785192
قارۇننىڭ ئاقىۋىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قارۇن مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن بىر قەۋمدىن ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككىيلەننىڭ يېقىن تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىمۇ بار ئىدى. ئاللاھ تائالا نۇرغۇن مال - مۈلۈك ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن، قارۇن باياشات ياشايتتى، تاپاۋىتى ئۈستۈن، مال – دۇنياسى ھەددى – ھېسابسىز ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى ئادەتتە بىمالال، ئەركىن ۋە ناھايىتى خۇشال ئۆتەتتى.

ئاللاھ تائالا  قارۇنغا خەزىنىلەردىن شۇ قەدەر كۆپ بەرگەن ئىدىكى، خەزىنە ۋە ساندۇقلىرىنىڭ ئاچقۇچلىرىنى (كۆتۈرۈش) كۈچلۈك بىر جامائەگىمۇ ھەقىقەتەن ئېغىرلىق قىلاتتى. شۇڭا ئۇ باشقىلارغا قارىغاندا، تۇرمۇشىنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزەتتى. ئۇنىڭ سارىيىدا قۇللار ۋە خىزمەتكارلار ئىنتايىن كۆپ ئىدى. ئۇ ئاشۇنداق كەيپ – ساپالىق تۇرمۇش كەچۈرسىمۇ، لېكىن بۇ نېمەتلەرنى ئاتا قىلغان ئاللاھقا شۈكۈر قىلماي، ئىچىدە: «ئەگەر كەيپ – ساپانىڭمۇ چېكى بار بولسا، مەن چوقۇم شۇ چەككە يېتىشىم كېرەك» دەپ ئويلايتتى.

ئۇ قەدىمدىن تارتىپ ئاتۇن – كۈمۈش جاھاننىڭ زىبۇزىننىتى ۋە شان – شەۋكىتى، تۇرمۇشنىڭ ئاساسى  ۋە تۈۋرۈكى بولۇپ كەلدى، ئالتۇن – كۈمۈش، مال – دۇنياغا ئىگە بولغان كىشى زورلۇق – زومبۇلۇق قىلالايدۇ، سەن ئەمەس مەن دەپ، جاھاندا ئۆزىنى يوغان تۇتالايدۇ، ئۆزىنى ھېچ كىشىگە تەڭ قىلمايدۇ، دەپ ئويلايتتى، ئۇ، بۇ دۇنياغا كەلگەن كىشىلەر مېنىڭ زاڭلىق ۋە مەسخىرە قىلىشىم ئۈچۈنلا كەلگەن، دەيتتى. ئۇ يەنە مەن گەپ قىلسام، كىشىلەر ھۆرمەت – ئىكرام بىلەن ئاڭلىشى، قارارلىرىمنى بويسۇنۇپ ئىجرا قىلىشى، ماڭا ساداقەتمەن بولۇشى كېرەك، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار ئۆلۈمگە مەھكۇم؛ مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى راۋا كۆرمىگۈچىلەر گۇناھكار» دەپ قارايتتى.

قارۇننىڭ بۇنداق قىلىشى ئۇنىڭ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئىزىدىن ماڭغانلىقى بولۇپ، بۇنىڭ ئەجەبلىنىدىغان تەرىپى يوق ئىدى. ئۇ كىشىلەرگە شەپقەتسىز بولۇپ، زالىملىق ۋە زورلۇق – زومبۇلۇق قىلاتتى.

ئەمما بۇ بايلار ئۆزلىرىنىڭ ھەيۋىسىنى بىر قۇر پەسەيتىپ، تۇرمۇشنى، تۇرمۇشنىڭ يولىنى بىلگەن بولسا، مال – دۇنياغىلا تايىنىپ كىشىلەرنى باش ئەگدۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى، قۇللارنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈشگە بولمايدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ كىشىلەرنىڭ خەير – ساخاۋەتلىكىنى ئىزدەيدىغان بەندىلەردىن ئىكەنلىكىنى، ئۇلارغا چىقىش يولى بەرگەندىلا، خەير – ساخاۋەت قىلغاندىلا، ئاندىن ئۇلارنىڭ بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنگەن بولاتتى.

بايلار مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن كىشىلەرنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىپ، يامانلىقتىن ساقلىنايتتى، ئۇلار پەقەت خەير – ساىاۋەتكە بۇرالغاندىلا، ئاندىن كىشىلەر ئۇلارنى قىزغىن سۆيۈپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشاتتى؛ شۇندىلا ئاللاھ تائالا ئۇلاردىن رازى بولۇپ، ئۇلارغا مول نېمەتلەرنى ئاتا قىلاتتى، جەننەتكە كىرگۈزەتتى؛ يەنى ئۇلار شۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخت – سائادەتكە ئېرىشەلەيتتى.

لېكىن مال – دۇنياغا تويمايدىغان ئاشۇ زالىم ئۆكتەملەر تىلى ھەسەل، دىلى زەھەر ساختا جانابلار بولغاچقا، كۆرۈنۈشتە ھەدەپ قويغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە ساماننىڭ تېگىدىن سۇ يۈگۈرتەتتى مىسكىن – بىچارىلەرنىڭ قارشىلىقلىرىنى، ئېزىلگۈچىلەرنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە، ئاڭلىسىمۇ، ئاڭلىماسقا سالاتتى.

ئەنە شۇنداق بايلاردىن بىرى بولغان قارۇن قىلچە تەپ تارتماستىن ئەسكىلىك قىلاتتى، ئەس – يادى پۇل تېپىش، باي بولۇشتىلا ئىدى، ئېسىل كىيىملەرنى كىيىپ، بەكمۇ كۆرەڭلەيتتى، باشقىلارنىڭ ئاچ – يالىڭاچ قېلىشى بىلەن كارى يوق ئىدى. قەۋمى ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يامانلىقنى تاشلاپ، توغرا يولغا مېڭىش، قەلبىدە كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىدىغان بىر روھنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن نەسىھەت قىلماقچى بولۇپ، ئۇنىڭغا:

- ئەي قارۇن، پۇلۇم بار دەپ ئۇنچىۋالا كۆرەڭلەپ كەتمە، ئاللاھ ھەقىقەتەن كۆرەڭلەپ كەتكۈچىلەرنى دوست تۇتمايدۇ. ئاللاھ ساڭا بەرگەن بايلىق بىلەن ئاخىرەت يۇرتىنى تىلىگىن، دۇنيادىكى نېسىۋەڭنىمۇ ئۇنتۇمىغىن، ئاللاھ ساڭا ياخشىلىق قىلغاندەك، سەنمۇ (ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە) ياخشىلىق قىلغىن، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىقنى تىلىمىگىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتمايدۇ. – دېدى. قارۇن:

- مېنىڭ ئالاھىدە بىلىمىم بولغانلىقتىن بۇ بايلىققا ئېرىشتىم، - دېدى. ھالبۇكى، ئاللاھ تائالا قارۇندىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەردىن ئۇنىڭغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، توپلىغان (مېلى) تېخىمۇ كۆپ بولغان كىشىلەرنى ھالاك قىلغانىدى.

قارۇن ئۆز قەۋمىنىڭ ئالدىغا بارلىق زىننىتى بىلەن ھەشەمەتلىك ھالدا چىققان چاغدا، دۇنيا تىرىكچىلىكىنى كۆزلەيدىغانلار:

- كاشكى بىزگە قارۇنغا بېرىلگەن بايلىق بېرىلسىچۇ، ئۇ ھەقىقەتەن (دۇنيالىقتىن) چوڭ نېسىۋىگە ئىگە ئىكەن، -  دېدى. ئىلىملىك كىشىلەر ئۇلارغا:

- ۋاي سىلەرگە! ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەلنى قىلغان كىشىگە ئاللاھنىڭ ساۋابى ياخشىدۇر. ئۇ ساۋاب پەقەت سەۋر قىلغۇچىلارغىلا بېرىلىدۇ، - دېدى.

سەمىمىي نەسىھەتلەر قارۇنغا كار قىلمىدى، تۇغقانچىلىق مۇناسىۋەتمۇ ئۇنىڭ دىلىنى يۇمشىتالمىدى، كۇلپەتلىك، پاجىئەلىك ئەھۋاللارمۇ ئۇنىڭغا تەسىر قىلمىدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاخىر جىددىي ۋە قەتئىي ھالدا ئۇنىڭغا ئالتۇن – كۈمۈشلىرىدىن سەدىقە بېرىش، كەمبەغەللەرگە خەير – ئېھسان قىليىشنى جاكارلىدى، ئۇنىڭ پۇللىرى ئىچىدە تىلەمچىلەرنىڭمۇ، مىسكىن – بىچارىلەرنىڭمۇ ھەققى بارلىقىنى ئۇنىڭغا ئېنىق بىلدۈردى.

لېكىن، قارۇنغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن «پىخسىق» دېگەن تامغا بېسىلىپ كەتكەچكە، ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇ مۇراجىئەتلىرىگە زادىلا قۇلاق سالمىدى. ئەكسىچە، ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنى مەسخىرە قىلدى، ئۇنىڭ زىتىغا تەگدى، ھەتتا ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلىدى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاخىر ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، كىشىلەرنى قارۇننىڭ ئازدۇرۇشى ۋە قۇترىتىشىدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئاللاھ تائالادىن قارۇنغا جازا بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، زېمىن ئولتۇرۇشۇپ، ئۆي – ئىمارەتلەر يىقىلدى. ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا قارۇنغا ياردەم بېرىشكە ئادەم چىقمىدى.

زېمىن قارۇننى ۋە ئۇنىڭ پۇل – مال، ئۆي – ئىمارەتلىرىنى يۇتۇۋەتتى، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن ئاشۇ ناكەسلەرنىمۇ يەر يۇتتى. قارۇننىڭ ئاقىۋىتىنى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئۆزلىرى ئۈچۈن ئىبرەت قىلدى، ئۇلار ئىلگىرى قارۇننىڭ ئۆزلىرىنىڭ بىر ئەزاسى بولغانلىقىدىن نومۇس ھېس قىلدى. ئاللاھ تائالانىڭ ئۆزلىرىنىمۇ قارۇن بىلەن تەڭ يەرگە يۇتقۇزۇۋەتمىگەنلىكىگە شۈكۈر قىلىپ مۇنداق دېيىشتى: «ئەگەر ئاللاھ تائالانىڭ غەمخورلۇقى بولمىغان بولسا، بىزمۇ يەر ئاستىغا كىرىپ كەتكەن بولاتتۇق، ئاللاھقا ئىشەنمەيدىغان كىشىلەر ياخشى كۈن كۆرمەيدۇ، قارۇننىڭ قېپقالغان ئۆيى يەر يۈزىدە زورلۇق – زومبۇلۇق قىلغان، كەيپ – ساپا سۈرۈپ چۈشكۈنلەشكەن كىشىلەر ئۈچۈن ئىبرەت بولسۇن. شان – شەرەپ تەقۋادار مۆمىنلەرگە مەنسۇپ!»

تۈنۈگۈن تېخى قارۇننىڭ دەرىجىسىنى ئارزۇ قىلغانلار دېيىشتىكى، «پاھ، كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى كەڭ قىلىدىكەن، (خالىغان ئادەمنىڭ رىزقىنى) تار قىلىدىكەن، ئاللاھ بىزگە مەرھەمەت قىلمىغان (يەنى ئارزۇ قىلغىنىمىزنى بەرگەن) بولسا ئىدى، بىزنى ئەلۋەتتە يەر يۇتاتتى، ۋاي كۆردۈڭمۇ؟ كاپىرلار نىجات تاپمايدۇ.»

 ئاللاھ تائالا قارۇن قاتارلىق زالىملار ھەققىدىكى ھۆكمىنى مۇنداق جاكارلىدى: «(دۇنيا ـ دەپنىسى نۇرغۇن) قارۇننى، پىرئەۋننى ۋە (ئۇنىڭ زۇلۇمدا ياردەمچى بولغان ۋەزىرى) ھاماننى (ھالاك قىلدۇق)، شۈبھىسىزكى، مۇسا ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كەلدى، ئۇلار زېمىندا چوڭچىلىق قىلدى (يەنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىشتىن بويۇنتاۋلىق قىلدى)، ئۇلار (ئازابىمىزدىن) قېچىپ كېتەلمىدى. (بۇ گۇناھكارلارنىڭ) ھەربىرىنى گۇناھى تۈپەيلىدىن جازالىدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىگە تاش ياغدۇردۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى قاتتىق تاۋۇش ھالاك قىلدى، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (مال ـ مۈلكى بىلەن قوشۇپ) يەرگە يۇتقۇزدۇق، ئۇلارنىڭ بەزىسىنى (سۇدا) غەرق قىلدۇق، ئاللاھ ئۇلارغا زۇلۇم قىلمىدى، لېكىن ئۇلار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر