مەدەنىيىتىمىز ھالاكەت گىردابىدىمۇ؟

تەتقىقاتچى ئەردال شىمشەكنىڭ « مەدەنىيىتىمىز ھالاكەت گىردابىدىمۇ؟ » تېمىلىق ئانالىزى

767988
مەدەنىيىتىمىز ھالاكەت گىردابىدىمۇ؟

ئازتېك، ئىنكا، مايا ۋە باشقا مەدەنىيەتلىرىنىڭ بىلىم ۋە تېخنولوگىيە ساھەلىرىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى  كۈندىن-كۈنگە ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئارخىئولوگىيەلىك قېزىلمىلار ۋە بۇ قېزىلمىلاردىن چىققان ماتېرىياللار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلار كونكرېتلاشقانسېرى، دەۋرىمىزدىكى مەدەنىيەتنىڭ مىراسخورلىرى بولغان بىزلەر ھەيران بولماي تۇرالمايمىز.

ئەينى ۋاقىتتا ئىنژىنېرلىق، ئاسترونومىيە ۋە مىدېتسىنا ساھەلىرىدە ھاسىل بولغان نەتىجىلەرگە كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، ھەتتا ھاياتنىڭ نۇرغۇن ساھەلىرىدە يەتكەن پەللىگە كۈنىمىزدىمۇ يېتەلمەيۋاتىمىز. بولۇپمۇ ماتېماتىكا، گىئومېتىرىيە ۋە ئاسترونومىيە ساھەلىرىدە ھازىرقى دەۋىردىكى ئالىملارنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرنىڭ يارىتىلغانلىقى كۈندىن-كۈنگە ئاشكارىلانماقتا.

تاشقى پىلانېتا، گالاكسىي ۋە ئالەم بوشلۇقىنىڭ ئورنى ۋە مۇساپىلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى كۈنىمىزدىكى تېخنولوگىيەلىك ۋاستىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئاران ئېنىقلىغىلى بولماقتا.  ئارىلىقتىن مىڭلارچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ھازىرقى بىلىم ساھەسى يەتكەن پەللىدىن ئەينى ۋاقىتتا قانداق ھالقىپ ئۆتۈلگەنلىكى ھازىرغىچە ئېنىقلانماي كەلمەكتە.

ئالىملارنىڭ ئېلىپ بارغان يەنە بىر ئىلمىي ئەمگىكى ئەينى دەۋىردىكى شانلىق ۋە پارلاق مەدەنىيەتلەرنىڭ قانداق بولۇپ يوقاپ كەتكەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىكتۇر. كىشىنى ھەقىقەتەن ھەيران قالدۇرىدىغىنى ئەينى دەۋىردىكى ئۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ قانداق بولۇپ يوقاپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا كونكرېت دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ بولماسلىقىدۇر، بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، ئىنسانىيەتنىڭ كوللىكتېپ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەلللىكلەر ئەينى دەۋىردىكى پارلاق مەدەنىيەتلەرنىڭ يوقاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان. يەنە بەزىلەر بۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ يوق بولۇشىغا ئۇرۇشلارنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مېنىڭچە، ئىككىنچى خىل كۆز قاراش ئەقىلگە نىسبەتەن مۇۋاپىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ قاراشنى قۇۋەتلەيدىغان بەزى دەلىللەر تېپىلدى، ئىنسانىيەتنىڭ يېقىنقى 300 يىللىق تارىخىغا قارايدىغان بولساق بۇ قاراشنىڭ مۇۋاپىق  ئىكەنلىكىگە قانائەت ھاسىل قىلماي تۇرالمايمىز.

كاپىتالنىڭ يەنى سەرمايىنىڭ جۇغلىنىپ كەڭ تارقىلىشى، بىرىنچى ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشلىرىدا مىليونلارچە كىشىنىڭ قەتىل قىلىنىشى بىزگە بۇ جەھەتتە مۇھىم يىپ ئۇچچىلارنى بېرىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇسكى، دەۋرىمىزدە ئىنسانلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەلەردىن ساۋاق ئالمايۋاتقانلىقلىرىغا شاھىت بولىۋاتىمىز. دۇنياغا نەزەر سالىدىغان بولساق، قورال سودىگەرلىرىنىڭ سودىلىرىنىڭ تولىمۇ ئېقىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولىمىز.  دەۋرىمىزدە خىيالىمىزغا پەقەتمۇ كېلىپ باقمىغان دۆلەتلەردە تۇيۇقسىزلا قورال سودىگەرلىرىنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالدى، تېخى بىر سائەت ئىلگىرى «ئىنسانىيەت ئۈچۈن»دېگەن ئۇلۇغۋار غايىگە خىزمەت قىلغان، ئۇرۇش ۋە ئاپەت رايونلىرىدا مۇھتاجلارغا ياردەم قولىنى سۇنغان دۆلەتلەر تۇيۇقسىزلا تېررورىزىمنىڭ يانتاقچىسى بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا دىن، ئىرق ياكى ھاكىمىيەت تۈزۈمى ئايرىماي ھەر قانداق ئاپەتكە ئۇچرىغۇچى ياكى مۇھتاجلارغا ياردەم قىلغان بىر «خەير-ساخاۋەت»تەشكىلاتى تۇيۇقسىزلا شەيتانى ھالەتكە كېلىپ قالماقتا. مەسىلەن، بىر قاتىل ھۆكۈمران ئورۇندىكى بىر مەدەنىيەتنىڭ مەنسۇبىنى ئۆلتۈرسە، بۇ قاتىل دەرھال تېررورچى ئېلان قىلىنماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن ئوخشاشلا ھۆكۈمران ئورۇندىكى بىر مەدەنىيەتنىڭ مەنسۇبى بولغان بىر شەخس ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىپ جامە ۋە مەسجىتتىن چىققانلارنى قېرى-ياش دېمەي قەتىل قىلغان تەقدىردە، بۇ قاتىل «مۇستەقىل بۆرە»بولىۋاتىدۇ، شۇنداقلا بۇ ھۆكۈمران مەدەنىيەت ساھىبلىرى تېررورىزىمنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىگەن دۆلەتلەرگە مىلياردلارچە دوللارلىق قورال-ياراغ ساتقاندىن كېيىن ئاندىن ئۇلارنى قارا تىزىملىكتىن چىقارماقتا.

دۇنيا بويىچە ۋەزىيىتى ئەڭ جىمجىت بىراق سودىسى تەرەققىي قىلغان بىر دۆلەتتە تۇيۇقسىزلا تېررورىزىم دېگەن لەنەتلىك نەرسە پەيدا بولۇپ قالىدۇ، ياكى ھۆكۈمران مەدەنىيەتنىڭ ساھىبلىرىنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقمىسا، ئۇ دۆلەتنىڭ شەھەلىرىگە، رايونلىرىغا ۋە كوچىلىرىغا تۈركۈملەپ تېررورچىلار يېغىپ كېتىدۇ. فىلىپپىن بۇنىڭغا ئەڭ تىپىك مىسالى بولالايدۇ.

نۆۋەتتە دۇنيانىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە بولغان ھەر يېرىگە قورال-ياراغلار توپلانماقتا.  دۇنيادىكى نوپۇزلۇق كۈچلەر قىرغۇچى قوراللارنى توپلاش رىقابىتى ئىچىدە تۇرماقتا، بۇ رىقابەت تولىمۇ كەسكىن بولماقتا، ئۇلار قولىدىكى ئىلغار تېخنولوگىيەلەر ۋە سەرمايىلەرگە تايىنىپ دۇنيانى ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرماقتا. بىز بولساق بۇ ئەھۋاللارغا بىر كومپىيۇتېر ئويۇنىغا قارىغاندەكلا قاراپ چارىسزچە تۇرماقتىمىز، بىز بىلىپ تۇرۇپ دۇنياۋى بىر قىيامەتكە قاراپ كېتىۋاتىمىز.

ئەينى چاغدا ئالىملار سۈنئىي مېڭە ياساپ چىققاندا ئىنسانلار مۇنداق سوئالنى سوراشقان ئىدى: «ماشىنا ئادەملەر دۇنيانىڭ تىزگىنىنى قولغا چۈشۈرۈپ ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا خاتىمە بېرەرمۇ؟»، بۇنداق بولۇشى ئېھتىمالدىن تولىمۇ يىراق. چۈنكى سۈنئىي مېڭىگە «قوزغاتقۇچى كۈچ»بېرىش كۈنىمىزدىكى ۋە كەلگۈسىدىكى تېخنولوگىيەلەر بىلەن مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنمەكتە. ئەپۇسۇسلىنارلىقى شۇكى، كۈچنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالغۇچىلار بىلەن ئەقلى ئادىشىپ قالغانلار مەدەنىيىتىمىزگە خاتىمە بېرىشى مۇمكىن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھاۋايى-ھەۋەسلىرىمىز  بىزنى ھالاكەتكە ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

دەرھەقىقەت، بۈگۈن بىز ئىنكالار ۋە مايالارنىڭ مەدەنىيەتلىرىنىڭ پەللىسىگە يەتتۇق، گېن ۋە بىئولوگىيە ساھەسىدە ئەقىل ۋە خىيالنىڭ سىرلىرىنى يېشىپ چىققان بولۇشىمىز مۇمكىن، بىز بۇ نەتىجىلەرنى ھەممە تەڭ بەھرىمان بولىدىغان گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى ئۆز نەسىلىمىزنى ئۆلتۈرۈش،ۋەيران قىلىش ۋە ھۆكۈمرانلىق  قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتىمىز.

كۈنىمىزدە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ بىر يىللىق مۇداپىئە راسخوتى بىلەن دۇنيادىكى ئاچارچىلىق ۋە نامراتلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالايتتۇق. ئىنكالار، ئازتەكلەر، مايالار ۋە باشقا مەدەنىيەتلەرنى قۇرۇپ چىققانلارنىڭ گېنلىرى بىزدە بار، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بىز ئۇلارنىڭ نەۋرىمىز ھېسابلىنىمىز.

نۇرغۇن ساھەدە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ سەۋىيەسىگە يېتەلمىگەن بولساقمۇ، ھاۋايى-ھەۋەسلىرىمىزنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ مەدەنىيىتىمىزنى قاتىل ماشىنىسىغا ئايلاندۇرۇپ قويۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. مەنچە ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ ئون مىڭلارچە يىل ئىلگىرى مەدەنىيەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۇۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇلارنىڭ گېنى بىلەن بىزنىڭ گېنىمىز ئوخشاش.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر