تېررورىزىم ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىك دەۋرى

تەتقىقاتچى ئىبراھىم كالىننىڭ «تېررورىزم ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىك دەۋرى»توغرۇلۇق ماقالىسى

754309
تېررورىزىم ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىك دەۋرى

بۇ يىل 9-ئىيۇندا باتماننىڭ كوزلۇك ناھىيەسىدە بىر تۈركۈم پ ك ك لىق تېررورچى دەسلەپ ئوغۇرىلانغان بىر ئاپتوموبىلغا پارتلاتقۇچ ماددا قاچىلىدى، ئارقىدىن ناھىيە باشلىقى ۋەيسى ئىشىكنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئوققا تۇتتى، كېيىن ژاندارما نازارەت ئېغىزىغا يېقىن جايدا بومبا قاچىلانغان ئاپتوموبىلنى پارتلاتتى. ناھىيە باشلىقى ئىشىك ھۇجۇمدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، باشقا بىر ئاپتوموبىلدىكى 22 ياشلىق مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى شەناي ئايبۇكە يالچىنغا ئوق تېگىپ ھاياتىدىن ئايرىلدى،  سونەر فازلىئوغلۇ ئىسىملىك بىر ئەسكەر شېھىت بولدى.

پ ك ك نىڭ بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى چەت ئەل تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن نەزەردىن ساقىت قىلىندى، كۈندىلىك ساباھ گېزىتى بىلەن تۈركىيەدە ئىنگىلىزچە چىقىدىغان بىر نەچچە خەۋەر ئورگانلىرىدىن باشقا بىرمۇ چەت ئەل مېدىياسى بۇ ياش قىزنىڭ تىراگېدىيەلىك ئۆلۈمىگە كۆڭۈل بۆلمىدى. چۈنكى بۇ قانلىق ۋەقە پ ك ك بىلەن تەشكىلاتنىڭ سۈرىيەدىكى گۇماشتىسى ي پ گ توغرۇلۇق غەرب دۇنياسىدا شەكىللەنگەن قاراشلارغا توغرا كەلمەيتتى، تۈركىيەگە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلەردە دىيالوگ ۋە مۇزاكىرىلەرنىڭ مۇھىملىقى توغرۇلۇق نەسىھەت قىلىش ئۈچۈن پۇرسەتنى قەتئىي قولدىن بەرمەي كېلىۋاتقانلار ياش قىزنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان تېرررولۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلەش تۈگۈل تەزىيە تېلگىراممىسى ئېلان قىلىپمۇ قويمىدى، خەلقئارا تاراتقۇلىرى دىيالوگ ۋە مۇزاكىرىنى دائېش ياكى ئەل قائىدە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى كۈرەشلەردە غەرب دۆلەتلىرىگە قەتئىي تەۋسىيە قىلمايدۇ، بۇ رىئاللىق بىزگە تارىختا پەقەت شاھىت بولۇپ باقمىغان قوش ئۆلچەملەر بىلەن تولغان تېررورلۇق ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىك دەۋرىدە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئەسلىتىدۇ.

پ ك ك ئۇزۇندىن بۇيان ئوقۇتقۇچىلارنى، سىياسەتچىلەرنى ۋە ئەسكەر بولمىغان باشقا كىشىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلمەكتە. بۇ تەشكىلات 1984-يىلدىن بۇيان 150دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچىنىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالدى، پ ك ك نىڭ ئوقۇتقۇچىلارغا ھۇجۇم قىلىشتىكى مەقسىتى، دۆلەتنىڭ نوپۇزىنى ئاجىزلىتىش، كۈرت (كورد)بالىلارنى مائارىپتىن مەھرۇم قىلىش ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تۈركىيەنىڭ شەرق ۋە شەرقىي جەنۇب رايونلىرىدا خىزمەت تېپىش نىيىتىدىن ۋاز كەچتۈرۈش قاتارلىقلادۇر. پ ك ك بىر مەزگىل مەخسۇس مائارىپ سېپىدىكىلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلدى، 1994-يىلى سىنتەبىردە مەكتەپلەرنىڭ تۇنجى ئوقۇ-ئوقۇتۇش كۈنىدە ئالتە دۆلەت مەكتىپى ئوقۇتقۇچىسىنى تۇنجەلى شەھەر مەركىزىدە ئۆلتۈرۈش غەرىزىدە ئۆيلىرىدىن تۇتۇپ كەتكەنىدى. بىر ئايدىن كېيىن يەنە تۆت ئوقۇتقۇچى ئەرزۇرۇمنىڭ تەكمان ناھىيەسىدە پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن قەتل قىلىندى. شەكسىزكى بۇ خەۋەرلەر تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىندى، لېكىن ھېچقاچان ئىنسانلارنىڭ زىھىنىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالالمىدى، چۈنكى بۇ ۋەقەلەر دائېشقا قارشى گويا ئۇرۇش قىلىۋاتقان «ئىنسانپەرۋەر، ھۆررىيەتپەرۋەر»پ ك ك تېررورچىلىرىنى تەرىپلەيدىغان ئىككى يۈزلىمە خاراكتېرلىك ئىبارىلەرگە ماس كەلمەيتتى.

پ ك ك خەلقئارا قانۇندا ئەسكەر ھېسابلانمايدىغان قورالسىز خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىمۇ داۋاملىق ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلدى. بۇ ھۇجۇملاردىن سىرت، پ ك ك 1993-يىلى مايدا تۈركىيەنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بىنگۆل-ئەلئەزىف تاشيولىدا قولىدا قورال يوق 33 ئەسكەرنى رەھىمسىزلەرچە قەتل قىلدى. 2016-يىلى نويابىردا قەيسەرىدىكى ھەربىي بازىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 13 ئەسكەر شېھىت بولدى، 36 ئەسكەر يارىلاندى. پ ك ك نىڭ ئاۋسترىيە ۋە گېرمانىيەدە تارقىتىش بېرىدىغان تاراتقۇلىرى بۇ قىلمىشلارنى ماختىدى، بىز بۇ مەسىلىلەرنى ياۋروپالىق مەسئۇللارغا يەتكۈزگەن چېغىمىزدا، ئۇلار سۆز ئەركىنلىكىنى پەش قىلىپ تۇراۋالىدۇ. قاچاندىن باشلاپ مەتبۇئات ئەركىنلىكى سۈيئىستېمال قىلىنىپ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقاتى قىلىنماقتا؟ غەربلىك دۆلەتلەر بىرەر ئىشنى باھانە قىلىپ تېررورىزىمنىڭ كۆككە كۆتۈرۈلۈشىگە رۇخسەت قىلامدۇ؟ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس،  ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىدىن كېيىن بولغىنىدەك، پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ. بۇ تەدبىرلەرنى ئېلىش ئۇلارنىڭ تەبىئىي ھوقۇقى بولۇپ، ھېچكىم ئۇلارنى بۇ مەسىلىدە ئەيىبلىيەلمەيدۇ. بىراق نېمە ئۈچۈن تۈركىيە تېررورىزمغا قارشى كۈرەشلەرنى ئېلىپ بارغاندا، قوش ئۆلچەم ۋە ئىككى يۈزلىمىچىلىككە دۇچ كېلىدۇ؟

بۇ ئەھۋال نۇرغۇن جەھەتتىن تىپىك «شەرق ئۈچۈن ياخشىدۇر»دېگەن ئىدىيەنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ياۋروپا مەركەزچىلىك ئىدىيەسى ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىنىڭ ئىنچىكە «قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن» بولۇپ، بۇ ئىدىيەگە ئاساسەن، تېررورىزم غەرب ئەللىرىنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەندە دەرھال ھەل قىلىنىشى كېرەك بولغان مەسىلە سۈپىتدىە مۇئامىلە قىلىنىدۇ. لېكىن تېررورىزىمنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشرىسى باشقا يەرلەردە مەيدانغا كەلگەندە بولسا بۇ غەربكە نىسبەتەن ئەھمىيەتلىك بولماي قالىدۇ. دەرۋەقە، ھەر قايسى رايون ۋە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز-ئارا بېقىندىلىق كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان دەۋرىمىزدە، بىر يەر ئامانسىز بولسا باشقا يەرلەرمۇ ئوخشاشلا ئامانسىز بولىدۇ. تېررورىزمنىڭ يېقىن زامان تارىخى بىزگە بۇ ساۋاقنى ئۆگەتتى.

تېخى يېقىندا غەرب تاراتقۇلىرى پ ك ك (ي پ گ)تېررورچىلىرىنى مۇھىم كۈچ سۈپتىدە تەشۋىق قىلدى. 2014-يىلى ئۆكتەبىردە دائېش بىلەن ي پ گ كوبانىدا توقۇنۇشىۋاتقان ئەسنادا، فىرانسىيەدە چىقىدىغان مارىي كىلايىر ي پ گ سېپىدىكى 12 ۋە 14 ياشلاردىكى ئىككى بالا ئەسكەرنى ماختىغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلەندى، بالىلارنىڭ ياشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن مەزكۇر ژۇرنالنىڭ تەھرىرلىرى بۇ ئىككى بالا ئەسكەرنى «قەھرىمان»قىلىپ تەسۋىرلىدى. بىراق پ ك ك نىڭ قىلمىشلىرىنى ئاقلاش ۋە تېررورچىلارنى «ياخشى ئوبراز»قىلىپ سۈرەتلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان خىزمەتلەر ھېلىھەم داۋاملاشماقتا. 2017-يىلى مارت ئېيىدا چىققان بىر ماقالىدە نىيۇ يورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ پ ك ك نىڭ نامىنى بەرمەي تۈركىيەدە «دەھرى كۈرتلەر ۋە دائېش مىلىتانلىرى» بولۇپ ئىككى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى قەيت قىلىندى. يەنە بىر خەۋەردە پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ بىگۇناھ پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن  ھەم ئايال ھەم ئەر مىلىتانلارغا ۋەزىپە تەقسىم قىلغانلىقى، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئەر-ئايال باراۋەرلىكىگە خىزمەت قىلىش بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

شەناي ئايبۈكە يالچىننىڭ ئۆلۈمىنىڭ تاراتقۇلاردا چىقىشى ياكى چىقماسلىقى كىشىنى چۆچىتىدىغان ئەھۋالدۇر. دۇنيانىڭ پ ك ك لىق تېررورچىلارنىڭ ئالدىغا چىققانلا كىشىلەرنى قەتل قىلىشىغا، زۇلۇم قىلىشىغا ياكى بېسىم ئىشلىتىشىگە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشى پ ك ك نىڭ جىنايىي قىلمىشلىرىنى ھەرگىزمۇ يىنىكلەتمەيدۇ. پ ك ك ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىسى ي پ گ نۆۋەتتە سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى بىر رايوننى تىزگىنى ئاستىدا تۇتماقتا. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىغا ئوخشاش تەشكىلاتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ ھەم كۈرتلەر بولمىغانلارنى ياكى ئۆكتىچى كۈرتلەرنى ئېغىر قىيىن-قىستاققا ئېلىپ زۇلۇم قىلغاندىن سىرت، بۇ كىشىلەرنى ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاشقا مەجبۇرلىغان. غەرب تاراتقۇلىرى بۇ ۋەقەلەرنى پەرقلىق تەرىقىدە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇپ كەلمەكتە. بىراق بۇ خەۋەرلەرنىڭ غەرب دۇنياسىدا ياراتقان تەسىرلىرى تولىمۇ ئاجىز بولماقتا، شۇڭا ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ كاللىسىدا  چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ياكى سان-ساناقسىز تاراتقۇ ۋە سىياسىي ساھەدە مىليون قېتىم تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان ھېكايىگە ئايلىنالمىدى.

مۇشۇنداق ئەھۋاللار يۈز بېرىۋاتقان پەيتتە، بۇلتۇر ئۆكتەبىردە باتماندا ئوتقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە تەيىنلگەنلىكىنى تەبرىكلەش مەقسىتىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادېرىسىدا ئۇچۇر تارقاتقان شەناي ئايبۈكە يالچىنغا ئوخشاش ياش ئوقۇتقۇچىلار نۇرغۇن نەرسىدىن مەھرۇم ھالەتتە ياشاۋاتقان بالىلارغا پارلاق كەلگۈسى يارىتىش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ خەۋىپكە ئۇچرىشىغا قارىماي پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلماقتا. ئۇلارنىڭ ئەسلىمىلىرىنى جانلىق تۇتۇش ۋە خىزمىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش «تېررورىزمغا قارشى كۈرەش» شوئارىنىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىكىگە قارشى ھەممىمىزنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىدۇر.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر