بۈگۈن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى...

ھەممىڭلارنىڭ مۇھىت ئاسراش بايرىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

746192
بۈگۈن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۈگۈن دۇنيا مۇھىت ئاسراش كۈنى... بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممىڭلارنىڭ مۇھىت ئاسراش بايرىمىڭلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

سانائەت ساھەسىدىكى ئۆزگىرىشىلەر ئىنسان قولى ئارقىلىق تەبىئەت ۋە مۇھىتنىڭ ئۆتمۈشتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ يۇقىرى سۈرئەت بىلەن بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئۆزىنىڭ پۇتىغا پالتا ئۇرۇۋاتقانلىقىنى تونۇپ يەتكەن ئىنسانىيەت، ئەسلىدە ئۆز – ئۆزىنى يېڭىلاش قۇدرىتىگە ئىگە دۇنيانىڭ تەبىئىي مۇۋازىنىتىگە زىيان يەتكۈزۈۋاتقانلىقىنىمۇ تونۇپ يەتتى. بۇ تونۇشنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۆزىمىز پايدىلىنىۋاتقان تەبىئەتنىڭ نورمال ھالىتىنى ساقلاپ قېلىش ئېڭىمىز، يەنى مۇھىت ئېڭىمىزمۇ ئۆستى. سانائەت رايونلىرىنى، ئاپتوموبىللارنى ۋە تۈرلۈك ئىنسانىي ئىشلارنى تەبىئەتكە زىيانسىز ھالەتكە كەلتۈرۈش چارىلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ دائىرىدە، دۆلەتلەر خەلقئارالىق يىغىنلارنى چاقىرىپ، دۇنيانى مۇھاپىزەت قىلىشنىڭ ئۇسۇل – چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشماقتا. شۇڭا، ھەممىمىز، كەلگۈسىدە ئىنسانىيەتنىڭ پاكىز، ساپ مۇھىتتا ھايات كەچۈرۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە مەجبۇرمىز. مۇھىت ئاسراش روھىنىڭ پۈتكۈل ھاياتىمىزدا ئەكس ئېتىشىنى ئۈمىد قىلغان ھالدا، دۇنيا مۇھىت ئاسراش بايرىمىڭلارنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمىز... بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر