بىرلىك ئىچىدىكى دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىنمۇ؟

يازغۇچى ئىبراھىن كالىننىڭ «بىرلىك ئىچىدىكى دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىنمۇ؟»سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئۈستىدە توختىلىمىز.

743768
بىرلىك ئىچىدىكى دۇنيا بەرپا قىلىش مۇمكىنمۇ؟

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مۇشۇ بەش ھەپتە ئىچىدە ھىندىستان، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغاندىن سىرت، بېلگىيەدە چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى-ناتو ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى. زىيارەتنىڭ كۈنتەرتىپىنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى، رايونلۇق مەسىلىلەر، قالايمىقانچىلىق ۋە تەرتىپسىزلىك ئىچىدىكى خەلقئارا تەرتىپىگە نىسبەتەن بولسىمۇ تەرتىپ، تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش قاتارلىق مەسىلىلەر تەشكىل قىلدى. ئەنقەرە، يېڭى دېھلى، موسكۋا، بېيجىڭ، ۋاشىنگىتون، ياۋروپا شەھەرلىرى، شۇنداقلا دۇنيانىڭ قالاق رايونلىرى بولۇپ ھەممىسى نۆۋەتتىكى سۈرىيە ئۇرۇشى، خەلقئارا تېررورىزىم، ئىرقچىلىقنىڭ باش كۆتۈرۈشى،يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ۋە دۇنيانىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىدىن جىددىي ئەندىشە قىلماقتا.

تەرتىپسىزلىك ۋە قالايمىقانچىقنىڭ دۇنيادا باش كۆتۈرۈشىنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلىرى بار. مىللىي دۆلەتلەرنى بىر-بىرىگە زىددىيەتكە سالغان كۈچ مۇۋازىنەتسىزلىك ھادىسىسى ئېغىر بۆھرانلارنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش بۇنىڭغا تىپىك مىسال بولالايدۇ. سۈرىيەدىكى ئىچكى ئۇرۇش يۈز مىڭلارچە ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ، 21-ئەسىردىكى ئەڭ پاجىئەلىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ قالدى، ئۇرۇش ئاخىرلاشمايدۇ، چۈنكى رەقىب كۈچلەر شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى مەنپەئەت ۋە كۈنتەرتىپلىرىنى ئالغا ئىلگىرىلىتىش ئۈچۈن ۋەكىل خاراكتېرلىك ئۇرۇشقا تولىمۇ ئېھتىياجلىق.

بۇنىڭدىن تاشقىرى ئافرىقىدا باش كۆتۈرگەن ئاچارچىلىق، چىرىكلىك ۋە تەڭسىزلىكلەر ھەل قىلىنماي كۈندىن-كۈنگە ئېغىرلىشىپ بارماقتا. بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇنچىۋېلا تەس ئەمەس،لېكىن دۇنيانىڭ باي مىللەتلىرى  خاتىرجەم، باياشات ھالدا ياشاش ئۈچۈن ئافرىقا قىتئەسىنى مۇستەملىكە رايونى ۋە ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقلىرى ئۈچۈن يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان مەسىلىلەر ھەل قىلىنماي كەلمەكتە. نۆۋەتتە ئەڭ ئېغىر مۇساپىرلار كىرىزىسلىرىدىن بىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت-ئابرويىغا مۇۋاپىق رەۋىشتە ھەل قىلىنىشتىن خالىي تۇرماقتا، چۈنكى كۈچلۈكلەر بۇ مەسىلىلەرنى بوسۇغىسىغا كەلمىگۈچە مەسىلە سۈپىتىدە كۆرۈشنى خالىمايۋاتىدۇ. بايلار بىلەن نامراتلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بارغانچە چوڭايماقتا، بۇنىڭ سەۋەبى ئەمەلىي ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ يوقلىقى ئەمەس بەلكى ھاياتىمىزدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشىمىزنى ۋە بۇ دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن دۇنيا قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىشنى تەقەززا قىلىدىغان ھەل قىلىش يولىغا قىزىقمىغانلىقىمىز ئۈچۈندۇر. تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە بايلىققا تولغان ۋە ھەر قايسى جەھەتلەردە بىر پۈتۈنلەشكەن يەرشارىلاشقان ھازىرقى دۇنيادىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئىلمىي ۋە ئەمەلىي يوللىرى مەۋجۇت، ئۇنداقتا ئىلمىي ۋە ئەمەلىي يوللار مەۋجۇت بولسىمۇ نېمە ئۈچۈن مەسىلە تېخىمۇ مۇرەكلىشىپ ھەل بولمايدۇ؟ چۈنكى پۈتكۈل دۇنيا دۇنياۋى خاراكتېرلىك ئىدىيە، مەقسەت ۋە يۆنىلىشتىن مەھرۇم.  نۆۋەتتىكى دۇنيا تۈزۈمىدە باش كۆتۈرگەن تەرتىپسىزلىك ۋە بۆھرانلار، ئەمەلىيەتتە ئەسلىمىز، نەسلىمىز ۋە قانداق ئىنسان بولۇشنى ئارزۇ قىلىشىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا يوشۇرۇنۇۋالغان كىرزىس ۋە زىددىيەتنىڭ ئەكس ئېتىشىدىن ئىبارەت، خالاس.

قەدىم ھېكمەتلەردە تىنچلىق، بىرلىك ۋە ماسلىق ئالدى بىلەن ئىچكى دۇنيارىمىزدا بولمىسا تاشقى دۇنيادا ھەرگىز ھاسىل بولمايدۇ،شۇنداقلا روھ ۋە ماددىدىكى ماسلىق،بىرلىك، مۇۋازىنەت ۋە پۈتۈنلۈك ھاياتتىكى پائالىيەتلىرىمىزنىڭ دائىرىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ، شۇنداقلا جەننەت ۋە دۇنيا بىلەن كائىنات ۋە بىز ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ماسلىق ۋە  بىر-بىرىنى تولۇقلاشتا رول ئوينايدۇ، دەپ قارىلاتتى. ئەپلاتۇنمۇ  ئۆزىنىڭ سىياسىي ۋە پەلسەپە چۈشەنچىسىنى بىرلىك ۋە ماسلىق ئۇقۇمىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇپ چىققانىدى. پەيلاسوپنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى روھ بىلەن ماددا ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك ۋە ماسلىقنى كۆرسىتىپ بېرىشتىن ئىبارەت. ھىكمەت ئەھلى بولۇش دېگەنلىك ماددا بىلەن روھ ئوتتۇرىسىدىكى بىرلىك ۋە تەڭپۇڭلۇقنى بارلىق مەۋجۇدلۇق ۋە ئاڭ سەۋىيەلىرىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىپ مۇھاپىزەت قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەپلاتون غايىۋى دۆلەت ئۇقۇمىدا مۇزىكىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ، چۈنكى مۇزىكا ھەر ئېسىل مۇزىكىنىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى ھېسابلىنىدىغان بىرلىك، ماسلىق، قۇرۇلما، تەرتىپ ۋە رىتىمنى ئۆزىمىزگە سىڭدۈرۈشىمىزدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە ئىقتىدارىمىز ۋە ئەركىنلىكىمىزدىن ۋاز كەچمىگەن ئاساستا بىرلىك، ماسلىق ۋە گۈزەللىكنىڭ پىرىنسىپىغا ماسلىشىشتۇر. لېكىن ماسلىق ۋە بىرلىك نوقۇل ئىستېتىكىلىق ئۇقۇمى ئەمەس، ئۇ مەۋجۇدلۇق نۇقتىسىدىن چىنلىق ۋە ئادالەتكە تايىنىدۇ. يالغان ۋە رەزىلىككە تايانغان ھەر قانداق بىر تۈزۈم تەرتىپ، ماسلىق، بىرلىك ۋە مۇۋازىنەتنى سىجىل داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئادالەت جەمئىيەتتە تىنچلىق، بىرلىك ۋە ماسلىقنى بەرپا قىلىشنىڭ ئاچقۇچىدۇر، چۈنكى ئادالەت «ھەر نەرسىنى مۇۋاپىق يەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ھەر نەرسىگە ھەققىنى تولۇق بېرىش»نى كۆرسىتىدۇ. جەمئىيەت بىر تەرەپتىن ھەممە ئادەم زېممىسىگە چۈشكەن بۇرچىنى دۇرستلۇق ۋە ئادالەتكە ماس ھالدا ئورۇندىغاندا، يەنە بىر تەرەپتىن ھەممە ئادەم ئەركىنلىكىنى قوغدىغاندا ئاندىن بىرلىك ۋە تىنچلىق ھالەتكە كېلىدۇ. ئىنسان بەدىنى ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ھەر بىرى بىر-بىرىگە ماس ھالدا ھەرىكەت قىلغاندا ۋە فونكسىيەلىرىنى جارى قىلدۇرغاندا ئاندىن ئوڭۇشلۇق ھەرىكەت قىلالايدۇ.

ئىسلامدا تىنچلىق ۋە مىزان يارىتىلىش ئالىمىنىڭ ئومۇرتقۇسىنى تەشكىل قىلىدۇ ۋە ئالەم تەرتىپىنىڭ ئاساسىي سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇلار بىزنىڭ ئىچكى دۇنيارىمىزدا يېتەكچىلىك رول ئوينايدۇ. مىزانسىزلىق بولسا مەۋجۇدلۇقنىڭ بىرلىكىنى ۋە ماسلىقىنى پارچىلاپ ئىچكى توقۇنۇشقا ۋە زىددىيەتكە سەۋەب بولىدۇ. ئىجتىمائىي-سىياسىي زېمىندا توقۇنۇشلارنى، ئۇرۇشنى ۋە ئادالەتسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولسا، ئىنساندا ئارامسىزلىق، ئىزتىراپ ۋە ئازاب-ئوقۇبەتكە سەۋەب بولىدۇ.

گۈزەللىك بولسا تىنچلىق، بىرلىك ۋە مىزان بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قۇرئاندا ئاللاھ كائىناتنى مۇئەييەن مىزان ۋە تەقدىر ئىچىدە ياراتقان. بۇ ئەھۋال كائىناتتىكى تەرتىپ ۋە مىزان ئىچىگە يوشۇرۇنغان گۈزەللىكنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. قۇرئاندىكى بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: «(پۈتۈن ئاسمان ـ زېمىننىڭ) پادىشاھلىقى ئىلكىدە بولغان ئاللاھنىڭ بەرىكىتى بۈيۈكتۇر. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[1]. سىلەردىن قايسىڭلارنىڭ ئەمەلى ئەڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى سىناش ئۈچۈن، ئاللاھ ئۆلۈمنى ۋە تىرىكلىكنى ياراتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، (تەۋبە قىلغۇچىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[2]. ئاللاھ يەتتە ئاسماننى بىرىنى بىرىنىڭ ئۈستىدە قىلىپ ياراتتى، مېھرىبان ئاللاھنىڭ يارىتىشىدا ھېچ نۇقساننى كۆرمەيسەن، سەن (ئاسمانلارغا) تەكرار قاراپ باققىنكى، بىرەر يوچۇقنى كۆرەمسەن[3]. ئاندىن سەن يەنە ئىككى قېتىم قارىغىن. كۆزۈڭ (ئاسمانلاردا بىرەر نۇقساننى تېپىشتىن) ئۈمىد ئۈزگەن ۋە تالغان ھالدا قايتىدۇ[4].  » ئىنسانلا ربۇ كائىنات تەرتىپىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئىنسانلاردىن بۇ مىزان ۋە گۈزەللىكنى ئىچكى دۇنياسىغا ئەكس ئەتتۈرۈشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئىنسان تىنچلىق، بىرلىك، تەرتىپ ۋە مىزاندىن تەشكىل تاپقان كائىنات پىرىنسپىلىرىغا زىت ھەرىكەت قىلسا، ئىنسان روھى قاغىجىراپ زەئىپلىشىدۇ، شۇنداقلا ئىنساننىڭ ئەتراپىنىمۇ نابۇت قىلىدۇ. 

نۆۋەتتىكى دۇنيا تەرتىپىدە مەيدانغا كەلگەن بۆھران، قالايمىقانچىلىق، تەرتىپسىزلىك ۋە پاراكەندىچىلىك ئىزاھلاش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدە پاجىئە ۋە ئازاب-ئوقۇبەتكە سەۋەب بولماقتا. بۇ ئەھۋالنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي سەۋەبلىرى  سىياسىي ئىرادە ۋە ھىكمەت نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلىنىشى كېرەك. شۇنداقلا، پلانېتىمىزنىڭ كېلەچىكى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئۈچۈن كۈتكەن ئۈمىدلىرىمىزنى سۇلاشتۇرۇۋاتقان دۇنيانىڭ ھازىرقى يۈزلىنىشىڭ تېگىدىكى سەۋەبلەرنى تونۇپ يېتىشىمىز لازىم. ئاددىغىنە ھەقىقەت مۇنداق: ھەممىدىن ئاۋال روھىي دۇنيارىمىزدا بىرلىك، تىنچلىق ۋە گۈزەللىك پىرىنسىپلىرىنى ھۆكۈمران قىلمىساق، سىياسىي تۈزۈم ۋە ئىقتىسادىي باراۋەرلىككە تايانغان تۈزۈم بەرپا قىلالمايمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر