خىتاي ۋە كىرىزىس ئىچىدىكى ھازىرقى دۇنيا تەرتىپى

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن «خىتاي ۋە كىرىزىس ئىچىدىكى ھازىرقى دۇنيا تەرتىپى »تېمىسى بويىچە سۆھبەت

744101
خىتاي ۋە كىرىزىس ئىچىدىكى ھازىرقى دۇنيا تەرتىپى

نۆۋەتتە ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىنى شەكىللەندۈرگەن ئامېرىكا  يەرشارىلىشىشنى ئەمەس«ئامېرىكىغا يۈزلىنىش»سىياسىتىنى تەرغىپ قىلىۋاتقان بولسا، زامانىۋى دۇنيانىڭ شەكىللىنىشىدە يېتەكچىلىك رول ئوينىغان غەرب ئەللىرىمۇ دۇنياغا ئەمەس ئۆزىدىكى ئىچكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ھەلەكچىكىدە يۈرمەكتە. ، مەسىلەن، ياۋروپادا ئىرقچىلىق، ئىسلام ئەندىشىسى ، چەت ئەللىك ۋە كۆچمەن دۈشمەنلىكى قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، باراۋەرلىكتىن ئىبارەت قىممەت قاراشلىرى زىت ھادىسىلەر ئەۋج ئالماقتا. ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى قارار قىلدى، باشقا غەرب دۆلەتلىرىدىمۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان قاراشلار مەيدانغا كېلىشكە باشلىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمۇ بۇرۇنقىدەك ئەمەس. گېرمانىيە بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرلىرىنى ئەيىبلەيدىغان باياناتلارنى بېرىشكە باشلىدى، ھەتتا مېركېل ئامېرىكىغا قارشى ھىندىستان ۋە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشنى دېدى.   ئۇ  ئۆزگىلەرگە ئىشىنىدىغان دەۋرنىڭ كەلمەسكە كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ياۋروپالىقلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ۋە ئىستىقبالىنى بەلگىلەشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. قىسقىسى ھازىرقى دۇنيا تەرتىپىنى شەكىللەندۈرگەن ۋە دۇنيا تەرتىپىنىڭ ھامىيلىرى يەر شارىلىشىشتىن بەكرەك ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشمەكتە. ئەكسىچە  ئاسىيادا بولسا خىتاي ئۆزىنىڭ مەبلەغ،ئىقتىساد ۋە  تېخنولوگىيە كۈچىگە تايىنىپ ئۈچ قىتئەگە مۇناسىۋەتلىك چاغداش يىپەك يولى لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق يەر شارىلىشىشقا يۈزلەنمەكتە، مۇسۇلمان دۇنياسىدا بولسا توقۇنۇشلار باش كۆتۈرمەكتە.  دۇنيا تەرتىپىنى شەكىللەندۈرگەن ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر نېمە ئۈچۈن ھازىرقى ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى؟ خىتاي دۆلىتى بولسا دەل ئەكسىچە دۇنياغا يۈزلەندى؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر