رامىزان ۋە دۇئا

مانا پۈتۈن مۇسۇلمانلار تۆت كۆزى بىلەن ئىنتىزار بولغان مۇبارەك رامىزان ئېيى يېتىپ كەلدى.

740534
رامىزان ۋە دۇئا

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رامىزان ئېيىڭلارنى چىن يۈرەكتىن تەبرىكلەيمىز.

رامىزاندا ئاللاھنىڭ رەھمىتى، بەرىكىتى ۋە مەغپىرىتىگە مۇيەسسەر بولغان شۇنداق قەدىر كىچىسىگە سازاۋەر بولغان بەختىيار بەندىلەردىن بولۇشىڭلارغا تېلەكداشمىز.  

ئاللاھ بۇ مۇبارەك رامىزاننى ئۆزئارا ئىتتىپاقلىقىمىزغا، بىرلىكىمىز ۋە باراۋەرلىكىمىزگە ۋەسىلە قىلىپ، ھەر تۈرلۈك زۇلۇم، ناھەقچىلىق ۋە خارلىقلاردىن ساقلىسۇن.

بىر ئاي بويىچە تۇتقان روزا ۋە قىلغان ئىبادەتلىرىمىزنى قوبۇل قىلىپ،  دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نىجاتلىقىمىزنىڭ ئاچقۇچى قىلىپ بەرسۇن!

ئامىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر