بۈگۈن2017 يىلى 19 – ماي ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن زامانىۋىي مىللەت بولۇش يولىدا ياشلارنى ساغلام، تەنتەربىيەچى قىلىپ يېتىشتۇرۇش مەقسىتىدە، 19 - ماي كۈنى دۆلەتلىك بايرام قىلىپ رەسمىي بېكىتىلگەن ئىدى.
735671
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۇلۇغ رەھبەر ئاتاتۈركنى خاتىرىلەش، ياشلار ۋە تەنتەربىيە بايرىمى داغدۇغىلىق تەبرىكلەنمەكتە.
ئازادلىق ئۇرۇشى زەپەر بىلەن نەتىجىلىنىپ، جۇمھۇرىيىتىمىز ئېلان قىلىنغاندا ئاتاتۈرك تۈنجى جۇمھۇر رەئىس بولدى. ئاندىن زامانىۋىي مىللەت بولۇش يولىدا ياشلارنى ساغلام، تەنتەربىيەچى قىلىپ يېتىشتۇرۇش مەقسىتىدە، 19 - ماي كۈنى دۆلەتلىك بايراملارنىڭ بىرسى قىلىپ رەسمىي بېكىتىلدى. مانا بۈگۈن بۇ بايرام دۆلىتىمىزنىڭ ھەممىلا ئەتراپىدا شۇنداقلا چەت ئەللەردىكى ھەر قايسى ۋاكالەتخانىلىمىزدا ئالاھىدە مۇراسىملار بىلەن تەبرىكلەنمەكتە.