قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (18)

تۆۋەندە سۈرە تۆۋبەنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ئاتىلىشى ۋە مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 2 -  بۆلۈمىنى ئاڭلىتىمىز. (ئاۋازلىق)

727033
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (18)

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار ئېسىڭلاردا بولسا كېرەك، «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى بۆلىمىدە سىلەرگە سۈرە تۆۋبەنىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 – بۆلىمىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق. بۈگۈنكى بۆلۈمىدە بولسا، داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.

ـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ

سۈرە تۆۋبە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە (02)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ بۇ ئىشتىن (يەنى، رىم ئېمپىرىيەسىنىڭ چېگرا رايونلاردىكى ئۇرۇش ھازىرلىقلىرىدىن) بىخەۋەر ئەمەس ئىدى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىسلام ھەركىتىگە سەلەبىي ياكى ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ھەرقانداق كىچىك ئىشلاردىنمۇ ۋاقتى – ۋاقتىدا خەۋەر تىپىپ تۇراتتى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەربى ھازىرلىقلارنىڭ مۇددىئاسىنى دەرھال چۈشىنىپ يىتىپلا ھىچ ئىككىلەنمەستىن، قۈدرەتلىك رىم ئېمپىرىيەسى بىلەن رەسمىي جەڭ قىلىشنى قارار قىلدى. بۇنداق شارائىتتا سەللا بوشاڭلىق قىلىنغان بولسا، ئەمدى تېخى تەرتىپكە چۇشكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى يەنە بۇزۇلغان بولاتتى.

بىرىنچىدىن (ھۈنەين مەيدانىدىكى ئاخىرىقى زەربىدىن كىيىن نەپەستىن توختاش ئالدىدا تۇرغان) قەدىمقى جاھىلىيەت يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان بولاتتى. ئىككىنچىدىن مەدىنىدىكى (شەھەرگە يېقىن جايغا ”مەسجىدى زەرار“نى سالدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىغا پەردە يېپىشماقچى بولۇشقان ھەمدە ئەبۇ ئامىر راھىپنى ۋاستە قىلىپ، غەسساننىڭ خىرىستىيان پادىشاھى بىلەن ۋە رىم ئىمپىراتورى قەيسەر بىلەن ئىچكى مۇناسىۋەت ئورنىتىۋالغان) مۇناپىقلار باش كۆتۈرۈپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقا تەرىپىدىن خەنجەر ئۇرۇشقا باشلىغان بولاتتى. ئالدى تەرەپتىن بولسا، (ئىرانلىقلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كىيىن ھەيۋىسى پۈتۈن ئەتراپنى قاپلىغان) كۈچلۈك رىم قوشونلىرى ھۇجۇم قىلغان بولاتتى.

مانا بۇ ئۈچ خىل خەتەرلىك ئەھۋال مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمدى قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى مەغلۇبىيەتكە ئايلاندۇرىۋىتىشى مۇمكىن ئىدى. شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۆلەتتە قەھەتچىلىك بولغىنىغا ۋە تومۇز ئىسسىقىنىڭ تازا ئەۋجىگە چىقىپ، ئەمدى تېخى زىرائەتلەر پىشىش ئالدىدا تۇرغانلىقىغا پەرۋا قىلمىدى.

گەرچە مۇسۇلمانلار سەرمايىسىز، ئۇلاغ ۋە باشقا ئۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى ھازىرلاش ئىنتايىن قىيىن ئەھۋالدا بولسىمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۇرۇشنىڭ ھەققانىيەت چاقىرىقىنىڭ ھايات – ماماتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەممەيلەننىڭ جىددى ئۇرۇش ھازىرلىقى قىلىشىنى جاكارلىدى. ئىلگىرىكى غازاتلارنىڭ ھەممىسىدە قەيەرگە مېڭىش ۋە كىم بىلەن ئۇرۇش قىلىش ھەققىدە ھالقىلىق پەيت كەلمىگىچە ھېچكىشىگە گەپ قىلماسلىق، ھەتتا مەدىنىدىن چىققاندىن كىيىنمۇ كۆزلىگەن تەرەپكە ئۇدۇل ماڭماستىن، ئايلىنىپ، باشقا يوللار بىلەن مېڭىش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاساسلىق قائىدىسى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما بۇ قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنداق پەردىلەرنىمۇ قايرىپ تاشلاپ، ئاشكارا ھالدا ”بىز رىم بىلەن ئۇرۇشماقچى، شامغا قاراپ ئاتلىنىمىز“ دەپ ئېلان قىلدى. 

**** *** ** *** *** ***

ۋەزىيەتنىڭ ئىنتايىن ھالقىلىق باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى بارلىق ئەرەبلەر ھېس قىلىۋاتاتتى. جاھىلىيەتنىڭ بەزى قالدۇق مۇرىتلىرىغا نىسبەتەن بۇ ئۇرۇش ئەڭ ئاخىرقى ئۈمۈت شامى بولۇپ تۇيىلىۋاتاتتى. ئۇلار رىم بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇرۇش نەتىجىسىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشمەكتە ئىدى. چۈنكى ئۇلارغا بۇنىڭدىن باشقا ھىچ يەردىن ئۈمىت ئۇچقۇنلىرى كۆرۈنمەيتتى. مەدىنە مۇناپىقلىرىمۇ ”زەرار مەسجىدى“نى سالدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرىقى ئۈمىتلىرىنى دوغا تىكىپ، شام ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلارنىڭ قىسمىتى دۈم بولغان ھامان دۆلەت ئىچىدە پىتنە تۇغدۇرۇشنى كۈتمەكتە ئىدى. بەلكى بۇنىڭلىق بىلەنلا بولدى قىلماستىن مۇسۇلمانلارنى بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە دۈچار قىلىش ئۈچۈن ئىمكانى يىتىدىغان بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سالماقتا ئىدى.

مۆمىنلەرمۇ 22 يىلغا قەدەر باشلىرىنى ئالقانلىرىغا ئىلىپ پىداكارلىق كۆرسەتكەن بۇ ئىنقىلابنىڭ قىسمىتى ئەمدىكى چاغدا قىلنىڭ ئۈستىدە تۈرغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلماقتا ئىدى. بۇنداق چاغدا جاسارەت كۆرسىتىشنىڭ مەنىسى، بۇ ئىنقىلاپ چاقىرىقىنى پۈتۈن دۇنياغا كەڭ يېيىش ئۈچۈن يېڭى بىر ئىشىك ئاچقانلىق بولىدىغانلىقىنى، قورقۇنچاقلىق قىلىشنىڭ ئىنقىلابنى ئەرەب ئىچىدىمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش بولىدىغانلىقىنى ياخشى تونۇپ يەتكەن ئىدى. شۇڭلاشقا بۇنداق ھېسقا ئىگە پىداكارلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى قىزغىنلىق ۋە خوشال – خوراملىق بىلەن ئۇرۇش ھازىرلىقى قىلىشقا جىددى كىرىشتى. ھەممەيلەن ئەسلىھە ھازىرلاشتا قول ئىلكىدە باردىنمۇ ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى. ھەزرىتى ئوسمان (ر. ئە)، ھەزرىتى ئابدۈرراھمان بىن ئەۋف (ر. ئە) قاتارلىق ساھابىلار نۇرغۇن بايلىقلىرىنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى. ھەزرىتى ئومەر (ر. ئە) ئۆزىنىڭ بارلىق مال – مۈلكىنىڭ تەڭ يېرىمىنى، ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى (ر. ئە) بارى – يوق پۈتۈن مال – مۈلكىنى تەقدىم قىلدى. كەمبەغەل ساھابىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىشلەپ تاپقانلىرىنى، ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ زىبۇ – زىننەتلىرىنى جىھادقا بىغىشلىدى. پىداكار ئەزىمەتلەر تەرەپ – تەرەپتىن توپ – توپ بولۇپ كېلىشىپ، ئۇرۇش ھازىرلىقى پۈتكەن ھامان جانلىرىنى تەقدىم قىلىشنى كۈتۇشكە باشلىدى. ئۇلاغ ھازىرلىيالمىغان ساھابىلەر ھەسرەت چىكىپ يىغلىشىپ كېتەتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنغا بولغان ئىخلاسىنى ئىپادىلەپ يىغلىغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ كۆز يېشى قىلاتتى.

*** **** **** ***** *****

بۇ ۋەزىيەت ئەسلىدە ئىمان بىلەن كۈپىرلىقنى پەرىقلەندۈرىدىغان ئۆلچەمگە ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، ھەتتا بۇ ئۇرۇشتىن چەتتە قىلىش ئىسلام بىلەن بولغان مۈناسىۋىتىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھالەتكە يەتكەن ئىدى. تەبۇك غازاتىغا ئاتلانغاندىن كىيىن ساھابىلەر سەپەردىن قالغان ھەر بىر كىشىنىڭ خەۋىرىنى يول ئۇستىدە ئۇدۇل پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەمكىنلىك بىلەن ساھابىلەرگە جاۋاپ بىرىپ: «مەيلى قىلىڭلار، ئەگەر ياخشىلىق تەرىپى بولسا، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە ئۇلاشتۇرۇپ قويىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ ساختا ھەمراھلىقىدىن ئاللاھنىڭ سىلەرنى قۇتۇلدۇرغانلىقىغا شۈكرى قىلىڭلار» دەيتتى.

ھىجرىيەنىڭ 9 – يىلى رەجەپ ئېيىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 30 مىڭ مۇجاھىدنى باشلاپ شامغا قاراپ ئاتلاندى. ئۇلاردىن ئون مىڭ كىشىلا ئۇلاغلىق بولۇپ، تۆگە ئىنتايىن قىس ئىدى. بىر تۆگىگە بىر نەچچە ئادەم نۆۋەتلىشىپ مىنەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق، سۇ تاپقىلى بولمايتتى. مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇنداق ھالقىلىق  پەيتتە كۆرسەتكەن ئۇلۇغۋار ساداقىتى تەبۇكقا يىتىپ بېرىپلا نەخ ھوسۇلغا ئېرىشتى. مۇجاھىدلار تەبۇك مەيدانىغا كېلىپ، قەيسەرنىڭ ئۆز ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئۇرۇشقا چىقماستىن، ئەكسىچە چېگرادىكى بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈپ كەتكەنلىكىنى، ھازىر چېگرادا ئۇرۇش قىلغۇدەك بىرمۇ دۈشمەن قالمىغانلىقىنى بىلدى. تارىخچىلار كۆپىنچە بۇ ۋەقەنى رىم قوشونلىرىنىڭ چىگراغا توپلىنېۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا خاتا يەتكۈزۈلۈپ قالغان» دېگەندەك تەرىزدە بايان قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە قەيسەر چېگرا رايۇنىدا راستىنلا قوشون توپلاشقا كىرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ تەييارلىقى پۈتۈشتىن ئىلگىرىلا پەيغەمبەر ئەلەيىسسالام قوشون تارتىپ يىتىپ كەلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا نىسبەتەن چىگرادىكى ئەسكەرلەرنى چىكىندۈرۈشتىن باشقا چارە قالمىغان ئىدى. چۈنكى ئىلگىرى مۈئەتتا مەيدانىدا 3 مىڭ كىشلىك مۇسۇلمانلار قوشونىنىڭ 100 مىڭ كىشلىك رىم قوشونىغا قارشى قولغا كەلتۈرگەن شانلىق غەلىبىسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن قەيسەر، بۇ قىتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېۋاستە رەھبەرلىكىدىكى 30 مىڭ كىشلىك قوشونغا 100 ياكى 200 مىڭ ئەسكەر بىلەن تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن ئىدى.

شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قەيسەرنىڭ چىكىنىشى بىلەن قولغا كەلگەن مەنىۋىي ئۇتۇقنى ”كۇپايە“ دەپ بىلىپ، شام چېگراسىغا يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىشنى تەبۇكتىلا توختاتتى ۋە شۇ جايدا 20 كۈن تۇرۇش جەريانىدا ئىسلام دىيارى بىلەن رىم ئېمپىرىيەسى ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، رىمغا قاراشلىق نۇرغۇنلىغان يېرىم مۇستەقىل رايۇنلارنى ھەربىي كۈچ ئارقىلىق ئىسلام دۆلىتىگە تەۋە قىلدى. بۇلار ئىچىدىن زۇمەتۇل جۇندەل قەبىلسىنىڭ خىرىستىيان رەئىسى ”ئۈكدەر بىن ئابدۇل مەلىك كۈندى“ ۋە ئەيلە قەبىلىسىنىڭ خىرىستىيان رەئىسى ”يۇھەننا بىن رۈبە“ شۇنىڭدەك ”مەقنا“، ”جەربا“، ”ئەزرۇخ“ قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق رەئىسلىرى جەزيە (يەنى، كاپالەت بېجى) تۆلەش ئارقىلىق مەدىنەنىڭ تەۋەلىكى بولۇشنى قوبۇل قىلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھۆكۈمرانلىق چىگراسى بېۋاستە رىم ئېمپىرىيەسىنىڭ چىگراسىغا تۇتاشقاندىن سىرت، ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى رىملىقلار ئەرەبلەرگە قارشى ئىشلىتىپ كەلگەن نۇرغۇنلىغان ئەرەب قەبىلىلىرىنىمۇ  رىمغا قارشى ئىسلام ھاكىمىيىتىگە ھەمكارلىشىدىغان يەرگە كەلتۈردى.

بۇ ھەربىي يۈرۈشنىڭ ھەممىدىن چوڭ پايدىسى شۇ بولدىكى، رىم بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى مۇسۇلمانلار ئەرەبلەر ئۈستىدىكى ئىسلام ھۆكۈمرانلىقىنى مۈستەھكەملىۋېلىش ئۈچۈن يىتەرلىك پۇرسەتكە ئېگە بولدى. تەبۇكتىكى ئۇرۇشسىز قولغا كەلگەن بۇ مەنىۋىي غەلىبە ئەرەبلەر ئىچىدىكى ئاشكارا ياكى ئىسلام تونىغا ئورىنىۋالغان بارلىق مۈشرىك، مۇناپىق، جاھىلىيەتپەرەسلەرنىڭ ئاخىرىقى ئۈمىت شامىنى ئۆچۈردى. بۇ ئاخىرقى ئۈمۈتسىزلىك ئۇلارغا نىسبەتەن ئىسلامنىڭ باغرىدا پاناھلىنىشتىن باشقا يول قالدۇرمىدى. ھېچ بولمىغاندا ئۇلار ئۆزلىرى ئىمان ھالاۋېتىدىن بەھرىمان بولالمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ كىيىنكى ئەۋلاتلىرى پۈتۈنلەي ئىسلام بىلەن رەڭ ئالدى.  ئۇنىڭدىن باشقا، يەنىلا جاھالەتتە چىڭ تۇرغان دۆلەتنىڭ بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدىكى ئاز بىر تۈركۈم قالدۇقلار ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەر ئەۋەتىشتىكى بىردىن بىر مەقسىدى بولغان بۇ ئىسلاھات ئىنقىلابىغا ھېچقانداق سەلبىي تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغان ئورۇنغا چۈشۈپ قالدى.

*** ** **** **** **** ***

تېماتىك مەسىلىلەر

مانا بۇ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشنى ئاساس قىلغاندا سۈرە تەۋبىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان شۇ چاغقا مۈناسىۋەتلىك چوڭ مەسىلىلەرنى ئاسانلا ئايدىڭلاشتۇرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئەرەبلەرنىڭ بارلىق ئىنتىزام، تۈزۈم ئىشلىرى پۈتۈنلەي مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن بۇنداق ۋەزىيەتتە پۈتكۈل ئەرەب رايونىنى ئىسلام دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن موھىم بولغان بەزى پەرىنسىپلار چوقۇم ئوتتۇرىغا قويۇلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭلاشقا ئۇ پىرىنسىپلار تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1 - دۆلەت مەركىزى خالىس ئىسلاملاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قانداق ئىككىنچى بىر سىنىپ سەلەبىي تەسىر كۈرسىتەلمەيدىغان، خەتەرلىك ئەھۋالغا يولۇققاندا يەڭ ئىچىدىن پىتنە تۇغۇلمايدىغان ھالەتكە كەلتۇرۇش ئۈچۈن ئەرەبلەر ئىچىدىكى شىرىكچىلىكنى ۋە جاھىلىيەت تۈزۈملىرىنى تۈپ يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلاش كېرەك ئىدى. بۇ مەخسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنىڭ مۈشرىكلەر بىلەن پۈتۈنلەي ئادا – جۇدا بولغانلىقى شۇنداقلا ئۇلار بىلەن تۈزۈلگەن بارلىق توختاملار ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى.

2 - كەبىنىڭ ئىنتىزامى ئىمان ئەھلىنىڭ قولىغا ئۆتكەن تۇرۇغلۇقمۇ، خالىس ئاللاھنىڭ ئىبادىتى ئۈچۈن بىنا قىلىنغان كەبىدە يەنىلا شېرىكچىلىك ئەنئەنىسىنىڭ داۋاملىشىشى ھەمدە ئۇنىڭ مۈتەۋەللىلىكى يەنىلا مۈشرىكلەرنىڭ قولىدا تۇرىشى ھەرگىزمۇ مۇناسىپ ئىش ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا بۇندىن كىيىنكى كەبىنىڭ مۈتەۋەللىلىكى تەۋھىد ئەھلىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىشى ھەمدە ھەرەم ئەتراپىدا شېرىكچىلىك ئەنئەنىسىنىڭ داۋاملىشىشىنى قەتئىي چەكلەش ھەتتا مۈشرىكلەرنىڭ ئۇنىڭ ئەتراپىغىمۇ يېقىن يولىماسلىقى، بۇ ئارقىلىق ھەزرىتى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىنا قىلغان بۇ ھەرەمگە شېرىكچىلىك نىجاسەتلىرىنىڭ يۇقۇشىغا قەتئىي ئىمكان قالدۇرماسلىق  ھۆكۈم قىلىندى.

3 - ئەرەب ئەنئەنىسىگە تەۋە قالاق بىر تۈركۈم ئۆرپە – ئادەتلەرنىڭ يېڭى ئىسلام دەۋرىدىمۇ داۋام قىلىشىنى دۇرۇس دېگىلى بولمايتى. شۇڭلاشقا ئۇلارنى يوقۇتۇشقا دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلدى. بولۇپمۇ ”نەسى“[1]  قائىدىسى ئەڭ قەبىھ بولۇپ، ئۇنىڭغا قاتتىق زەربە بېرىلدى. ھەمدە بۇ زەربە ئارقىلىق يەنە باشقا قالدۇق جاھىلىيەت تەسىرلىرىگە قانداق مۇئامىلە قىلىش كېرەكلىكى مۇسۇلمانلارغا ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلدى.

4 - ئەرەب رايۇنلىرىدىكى ئىسلام ھەركىتى مۈكەممەللەشكەندىن كىيىن ئەمدىكى ئىككىنچى باسقۇچ ھەققانىيەتنىڭ تەسىرىنى ئەرەب سىرتىدىكى رايۇنلارغىمۇ كېڭەيتىش ئىدى. بۇنىڭغا ئىران ۋە رىمنىڭ سىياسىي تەسىرى ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولىۋاتقان بولۇپ، ئىسلامغا نىسبەتەن ئەرەبلەردىن بېكار بولغان ھامانلا ئۇلارغا تاقابىل تۇرماي بولمايتتى. ھەمدە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ، ئۇنىڭدىن باشقا تۈرلۈك تۈزۈم، مەدەنىيەتلەر بىلەنمۇ دوقۈرۈشماي بولمايتتى. شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلارغا: «ئەرەب رايۇنىنىڭ سىرتىدىكى ھەق دىنغا ئەگەشمەيدىغانلارنىڭ مۇستەقىل ھاكىمىيەتلىرىنى تاكى ئىسلام ھاكىمىيىتىگە بويسۇنغانغا قەدەر شەمشەرنىڭ كۇچى بىلەن ئاغدۇرۇپ تاشلاڭلار. ئۇلارنىڭ ھەق دىنغا ئىمان ئېيتىش ياكى ئېيتماسلىقىنى ئۆز ئىختىيارلىقىغا قويۇپ بېرىڭلار، ئەمما ئاللاھنىڭ زېمىنىغا ھۆكۈمران بولىۋېلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئىستىقبالىنى ئالقىنىغا ئىلىۋېلىپ، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆزى مېڭىۋاتقان گۈمراھلىققا مەجبۇر سۆرەشكە ھىچقانداق ھەققى يوق. ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئەركىنلىك شۇنچىلىككى، ئىسلامغا جەزيە (يەنى، كاپالەت ھەققى) تۆلەش شەرتى ئاستىدا ئۈزلىرى قانچىلىك گۈمراھلىقتا ياشىسا ياشاۋەرسۇن» دەپ ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش بېرىلدى.

5 - ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى سۈپىتىدە ئىسلام دىنى ھازىرغا قەدەر قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمۇپ كېلىۋاتقان مۇناپىقلار مەسىلىسى بەشىنجى چوڭ مەسىلە بولۇپ ھېساپلىناتتى. ئەمدىكى ۋەزىيەتتە ئىسلامغا نىسبەتەن تاشقى بېسىملار تۆۋەنلىگەن بولغاچقا، مۇناپىقلارغا يومشاق مۈئامىلىدە بولماسلىق، ئۇلارغا خۇددى ئاشكارا مۈشرىكلەرگە تۇتقاندەك پوزىتسىيە تۇتۇش ھۆكۈم قىلىندى. تەبۇك غازاتىغا تەييارلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە (بىر گوروھ مۇناپىقلار مۇسۇلمانلارنى جىھادتىن توسۇش ئۈچۈن دائىم جەم بولۇپ، سۈيقەست پىلانلىشىدىغان) ”سۈۋەيلىم“نىڭ ئۆيىگە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆكمى بىلەن ئوت قويۇلغانلىقىمۇ دەل ئاشۇ پىرىنسىپنى ئاساس قىلاتتى. ھەمدە يەنە ئاشۇ پىرىنسىپ ئاساسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەبۇك غازاتىدىن قايتىپ كىلىپلا بىرىنچى بولۇپ مەدىنىدىكى ”زەرار مەسجىدى“نى چىقىپ، ئوت قويۇشقا بۇيرىدى.

6 - سادىق مۆمىنلەر ئىچىدىكى ئاز بىر تۈركۈم ئىمانى ئاجىز كىشىلەرنى ئىسلاھ قىلىش ئەڭ موھىم ئىشلارنىڭ بىرسى ئىدى. چۈنكى ئىسلام دىنى ئالەمشۇمۇللۇققا ئىگە بولۇش ئالدىدا تۇراتتى. يالغۈز ئەرەب مۇسۇلمانلىرى پۈتۈن دۇنيا كۇففارلىرى بىلەن ئىلىشىش ئالدىدا تۇرغان بۇنداق باسقۇچتا ئىسلامغا نىسبەتەن ئىماندىكى ئاجىزلىقتىنمۇ چوڭراق ئىچكى خەۋپ يوق ئىدى. شۇڭلاشقا تەبۇكتا پۇرسەتۋازلىق ۋە قورقۇنچاقلىق قىلغان مۇسۇلمانلار شىددەت بىلەن تەنقىد قىلىندى. ئۆزرىسىز غازاتقا قاتناشماي ئارقىدا قالغانلارنىڭ قىلمىشلىرىغا ئوچۇق ھالدا «مۇناپىقلىق» دەپ باھا بېرىلدى. ئۇلارنىڭ بۇ خىل قىلمىشلىرى ئىمانىدا راسچىل ئەمەسلىكىنىڭ ئاشكارا ئىسپاتى دەپ كۆرسىتىلىپ، بۇنىڭدىن كىيىن ھەر قانداق مۆئمىننىڭ ئىمان داۋاسى ئىسلام بىلەن كۇپىر ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن كۆرەشتە ئۆلچىلىنىدىغانلىقىنى، كۆرەش داۋامىدا ئىسلام ئۈچۈن جان ۋە ماللىرىنى، ۋاقىت، ئەمگەكلىرىنى سەرىپ قىلىشتىن قاچىدىغانلارنىڭ ئىمانىنىڭ ھەرگىزمۇ ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭدا كۆرۈنگەن نۇقساننى ھىچ قانداق دىنى پائالىيەت بىلەن تولدۈرىۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئىنىق بەلگىلەپ بەردى.

سۈرە تەۋبىنى مۇلاھىزە قىلىشتا مانا بۇ نۇقتىلار كۆزدە تۇتۇلغان چاغدىلا، ئاندىن ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنى ئاسان چۈشىنىپ كەتكىلى بولىدۇ.

**** ** *** **** **** ***** ****** *****

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە يۈنۈسنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 


[1]  نەسى - مەككە مۇشرىكلىرى كەبىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بەلگىلەنگەن ۋە ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇنلىغان قائىدىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ سودا مەنپەئەتىگە توغرىلاپ ئۆزگەرتىۋالغان بولۇپ، شۇ قاتاردا ھەتتا ھارام قىلىنغان تۆت ئاينىمۇ ئۆزلىرىنىڭ سودا مەنپئەتىگە توغرىلاش ئۈچۈن قەمەرىيە كالىندارىنى ئىشلىتىشنىڭ ئورنىغا شەمسىيە كالىندارىنى ئىشلىتىش قائىدىسىنى چىقىرىۋالغان بولۇپ بۇ قائىدە «نەسى قائىدىسى» دەپ ئاتىلاتتى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر