ئىشەنچ ۋە مۇھەببەتنىڭ كۆۋرۈكى سالام

تۈركىيەنىڭ بارلىق جامەلىرىدە بىر تۇتاش ئوقۇلىدىغان جۈمە خۇتبىلىرى - 18 (ئاۋازلىق)

722424
ئىشەنچ ۋە مۇھەببەتنىڭ كۆۋرۈكى سالام

ئىشەنچ ۋە مۇھەببەتنىڭ كۆۋرۈكى سالام

 

قال الله تعالى في كتابه الكريم:

وَإِذَا حُيِّيْتُم بِتَحِيَّةٍ فَحَيُّواْ بِأَحْسَنَ مِنْهَا أَوْ رُدُّوهَا إِنَّ اللّهَ كَانَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ حَسِيبًا﴿86﴾

قال رسول الله صلى الله عليه وسلم:

لا تَدْخُلُونَ الْجَنَّةَ حَتَّى تُؤْمِنُوا وَلا تُؤْمِنُوان حَتَّى تَحَابُّوا أَلا أَدُلُّكُمْ عَلَى شَيْءٍ إِن فَعَلْتُمُوهُ تَحَابَبْتُمْ أَفْشُوا السَّلامَ بَيْنَكُمْ

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: «ناۋادا بىرسى سىلەرگە ئىھتىرام بىلەن سالام بەرسە، ئۇنىڭغا تېخىمۇ ياخشى سالام بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇڭلار ياكى ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ سالامىغا باراۋەر سالام قايتۇرۇڭلار. اﷲ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىدىن ھېساب ئالغۇچىدۇر»[1]

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىس شەرىپتە مۇنداق دەيدۇ: «ئىمان ئېيتماي تۇرۇپ جەننەتكە كېرەلمەيسىلەر، بىر – بىرىڭلارنى سۆيمەي تۇرۇپ كامىل مەنىدىن ئىمان ئېيتقان بولالمايسىلەر. سىلەرگە بىر – بىرىڭلارنى سۆيۈشكە ۋەسىلە بولىدىغان بىر ئىشنى ئۆگىتىپ قويايمۇ؟ ئاراڭلاردا سالامنى يېيىڭلار (ئومۇملاشتۇرۇڭلار)»[2]

ئەزىز قېرىنداشلار! ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرسىمۇ «سالام» بولۇپ،  ئۇ تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىكنىڭ مەنبەسىدۇر. شۇڭا بىز ھەر نامازدىن كېيىن ئۇنىڭ «سالام» دېگەن ئىسمىنى زىكرى قىلىمىز. «ئاللاھۇممە ئەنتەس سالام ۋە مىنكەس سالام، تابارەكتە يا زەل جەلالى ۋە لىل ئىكرام» دەيمىز. يەنى، «ئىي ئاللاھىم سەن سالامسەن! تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك سەندىن كېلىدۇ. ئى ئىززەت ۋە ئىكرام ئىگىسى بولغان رەببىمىز! سەن نېمە دېگەن ئۇلۇغ» دەپ نىدا قىلىمىز. بىزلەرگە سالامەت ۋە ھىدايەت نىسىپ قىلىشىنى، تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىشىنى تىلەيمىز.

ئەزىز قېرىنداشلار! سالام؛ مۆئمىننىڭ سېمۋولىدۇر. قورقۇنچ، غەم - ئەندىشە ۋە خەۋپلەردىن ئىزاقلىشىشنىڭ، خاتىرجەملىك ۋە ئىشەنچنىڭ ئۆزىدۇر. شۇڭا بىز تونۇغان ياكى تونۇمىغان بارلىق مۆئمىنلەرگە سالام قىلىمىز. ئۇلار بىلەن ئىشەنچ ۋە مۇھەببەت رىشتىسى قۇرۇپ چىقىمىز. گەپ باشلاشتىن ئىلگىرى «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» يەنى، ئاللاھنىڭ سالامى سىلەرگە بولسۇن» دېيىش ئارقىلىق نىيەتلىرىمىزنى دۇئا بىلەن ئىپادىلەيمىز.  

سالام؛ دوست بولغانلىقىمىزغا ۋە قارشىمىزدىكى كىشىگە بىزدىن زىيان يەتمەيدىغانلىقىغا بەرگەن كاپالىتىمىزدۇر ئەسلىدە.

سالام؛ رەنچىش ۋە قېيىداشلارنى ئۇنتۇپ، قېرىنداشلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ ۋەدىسىدۇر. چۈنكى تەبەسسۇم بىلەن بېرىلگەن بىر سالام، رەنجىشلەرنى ۋە ئەندىشىلەرنى يوق قىلىدۇ. يۈرەكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، كۆيۈم – شەپقەت ۋە پەزىلەتكە ۋەسىلە بولىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار! سالام؛ قانداقتۇر ئادەتتىكى بىر سۆز ياكى كۈندىلىك ئادەت ئەمەس، بەلكى قۇلۇپلانغان ئىشىكلەرنى ئاچىدىغان، كۆڭۈللەرنى ئالىدىغان قىممەتلىك ئاچقۇچتۇر. شۇڭلاشقا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەت سەپىرىنى تاماملاپ مەدىنىگە يېتىپ كەلگىنىدە، ئۆزىنى ھاياجان بىلەن قارشى ئالغىلى چىققان خەلققە خىتاب قىلىپ، «ئى ئىنسانلار سالامنى كەڭ يېيىڭلار، مۇھتاجلارغا ياردەم قىلىڭلار، ئۇرۇق - توغقانلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار، كىشىلەر ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتلاردا كىچە نامىزى ئوقۇڭلار ۋە سالامەتلىك بىلەن جەننەتكە كېرىڭلار»[3] دېگەن ئىدى.

قىمەتلىك قېرىنداشلار! ئالەملەرگە رەھمەت قىلىپ ئەۋەتىلگەن پەيغەمبىرىمىز پۈتۈن ھاياتى بويىچە سالامنى ئېغىزىدىن چۈشۈرۈپ باققان ئەمەس. مەيلى ئەر، مەيلى ئايال، مەيلى ياش، مەيلى قېرى، مەيلى چوڭ، مەيلى كېچىك ھەممەيلەنگە سالام بەرمەي قالمايتتى. ئۇ مۆئمىنلەرگە «ئىسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئەڭ مەقبۇللۇققا ئېرىشىدىغىنى سالامنى ئالدىن باشلىغان كىشىدۇر»[4] دەپ تەلىم بەرگەن ئىدى. ھەتتا قەبرىدە ياتقانلارغىمۇ سالام بېرىپ خاتىرىجەملىك تىلىگەن ئىدى.

قېنى ئېيتىپ باقايلىكى، مانا مۇشۇنداق بىر پەيغەمبەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى تۇرۇغلۇق نېمە ئۈچۈن يان قوشنىمىزنى تونۇماي ئۆتۈۋېرىمىز؟ 

قانداقسىگە ئۇرۇق – تۇغقانلىرىمىزنى ۋە يېقىن - يورۇقلىرمىزنى سالامسىز تاشلاپ قويىمىز؟ ھەر بىرسى بىزگە ئامانەت ھېسابلىنىدىغان يوقسۇللارنى، يېتىم ۋە ئىگە – چاقىسىزلارنى قانداقسىگە كۆرمەسكە سېلىپ يۈرەلەيمىز؟

شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، ئاللاھنىڭ سالامىنى بەرمەسلىك ئەڭ چوڭ بىخىللىقتۇر. «سالام بەرسەم قەرىزداردەك بولۇپ قالىدىكەنمەن» دەپ ئويلايدىغانلار شۇنى بىلىپ قويۇشى كېرەككى، ئەسلىدە مۇسۇلمان سالام بەرمىگەندە قەرىزدار بولغان بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلمان ئۈستىدىكى ھەق – ھوقۇقىنى ساناپ بەرگەن چېغىدا، سالام بېرىشنىمۇ شۇ قاتاردا تىلغا ئالغان ئىدى[5].

ئەزىز مۆئمىن قېرىنداشلار! سالام ئالەمشۇمۇلدۇر. ئۇنىڭ زامانى ۋە ماكانى يوقتۇر. چۈنكى رەببىمىزنىڭ «سالام» دېگەن ئىسمى پۈتۈن ئالەملەرنى ئۆز قوينىغا ئالغان. تەن رەڭگى، ئىرقى، يولى ۋە ئولتۇرۇش – قوپۇشلىرى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەممىسى سالامغا مۇھتاجدۇر. ۋاقىت ۋە مۇساپىلەر سالام ۋە خاتىرجەملىكنىڭ شامالىنى توسۇپ قالالمايدۇ. دۇنيانىڭ ئۇزاق يەرلىرىدىن مەدىنىگە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يوللىغان سالاملىرىمىز ئۇنىڭغا توسالغۇسىز يېتىپ بارغانغا ئوخشاش، دىنىي قېرىنداشلىرىمىزغا، زۇلۇم ئاستىدىكىلەرگە ۋە ناھەقچىلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا يوللىغان سالاملىرىمىز بىلەن دۇئالىرىمىزمۇ توسالغۇسىز تېگىشلىك ئورنىغا يېتىپ بارىدۇ.

ئەزىز قېرىنداشلار!  ئاللاھ تائالا ۋەتىمىزگە، بارلىق ئىسلام دىيارىلىرىغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا سالامنى، سالامەتلىكنى، خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنى ھاكىم قىلسۇن.

ئىمانىمىزنى سالامغا، سالامىمىزنى ئامانلىققا ئايلاندۇرۇشنى بىزلەرگە نىسىپ قىلىسۇن.

ئاللاھنىڭ سالامى، رەھمىتى، بەرىكىتى ۋە خاتىرجەملىكى ھەممىزگە بولسۇن. ئامىن!!!

 


[1] سۈرە نىسا، 86 – ئايەت

[2] مۇسلىم – ئىمان بابى 93

[3] تىرمىزى، قىيامەتنىڭ سۈپەتلىرى بابى 42

[4] ئەبۇ داۋۇد، ئەدەب بابى 132- 133

[5] مۇسلىم، سالام بابى 5



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر