مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئىدىيە ۋە مەنىۋى جەھەتتىن پارچىلىنىشى

تارىخچى ئىبراھىم كالىن ئەپەندىنىڭ «مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئىدىيە ۋە مەنىۋى جەھەتتىن پارچىلىنىشى»نامىلىق ماقالەسى

722499
مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئىدىيە ۋە مەنىۋى جەھەتتىن پارچىلىنىشى

مۇسۇلمانلار ھازىرقى مەھرۇملۇق ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ ئىلمىي، ئەخلاقىي مۇھىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ چىقىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە يىلتىزىغا چىڭ يېپىشقان ئاساستا، دۇنياغا كەڭ نۇقتىئىينەزەردىن نەزەر سېلىشى تولىمۇ مۇھىم.

مۇسۇلمانلار دۇنياسى پارچىلىنىش، مەھرۇملۇق، ئاجىز ۋە ناچار ھاكىمىيەت تۈپەيلى ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە. مۇسۇلمان دۇنياسىغا نىسبەتەن تارىختىن بۇيان تىنچلىق دىيارى بولۇپ كېلىۋاتقان زېمىنلار نۆۋەتتە سىياسىي پارچىلىنىش ھادىسىسىگە دۇچار بولماقتا. ئىچكى ئۇرۇشلار، مەزھەپ ۋە قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار، ئشىغالىيەتلەر، ھەربىي زەربىلەر، ئاجىز دۆلەتلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر مۇسۇلمان مەملىكەتلەرنىڭ تەبىئىي ۋە ئىنسان بايلىقىنى ۋەيران قىلماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا باش كۆتۈرگەن سىياسىي پارچىلىنىش كىشىنى ئەندىشىگە سالسىمۇ، بىراق مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ نۆۋەتتە ئىدىيە ۋە مەنىۋى جەھەتتىن پارچىلانغان ۋەزىيەتتە تۇرۇشى كىشىنى تېخىمۇ ئېچىندۈرىدۇ.

ئۆتمۈشتە مۇسۇلمان ئىمپېرىيەلەر، دۆلەتلەر ۋە خانلىقلار سىياسىي پارچىلىنىش ۋە ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلەردىن زور دەرىجىدە نىسىۋېسىنى ئالدى. بىراق بالقانلار ۋە ئافرىقىدىن ئوتتۇرا شەرق ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغىچە سوزۇلىدىغان مۇسۇلمانلار دىيارلىرىنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرىدىغان ئىجتىمائىي تەسەۋۋۇر كۈچى ھەر ۋاقىت كۈچلۈك بولۇپ كەلدى، ئەڭ ئىلمىي ۋە مەنىۋى نۇقىتىئىينەزەرگە ئەھمىيەت بېرىش ئۈممەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەرىپى ئىدى، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى زىھنى، ئىدىيە ۋە مەنىۋى جەھەتتىن بىرلەشتۈرگەن ئامىل سىياسىي، ئېتنىك ۋە مەزھەپ ئوخشىماسلىقلىرى  ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانىدى،شۇڭا مۇسۇلمان دۇنياسى نۆۋەتتە بۇ روھنى قايتىدىن بەرپا قىلىشقا مەجبۇردۇر.

ئەنئەنىۋى مۇسۇلمان جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىلمىي نۇقتىئىينەزىرى ۋە ئىجتىمائىي تەسەۋۋۇر كۈچى تەۋھىد، ئادالەت ۋە ئەخلاق ئۈستىگە قۇرۇلغان. شۇنداقلا، ئىلاھىي ئاشىق ۋە باشقىلارغا سۆيگۈ قاتارلىقلارمۇ بۇ ئاساسلاردىن ھېسابلىناتتى، ئىنسان ئېتىقادىنىڭ تەقەززاسى بويىچە، ئالاھنى، تەبىئەتنى ۋە باشقىلارنى سۆيۈشكە مەجبۇردۇر. دۇنيا ئىنسانلارغا «ئامانەت»بېرىلگەن بولۇپ، ئىنسانلاردىن ئامانەتكە ئىگە چىقىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. بۇ دۇنيا قارىشى دۇنيانىڭ پانىيلىقىنى ۋە ئېھتىماللارغا تولغانلىقىنى ياقلايتتى، بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، يەنى ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلالايدىغان ئاپتوماتىك ۋە مىخانىكىلىق كۈچكە ئىگە ئەمەس، بۇ دۇنيا مەلۇم غايىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن مەۋجۇت بولۇپ، بۇ پانىي ئىنسانغا بۇ دۇنيادا ئېتىقاد، ئادالەت ۋە ئەخلاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا پەقەت ياخشى ئەمەللىرىمىز، قىلغان خەيىرلىك ئىشلىرىمىزلا قىممەتكە ئىگە بولىدۇ.

بۇ دۇنيا قارىشى ۋە ئىنسانلارغا نىسبەتەن  مەنىسى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى بارلىق ئىنسانلار ئۈستىدە نوپۇز تىكلىگەن. ئاددىي بىر دېھقان ۋە موزدوزدىن چوڭ بىنكارلار، ئالىملار، سودىگەرلەر ۋە دۆلەت ئەربابلىرىغىچە بولۇپ بارلىق ئادەملەر بۇ دۇنيانىڭ كۈلپەت ۋە قىيىنچىلىقتىن ھالقىغان ئىلاھىي ھەقىقەتنىڭ ئىلمىي ۋە مەنىۋى ھاۋاسىدىن نەپەس ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان. قۇدرەتلىك قوشۇنلار، ئۇرۇشلار ۋە ئىمپېرىيەلەر ياشاپ ئۆتكەن بولسىمۇ، مۇسۇلمان جامائەتلىرىنىڭ ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرى قوغدىلىپ كەلگەن. مۇسۇلمان دۇنياسى ۋۇجۇدقا چىقارغان ئەڭ چوڭ بىلىم، سەنئەت ۋە ئىرپان ئەسەرلىرىنىڭ ماكانى بولغان زېمىنلارغا قىلىنغان ئەھلى سەلەب ئۇرۇشلىرى بىلەن موڭغۇل ئىشغالىيەتلىرى ھەرگىزمۇ تاساددىپىي ئەمەس. ئەھلى سەلەبلەر 1099-يىلى قۇددۇسنى بېسىلىۋېلىپ بۇ مۇقەددەس زېمىننى قانغا بويىدى. موڭغۇللار بولسا ئالدىغا ئۇچرىغان ھەر قانداق نەرسىنى ۋەيران قىلىپ ماڭدى، 1258-يىلغا كەلگەندە باغداد كوچىلىرىنى قان دەرياسىغا ئايلاندۇرۇپ ئەينى چاغدا قۇدرەتلىك ھېسابلىنىدىغان ئابباسىيلار ئىمپېرىيەسىنى يوق قىلدى. مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ئۇرۇشلار 12 ۋە 13-ئەسىرلەر،شۇنداقلا ئۇنىڭدىن كېيىنكى دەۋىرلەردە ئىزچىل داۋاملاشتى. بۇنچىۋېلا پاجىئە ۋە ۋەيرانچىلىقلار ھەر قايسى ئىلمىي ۋە مەنىۋى بىلىملەر ساھەسىدە مۇسۇلمان ئالىملار، مۇتەپەككۇرلار ۋە مۇئەللىپلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ۋە تەرەققىي قىلىشىغا توسالغۇ بولالمىدى. ئىمامىي غەززالى، فەخرى ئەل دىن ئەل رازى، ئەل-سۇيۇتى، ئىبىن سىنا، ئىبىن رۇشد، ئىبىن خازىم، ئىبىن تۇفايىل، ئىبىن باججاھ، مەۋلانا جەلالەددىن رۇمى، ئىبىن ئەرەبى، سۇخراۋەردى، ئەل بىرۇنى، ناسىر ئەل دىن ئەل تۇسى، ئىبىن خالدۇن قاتارلىق ئالىم ۋە مۇتەپەككۇرلار ئۆزلىرىنى قورشاپ تۇرغان سىياسىي ۋە ھەربىي كۈچلەرنىڭ ئەكسىچە دۇنياۋى مەدەنىيەت رويايقا چىقىرىشتى.

كەسكىن سىياسىي ۋە ھەربىي توقۇنۇشلار ئاددەتتىكى كىشىلەردىن سىرت يەنە ئىلمىي ۋە سەنئەت ساھەسىگە ھاياتىنى بېغىشلىغان مۇنەۋۋەر كىشىلەرگىمۇ كۈچلۈك خاتىرجەمسىزلىك ئېلىپ كەلدى. لېكىن بۇ ناچار ۋەزىيەت ئىلمىي ھورۇنلۇق ۋە ئەخلاقىي چىرىكلىكنى يوللۇق قىلىش ئۈچۈن  باھانە بولالمايتتى، ئەكسىچە ئۈممەتنىڭ ئىلمىي ۋە مەنىۋى باشلامچىلىرى كىرىزىس ۋە پاجىئەلەرنى يېڭىلىقچى، مۆتىدىل ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇپ پۇرسەتلەرگە ئايلاندۇردى. ئۇلار ئەسەرلىرىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن سىياسىي ۋە ھەربىي بۆھرانلارنىڭ ھەل بولۇشىنى كۈتۈپ ئولتۇرمىدى، بەلكى ئۇلارنىڭ كۈچلۈك ۋە سەۋىيەلىك ئەسەرلىرى ئۇزۇنغىچە سىياسىي توقۇنۇشلارنىڭ ھەل بولۇشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

مۇسۇلمان پەيلاسوپلار، ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە سەنئەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئىختىلاپلىرى يۈز بەرگەنلىكى رىئاللىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئەسىرلەردىن بېرى ئىلمىي ۋە مەدەنىيەت-سەنئەت ئەنئەنىسىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىجتىمائىي تەسەۋۋۇر ۋە ئىلمىي نۇقتىئىينەزەردىن خالىي بولمىدى.  ئۇلار«خىلمۇ خىللىق ئىچىدىكى بىرلىك» پىرىنسىپىنى داۋملاشتۇرۇپ كەلگەن ئۇقۇم ساھەسىدە ھەرىكەت قىلدى،  بۇ بىرلىكنىڭ تاق يۆنىلىشلىك ئەمەسلىكىنى ۋە خىلمۇ-خىل ۋە رەڭدارلىقىنىڭ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلمىغانلىقىنى ياقلاپ كەلدى.

بۇ ئىلمىي ۋە مەنىۋى نۇقتىئىينەزەردىكى بىرلىك ۋە پۈتۈنلۈك ھازىرقى مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا يوقلىقى ھەممىمىزگە بەش قولدەك ئايان. ئەپسۇسكى، مۇسۇلمان زىيالىيلار نۆۋەتتە نە ئۆز ئەنئەنىلىرىگە قەلبىدىن سادىق ئەمەس نە يېڭىچە دۇنيا قارىشى ھېسابلىنىدىغان سېكۇلار مودېرنىزىم (دىندىن خالىي زامانىۋى دۇنيا قارىشى)نى قوبۇل قىلىشقا رازى ئەمەس. ئۇلار شان-شۆھرەتكە تولغان ئۆتمۈش، توقۇنۇشلار قاپلاپ كەتكەن ھازىرقى ۋاقىت ۋە مەجھۇل كەلگۈسى ئوتتۇرىسىدا تىڭىرقاپ يۈرمەكتە. يەر شارىلاشقان ۋە ئۆز-ئارا ھەمكارلىق كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا سىياسىي، مەدەنىي ۋە مەزھەپ كىملىكىمىز نەزەر دائىرىمىزنى ۋە ئىنكاسلىرىمىزنى زىددىيەتلىك ۋە تىراگېدىيەلىك ھالدا  غۇۋالاشتۇرماقتا. ئاقىۋەت، بەدىلى تېخىمۇ ئېغىر بولغان ئىدىيە ۋە مەنىۋى پارچىلىنىش كېلىش چىقتى، بۇ ئەھۋال مۇسۇلمان دۇنياسىدا روشەن ھېس قىلغىلى بولىدىغان زىددىيەتلەرنى، ئايرىمچىلىقلارنى ۋە ئوخشىماسلىقلارنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، ياتلىشىشنى كۈچەيتىۋەتتى، ئايىغى ئۈزۈلمەيدىغان توقۇنۇشلارنى پەيدا قىلدى.

مۇسۇلمانلار ھازىرقى مەھرۇملۇق ھالىتىدىن قۇتۇلۇپ ئىلمىي، ئەخلاقىي مۇھىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلىپ چىقىش بىلەن بىرگە، ئۆزلىرىنىڭ ئەنئەنىسى ۋە يىلتىزىغا چىڭ يېپىشقان ئاساستا، دۇنياغا كەڭ نۇقتىئىينەزەردىن نەزەر سېلىشى تولىمۇ مۇھىم. سىياسىي ئىختىلاپ پەقەت نۆۋەتتىكى دۇنيانى چۈشىنىش ئۈچۈن ئورتاق پىرىنسىپلار بەرپا قىلىنسا ئاندىن تۈگىشى مۇمكىن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر