8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

ئەرلەر جىسمانىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكىنى ئاياللاردىن ئۈستۈن ياشاشنىڭ دەسمايىسى قىلماقتا.

687130
8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز!

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: بۈگۈن خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز، شۇنداقلا ت ر ت تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمى نامىدىن ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىمىزغا ئالاھىدە ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا جىنسىي ئايرىمىچىلىققا ئۇچرىغان، ھەر خىل ھۇجۇم ۋە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن ئاياللار بار. ھەر كۈنى تارقىلىۋاتقان خەۋەرلەردە، نامەلۇم ئايال كىشىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى، تاياق يىگەنلىكى ياكى ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەرلەر جىسمانىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكىنى ئاياللاردىن ئۈستۈن ياشاشنىڭ دەسمايىسى قىلماقتا. ئاياللارغا «ئىنسان» بولۇش سۈپىتى بىلەن تېگىشلىك ھۆرمەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئەرلەرنىڭ زېممىسىگە چوڭ ۋەزىپىلەر يۈكلەنگەن. پەقەت بولمىغاندا، بىر يىلنىڭ بىر كۈنىدە ئۇلارنىڭ بىز ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى خاتىرىلىشىمىز پايدىلىق ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر